مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 342|ئىنكاس: 7

پەقەتلا تۇيغۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46378
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 12:32:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   -ئەزىز مېھمانلار، قا شاڭجاڭ يېزىمىزنىڭ تۈۋرۈكى. مانا ئەمدى شاڭجاڭنىڭ بۇلبۇلدەك قىزى مەرۋە  چوڭ داشۆدە ئوقۇپ كەپتۇ.بۇ يېزىمىز ئۈچۈن شەرەپ. شۇڭا مەرۋە قىزىمىزغا ئاتاپ بۇ سورۇننى تەييارلىدۇق. قېنى، قا شاڭجاڭ، كەڭ- كۇشادە ئولتۇرايلى...
  ئوچۇقلا ئېيتىلىۋاتقان ياغلىما گەپلەردىن ئىچىم سىقىلىپ، زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتىم.بۇ مولچىلىق سورۇن مېنىڭ شەرىپىم ئەمەس، دادامغا قىلىنغان شەكلى ئۆزگەرگەن خوشامەت داستىخىنى ئىدى. دادام بۇنداق سورۇنلارغا كۈنۈك بولسا كېرەك، كاۋاپقا تېگىش قىلغىلى تۇرۇپتۇ. باشقىلارمۇ، سەندىن مەن قالامتىم، دېگەندەك مالاشلاپ يېيىشىۋاتاتتى.ئالدىمدىكى داستىخان بىلەن نېرىقى ئۈستەلدىكى پەرقلىق قويۇلغان تائاملارنى كۆرۈپ يېيىشكە رايىم بارمىدى.بىر سورۇندىكى ئادەملەرنى دەرىجىگە ئايرىپ تاماق تارتىش تۇرمۇشىمىزغا قاچان كىرگەن بولغىيدى؟
     ھاراقلارمۇ كەلتۈرۈلدى. دادامغا، باغنى ئايلىنىپ كېلىشنى ئېيتىپ، سورۇندىن ئايرىلدىم. كەنت باشلىقىنىڭ بۇ بېغى ھەقىقەتەن كەڭتاشا ، گۈزەل ئىدى.  پىشىپ تۈكۈلگەن ئۈرۈكلەر يۇمران بېدىلەر ئۈستىدە كۆزگە تاشلىناتتى. باغنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ،ئۆستەڭ بويىدىكى قويۇق پىچانلار ئۈستىدە ئولتۇردۇم.باغ تەرەپتىن دۇتارغا ئەگىشىپ ئاغىل-تاغىل توۋلىغان ناخشا ئاڭلاندى.ئۇدۇلدىكى ئىشىكتىن دادامنىڭ كەنت باشلىقى بىلەن چاقچاقلىشىپ سەت ھىجىيىپ ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. يەنىلا دادامنىڭ سۈرلۈك، ئېغىر- بېسىق ھالىتى بولىدىكەن، دەپ ئويلىدىم. ئۆستەڭ نېرىسىدىكى ئېڭىزلىقتا دېھقانلار كۈيۈك ئاپتاپقا قارىماي بۇغداي ئۆنچىسى توشۇۋېتىپتۇ.باغدىكى تاماشا بىلەن ئالدىمدىكى مەنزىرە سېلىشتۇرما بولۇپ،ناخشا-ئۇسسۇل دېگەنگە ئۆچلىكىم كەلدى. بىرى ئېتىزدا تەرلەپ- پىشىپ ئىشلىسۇن، بىرى ئادەم زاڭلىق قىلغاندەك مەس- ئەلەس يايرىسۇن. جاھان نېمىدېگەن غەلىتە؟
  خىيال بىلەن ئولتۇرغىنىمدا، نېرىدا كېتىۋاتقان ھارۋا دۆڭدىن چۈشۈپلا ئۆرۈلۈپ كەتتى.ئاڭغىچە ئىككىيلەن يۈگرەپ كەلدى.مەن باردىميۇ، نېمەقىلىشنى بىلەلمەي جىددىيلىشىپ كەتتىم. يىگىت ئاخىرى ھارۋىنى كۆتۈردى.ئۆنچىلەرنى قايتىدىن بېسىپ، ئارغامچىنى چىڭىتتى. تەر چىپىلداپ تۇرغان بويۇن- پاتتاڭلىرى قىزىرىپ كەتكەنىدى.ئۇ كەينىگە بۇرۇلغاندا، ھاڭۋېقىپ تۇرغان مېنى كۆردى.
-        كۆرىدىغان تاماشا بارمىكەن؟!
   خۇددى بىرسى تىللىغاندەك ئەندىكىپ، ئۇيەردىن ياندىم.ئۆيگە كېلىپمۇ چىرايىم ئېچىلمىدى. يىگىتنىڭ قەھرىلىك چىرايى كۆز ئالدىمدىلا ئىدى... كۆرىدىغان تاماشا بارمىكەن؟... كۆرىدىغان تاماشا بارمىكەن...
   كۈنلەر ئۆتمەكتە. بىكارچىلىقتا كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ، قايناق بازارغا كېلىپ قاپتىمەن. ئىس پۇرقۇتۇپ كاۋاپ يەلپۈۋاتقان كاۋاپچى ئالدىدىن ئۆتۈپ تۇرغانلار قارىسۇن-قارىمىسۇن،يەنە بىر قولىدىكى كاۋاپلارنى تەڭلەپ ھەدەپ توۋلايتى.
-        كەلسىلە خېرىدار، كەلسىلە! مانا بىركويغا ئۈچ! ئەركەك پاقلاننىڭ گۆشىدە ئەتكەن كاۋاپ!...
خېرىدار خېلى كۆپەيدى، كاۋاپچى يەنىلا بولۇشىچە توۋلاپ خېرىدار چاقىراتتى.كاۋاپچىنىڭ تەرلەپ كەتكەن گۆشلۈك بوينى، ئېچىلىپ قالغان يۇڭلۇق مەيدىسى، كۆينەك تۈگمىلىرىنى ئۈزۈۋېتىدىغاندەك تارتىشتۇرۇپ تۇرغان سېمىز قورسىقى ئۇنى تاپقاننى يەپ، خارقىراپ ئۇخلايدىغان لەقۋا، بىغەم ئادەمدەك كۆرسىتەتتى. نېرىدا بوۋاي- موماي دېيىشكە بولمىسىمۇ، خېلى قېرىغان پاكار بويلۇق ئادەم بىلەن ئۇرۇق ئايال كاۋاپ سېتىۋاتاتتى. ئالدىدا  خېرىدار يوق.ياندىكى كونا شىرەدە ( سېتىلمىغان بولسا كېرەك) زىخقا ئۆتكۈزۈپ قويغان ئۈچەي كاۋاپلار جېقلا تۇراتتى. مەن كاۋاپ يەپ بولۇپ ماڭدىم، ماڭدىميۇ دەرھال كەتكىم كەلمەي بىرياندا تۇردۇم. سېمىز كاۋاپچى يەنىلا ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە كاۋاپنى تەڭلەپ توۋلايتى. پاكار بويلۇق ئادەم توۋلاپمۇ خېرىدار كەلتۈرەلمەسلىكىگە كۆزى يەتكەندەك جىمجىت ئىدى. پەقەت چوغى ئۆچەي دەپ قالغان كاۋاپداننى يەلپۈپ،ئۆتكەنلەرگە ئۈمىدلىنىپ قاراپ قوياتتى. كىشىلەر پەرۋاسىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇرۇق ئايال ياندا كاۋاپ يەۋاتقانلارغا قاراپ، كۆزىنى ئېلىپ قاچقاندەك قىلدى.يەرگە تىگىپ قالغان بوز كۆينىگىنى  تۈزىگەن بولۇپ ئۆتكەنلەرگە  بويۇن قىسىپ قارىدى.شۇچاغدا ئايالنىڭ ئۇرۇق بوينىدىكى تېرىلىرى لىپىلداپ، قىسىلغان كۆزلىرى چىمچىقلىغاندەك بىلىندى. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ باشقا ياققا قارىۋالدىم.
كەچ كىرىپ قالغانىدى. كۆزلىرىم ئىختىيارسىز يەنە شۇ تەرەپكە بۇرۇلدى. ئۇرۇق ئايال ئەتراپىغا ئەلەڭلەپ قاراپ نان يەۋاتاتتى.ئاخىرى بىر ئادەم كەلدى.ئۇ ئۈچەي كاۋاپلارنى قولىغا ئېلىپ، ئۇيان - بۇيان قاراپ ئېغىزىنى پۈرۈشتۇدى.ئۇرۇق ئايال، خېرىدار كېتىپ قالارمۇ ؟  دېگەندەك ئورنىدىن قىمىرلاپ كەتتى. ئاغزىدىكى ناننى يۈتۈپ بولالماي تۇرۇپ، ئۆزى سەزمىگەن ھالدا يەنە تېز- تېز چىشلەپ كەتتى.بىر قولىدا كۆينىكىنىڭ ئۇچىنى چىڭ سىقىمداپ تۇتۇۋالغانىدى. نان قاتتىق بولسا كېرەك، ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ تۇراتتى.
خېرىدار ئۈچ زىخ كاۋاپ بۇيرۇتتى.ئۇرۇق ئايال سەل پەسكويغا چۈشكەندەك، ئەتراپقا مىسكىن كۆزلىرىنى تىكتى.مەن چىداپ تۇرالمىدىم؛‹‹- ئىسسىت، جان باقماق نېمانداق تەس،نېمانداق تەس؟...››
كۆزۈمگە ئىس كىرگەندەك ئېچىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە بىرەر چوڭ ئىش يۈز بەرگىنى يوق.ئۆزەمدىن نومۇس قىلدىم.باياشات، خاتىرجەم تۇرمۇش مېنى بەكلا تاپتىن چىقىرىپتۇ. تايىنى يوق نەرسىلەرگە كەتكەن پۇللىرىمغا ئەمدى قارنىم ئاغرىدى.مەن مۇنداقلا خەجلىۋەتكەن پۇللارنى بۇ كاۋاپچى نەچچە كۈندە تاپسا تاپىدىكەن، بولمىسا يوق. ئىسسىت! بەخت بېقىنىمغا ئۈسۈپ،بىمەنە ئىشلارغا بېرىلىپ ياشاپتىمەن...
   ئۇ جايدىن بۇرۇلۇپ ماڭدىم. قانداقتۇر ئالدىراش، بىپەرۋا، پوچى، بىچارە،خۇشال، غەمكىن چىرايلار ئالمىشىپ ئۇيان- بويان ئۆتۈپ تۇراتتى.ھەممە ئادەم ئۆز غېمىدە،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش. باينىڭ ئەسلى غېمى بار،نامراتنىڭ تېخى. قانداقلارچە ئاشۇنداق بىر تۇرمۇش رېتىمىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ھەيران ئىدىم.
يەنە ئۇرۇق ئايال كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.‹‹ بەلكىم ياش ۋاقتىڭدا تۈزۈك ئوقۇماي،ئىشەك ھاڭرىغان، داپ تاراڭلىغان يەرلەردە يۈرگەن بولغىيدىڭ.شۇڭا كۆرگەن كۈنۈڭ مۇشۇ...›› دەپ، بايىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلغان ھېسداشلىقنى يوقاتماقچى بولدۇم.ئارقىدىنلا بۇ خىيالدىن يېنىۋالدىم.ياخشى ئوقۇسىلا بەختلىك ياشاپ كېتەمدىكەن ؟ چوقۇم خىزمىتىمنى قەدىرلەيمەن، دەپ ئويلىدىم.
   سېنتەبر ئايلىرى. دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدىم. بىر ئايالنى ھاپاش قىلىغان بىرەيلەن  كىرىپ كەلدى.ئۇ ئايال يىگىتنىڭ ئاپىسى ئىكەن. يىگىت تۇنۇشتەك بىلىندى،لېكىن نەدە كۆرگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم. بولدىلا،ماڭا مۇھىمى كېسەل داۋالاش.ئايالنىڭ پۇتىدىكى قايناقسۇدا كۆيۈپ، قاپىرىپ چىققان تېرىلەرنى كەسكىچە،ئايال چىشىنى چىشلەپ چىداپ تۇردى. ئوغلى ئاپىسىنىڭ قولىدىن چىڭ تۇتۇۋالغانىدى.
ئۇ ئايالغا نەچچە كۈن ئوكۇل ئېسىلدى.مەن ۋاقتىم بولسىلا كىرىپ ئەھۋال سورايتىم.ئۇمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا كېرەك،ئۆي ئەھۋالى،ئېرىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى،بىللە كەلگەن ئوغلى زاھىرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ دېھقانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.ئۇ ئوغلىنى ئوقۇتالماي بەكمۇ ئۆكۈنگەن ئىكەن. دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئۇ ماڭا قىيالمىغاندەك قايتا-قايتا خوشلىشىپ كېتىپ قالدى.
  ئىيۇل كۈنلىرى. كەنتلەرگە بۆلۈنۈپ ئىممونىتلاش ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق.مەھەللىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈپ، كەچ بولغاندا زاھىرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قاپتىمەن.ئۇلار قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى.مەن زاھىرنىڭ ئوغرىلىقچە مېنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ،تاماقتىن كېيىنلا  قايتىشقا ئالدىرىدىم.
-        زاھىر ئوغلۇم، مەرۋە قىز كەچ قاپتۇ. ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىن. يول بۇيىدىكى باغدىن ئۈرۈك ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇما-ھە.
-مانا ھازىرلا، -ئۇ ، تازا پۇرسەت كەلدى، دېگەندەك شادلىنىپ موتوسىكلىتنى تارتتى. باغقا كەلگىچە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بىز قۇيۇق ئۈزۈم تاللىرىنى ئايلىنىپ ماڭدۇق. سارغىيىپ پىشقان ئۈرۈكلەر كەچكى ئاپتاپتا تېخىمۇ سۈزۈك كۆرۈنەتتى. يېقىنلا يەردە سۇنىڭ شاۋقۇنى ئاڭلىناتتى.مەن ئەتراپقا تويماي قاراپ كەتتىم.
- زاھىر، ئېسىڭىزدىمۇ؟  تۇنجى كۆرۈشكەندە،  ماڭا تەرىڭىزنى تۈرۈپ قاتتىق تەگكەن ئىدىڭىز.
-بۇ قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ ئىلگىرى ئىككىمىز كۆرۈشكەنمۇ ؟
-ئۇنتۇپ قاپسىز. ئالدىنقى يىلى ئىنىڭىز ھەيدەپ ماڭغان ھارۋا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە ،مەن شۇ يەردە ئىدىم.
-        ھە، ھارۋا ئۆرۈلۈپ،..شۇنداق ئىش بولغاندەك ئېسىمدە، ئۇ سىزمىدىڭىز؟
-        شۇنداق، گېپىڭىز بەك ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
زاھىر باشقا گەپ قىلماي، قىزارغان ئۈرۈكتىن ئىككىنى ئۈزۈپ ماڭا سۇندى. قۇيۇق ساقاللىرى ئۇنى سۈرلۈك كۆرسەتسىمۇ،ماڭا يەنىلا ئىسسىق چىراي بىلىندى.
-        يۈرۈڭ،دەريا بۇيىغا بارايلى. تۇرۇبا سۈيىنى ئىچىۋەرمەي،دەريانىڭ شاش سۇلىرىنىمۇ ئوچۇملاپ ئىچىپ بېقىڭ.
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈمسىرىدىم. چاپچىپ ئېقىۋاتقان سۇ دولقۇنلىرىدىن سالقىن ھىد ئۇرۇلاتتى. ئىچىپ راھەتلىنىپ قالدىم. بالىلاردەك سۇ چېچىپ ئوينىغۇم بولسىمۇ، ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ كەينىمگە ياندىم.
-        كېلىڭ، سۇ كېچىۋالماڭ يەنە،- ئۇ ئالقانلىرىنى سۇنۇپ ماڭا ئىنتىلىپ تۇراتتى. ئويلاشمايلا قولۇمنى چىقاردىميۇ، تارتىۋالدىم.
-        بولدى،ئۆزەم ماڭاي،-مەن ھالرەڭ كۆينىكىمنىڭ ئۇزۇن ئېتەكلىرىنى يىغىپ قىرغاقتىن چىقتىم.ئۇ ماڭا بەكلا يېقىن ماڭدى.بەدىنىدىن گۈپپىدە ئىسسىق كېلىپ تۇراتتى.
-        ئىلگىرى ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆيدە ئىچىم سىقىلىپ ئولتۇراتتىم. ھازىر خېلى راھەتلىنىپ قالدىم. بۇيەر بولىدىكەن جۇمۇ.
-        يەنە كېلىشنى خالامسىز؟ مەن سىزنى تېخىمۇ ياخشى جايلارغا ئاپارسام دەيمەن.
-        ئەلۋەتتە خالايمەن. بىراق ھېچ چۈشەنمىدىم.  بۇنچە قىزغىن بولۇشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە ؟
-        مەقسەت دەمسىز؟ سىز خوش بولسىڭىزلا بولدى ئەمەسمۇ؟
-        جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا بولۇپ قالمىسۇن يەنە.
زاھىر ماڭا قاراپ كۈلۈۋەتتى،-مەن جىنما ؟ تازا قاملاشمىغان بىر نېمىگە ئوخشاتتىڭىزغۇ ؟ جىن بولغاندىكىن سىزنى يەۋىتەي، -ئۇ شۇنداق دەپ، يوغان قوللىرىنى يۈرەكلىك ھالدا  بىلىكىمگە ئۇزاتتى.
-        ياق ،ئەمدى قايتاي،- مەن سەگەكلىشىپ تېز- تېز يۈرۈپ كەتتىم.
-        توختاڭە،- ئۇ كەمىرىگە قىستۇرۋالغان پىچاقنى غىلاپ بىلەنلا سۇغۇرۇپ ماڭا سۇندى،- سىزگە ئالتۇن ئۈزۈك دېگەنلەرنى سوۋغا قىلالمايمەن.بۇ پىچاق سىزگە ھەمراھ بولسۇن، يۈرىكىڭىز توق تۇرىدۇ.
قىزلارغا پىچاق سوۋغا قىلغاننى كۆرمىگەچكىمۇ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم.ئۇ جاۋابىمنى كۈتمەيلا، پىچاقنى سومكامغا سېلىپ قويدى.شۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئىسسىق تىنىقلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى.كەچتە ئۆيگە كېلىپ  بىرخىل غەلىتە،يېقىملىق تۇيغۇ ئىچىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
كېيىن ئۇ مېنى پات- پات ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. راستنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ مەغرۇر، ئۇرغۇپ تۇرغان شاش ئاتتەك مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتىم.
بىر كەچقۇرۇن دىجۇرنىخانىدا ئولتۇرۇپ، تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرغا قاراۋاتاتتىم. ئۇدۇلدىكى يولدا ھەيۋەت بىرگەۋدە موتوسىكىلىتنى توختاتتى.ئۇ زاھىر ئىدى.
-        ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ يامغۇردا كىمنى ساقلاۋاتىسىز؟-ئۇ ئىشىكتىن مەغرۇر كىرىپ كەلدى. ھۆل بولۇپ كەتكەن كۈلرەڭ كۆينىكى  كەڭ يەلكىسگە چاپلىشىپ كەتكەن ،چېچىدىن سىرغىپ ئېقىۋاتقان يامغۇر سۈيى قاڭشىرىغا، بۇيۇنلىرىغا چۈشۈۋاتاتتى.
-        ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بىرەر ئاق ئاتلىق شاھزادە كېلىپ قالسا، مېنى ئېلىپ كېتەرمىكىن ، دەپ ساقلاۋاتىمەن.-مەن شۇنداق دەپلا كۈلۈۋەتتىم.
-        ھازىر شاھزادىلەر ئات مىنمەس بولۇپ كەتتى. مەندەك كۆك موتولۇق شاھزادە ئېلىپ قاچسىچۇ؟- ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ،كۆزقىسىپ قويدى.- يۈرۈڭ، سىزنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم.
-        بولمايدۇ، دىجورنى ئىكەنلىكىمنى كۆرگەنسىز ؟
شۇ ئارىلىقتا كىرىپ كەلگەن خىزمەتدىشىم گەپنى بۆلۈۋەتتى.جىددىي كېسەل كېلىپ قالغاچقا،  زاھىر بىلەن ئالدىراپ خوشلىشىپ ماڭدىم.
-        مەن بۈگۈن سىزنى دەپ كەلگەن، ئىشىڭىزنى تۈگەتكۈچە ساقلايمەن.
-        بىكار ئاۋارە بولىسىز، راستتىنلا ۋاقتىم يوق،- ئۇنىڭ نېمە دېيىشىنى كۈتمەيلا كىرىپ كەتتىم. سېستىرالار جىددىي ھالدا تۇغۇتلۇق ئايالنى بالنىست بۆلۈمىگە ئېلىپ ماڭغان ئىكەن. ئايالنىڭ ئېچىنىشلىق داد- پەريادى دوختۇرخانىنى بىر ئالدى... ئىڭەلەپ يىغلاۋاتقان بوۋاقنى ئۇرۇنلاشتۇرۋېتىپ يىنىك نەپەس ئالدىم. جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسام كېرەك، چىكەمدىن تەر قويۇلۇپ تۇراتتى.سائەت ئون بىرگە داڭ ئۇردى.ئىشنى تۈگىتىپ چىقسام، زاھىر دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپتۇ. كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم.
-        قالتىسقۇ، ھىندىستان كىنولىرىنى جېق كۆرىدىكەنسىز-ھە، مۇشۇ ئۇسۇلدا مېنى تەسىرلەندۈرمەكچىمۇ؟
- كىنو بىلەن ئانچە خوشۇم يوق.  چىقمىغان بولسىڭىز مۇشۇ يەردىلا ياتاتتىم، قانداق؟- ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنە مەغرۇر كۈلكە ئەكس ئەتتى.مەن سۇس كۈلۈمسىرەش بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم.
- ھە راست، سىزگە نېمە سوۋغا قىلسام بۇلار؟
-بىلەمسىز؟ ماڭا سوۋغات مۇھىم ئەمەس.  پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى،- ئۇنىڭ ئادەتتە سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان بۈركۈت كۆزلىرى مۇلايىملارچە تىكىلدى. بەرداشلىق بېرەلمەي  باشقا ياققا بۇرۇلدۇم ۋە ئاستا گەپ باشلىدىم:
- سەھەردە چۈشۈمدە سىزنى كۆرۈپتىمەن. گۈزەل بىردالىدا ماڭا قاراپ كېلىۋاتقۇدەكسىز.ئالدىڭىزدىن نۇرغۇن ئاق كەپتەرلەر ئۇچۇپ ھەرتەرەپكە ئۆرلىگۈدەك.سىزگە ھەۋەسلىنىپ كۈلۈمسىرەپ قاراپتىمەن،لېكىن تۇرۇپلا چىرايىڭىز ئۆزگىرىپ قېرىپ كەتكۈدەكسىز.ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپتىمەن،يىغلاپتىمەن.ھەرقانچە قىلساممۇ ئالدىمغا ماڭالماي،سىزگە قولۇمنى سونۇپتىمەن.سىز كېتىپ قاپسىز.شۇ ھالەتتە ئويغىنىپ كەتتىم.لەۋلىرىم راسىتلا يىغلىغاندەك ئۆمچىيىپ  كېتىپتۇ. بۇ چۈشۈمدىن كۆڭلۈم بەك  يېرىم بولۇپ قالدى. ئېيتىڭە، ماڭا ئېرىشەلمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
- بۇ مۇمكىن ئەمەس! سىزگە چوقۇم ئېرىشىمەن.- ئۇ يوغان گەۋدىسىنى جىددىي كۆتۈردى ۋە بىردىنلا  مۇشتۇمىنى ياندىكى ئەينەكلىك تاختايغا كۈچەپ ئۇردى.ئەينەكلەر جاراڭلاپ تۆكۈلدى.
-بۇ پەقەت بىر چۈشقۇ، نېمانچە قىلىسىز؟- شۇنداق دېگىنىم بىلەن، ئۇنىڭ كۆپۈشكەن چىرايىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قان تەپچىرەپ تۇرغان قىززىق قولىنى ئۇزۇن بارماقلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ، مېھرىم بىلەن يۈزۈمگە ياقتىم...
خوشلىشىپ يانغاندا، ئۇ ئىشىكتىن چىقىپمۇ، مەن تەرەپكە قاراپ-قاراپ كۆزى قىيمىغاندەك تۇرۇپ كەتتى.يۈرىكىم بىر قىسما بولۇپ قالدى.ئۇنىڭ قامىتى ئاستا-ئاستا يىراقلاپ،يامغۇر قوينىغا سىڭىپ كەتتى. مۇشۇ كۆرۈشۈش بىلەن ئارىمىزدىكى خۇشاللىقنىڭ ئاخىرلىشىشىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىدىم.
  ئەتىسى كەچتە دادام، ئاپامنىڭ تاپا- دەشناملىرىغا كۈمۈلۈپلا قالدىم.قايسى ئالا قاغا يەتكۈزدىكىن، مەن بىر دېھقان تازەك بىلەن ئارىلىشىپ،ئىناۋەتلىك باشلىق ئائىلىسىنى پوق قىپتىمەن.ئەگەر ۋاقتىدا ھۇشۇمنى تاپمىسام،ئۇ گۇينىڭ پۇت -قولىنى چېقىۋىتەرمىش ...ئاپام بىرنېمىلەرنى دەپ ۋاتىلدايتى. دادام قولىنى شىلتىپ قەھرىنى چاچاتتى. ئۇ مېنى سەت تىللار بىلەن تىللاۋېتىپ، بۇغۇزىغا بىرنېمە قاپلىشىپ قالغاندەك قۇۋۇزىنى كۆپۈرۈپ، خارت قىلىپ كۈچەپ گېلىنى قىردى. ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان سەسكىنىشلىك غەلىغەشلەر شالاققىدە ئالدىمدىكى شىرەگە چاپلىشىپ،سۇزۇلۇپ چۈشتى. نېمە خورلۇق بۇ ماڭا؟ ..ئەگەر بىشەمرەك بولسام، دادام بىلەن تەڭ تۇرۇپ تاكاللاشقان بۇلار ئىدىم.لېكىن مەن پەقەت كۆز يېشىمغا زورلاپ،بىچارىلەرچە تۇردۇم.تېخى قايتا كۆرۈشمەسلىككە ۋەدە بەردىم.
ئۇزاققا قالماي خىزمىتىم  ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەلدى. بۇ ئەلۋەتتە ‹‹ قولىدىن ئىش كېلىدىغان ›› دادامنىڭ ‹‹ شەپقىتى ›› ئىدى. كۈنلەر ئۆتمەكتە. دادامنىڭ چەكلىشى بىلەن ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم كۈچىيىپ ،غەلىتە بولۇپ قالدىم.
ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. يۈرىكىمنىڭ چاك-چاك يېرىلىپ، قانداقتۇر بىر تەشنالىقتا دۈپۈلدىشىدىن ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم.
كۈنلىرىم ئاشۇنداق ئۆتەتتى. تۈن - تۈنلەر ئۇيقۇسىز،ئەمما كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ قالسىلا چۈشۈمدە ئۇنى كۆرەتتىم.ئۇنىڭ بەستلىك قامىتى، مەغرۇر كۈلۈمسىرەشلىرى، يېقىملىق كۆزلىرى، يىرىك چاچلىرى،ئاۋازى،ھەتتا تىنىقلىرىدىن گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان ئوتلۇق ھارارەت... يۈرىكىمگە سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭغا ئۆچ بۇلاي،ئۇنتۇپ كېتەي دېسەممۇ ، خىيالىمدا پەقەتلا ئۇ.  پۈتۈن كائىناتتىكى ئىككىنچى بىر ئادەم كۆزۈمگە سىغمايتى. بەزىدە خۇددى ئۇ كونا موتوسىكىلىتىنى گۈركىرىتىپ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالىدىغاندەك، دېرىزىدىن قاراپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ ماڭا قىيالمىغاندەك كېتىپ قالغان چاغدىكى سىماسى ، بىللە ئۆتكەن كۈنلەر كۆزئالدىمغا كېلىۋالاتتى. مەن شۇ كۈنلەرنىڭ يەنەبىر كېلىشىنى،ھاياتىمدا يەنە بىر نۆۋەت،ھەتتا بىر نەپەس بولسىمۇ تەكرارلىنىشىنى خالايتىم. چۈنكى،پەقەت ئۇلا قاغجىراپ كەتكەن روھىمنى نەمدەپ،سەزگۈسىز بولۇپ كەتكەن ۋۇجۇدۇمغا ھارارەت بېرەلەيتى.پەقەتلا ئۇ...
سېغىنىشتىن پۇچۇلانغان يۈرىكىمنى ئالماشتۇرغىلى بولسا دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.
قىش-ياز نەچچە رەت ئالماشتى. تالاي ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىراق ئۇنىڭغا بولغان كۆڭلۈم ئۆزگەرمىدى. يولدا ماڭساممۇ،ئىشلەۋېتىپمۇ ئۇنى ئويلايتىم. ئۇ ماڭا قاراپ تۇرغاندەكلا بىلىنەتتى. ئاخشاملىرى كۆزۈمنى پارقىرىتىپ يېتىپ تۈگىمەس خىياللارغا غەرق بولاتتىم. ھەي؟!... ئىلگىرى ئۇنىڭ قىزغىنلىق، مۇھەببەت تۈكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشتىن ئۇيۇلۇپ ،قورقۇپ تۇرغىچە، قانغۇچە كۆرۈۋالسام ،قۇيۇق ساقال باسقان يۈزلىرىنى سىيلاپ قويسام، ھارارەتلىك تىنىقلىرىنى ۋۇجۇدۇمغا سىڭدۈرۋالسام ، ماڭا ئىنتىلگەن ئىسسىق،قوپال قوللىرىنى دۈپۈلدەپ تۇرغان يۈرىكىمگە يېقىۋالسام بولماسمىدى؟ ئەمدى ھەممىسى يوق بولدى...
مەن ئۇنتۇش بىلەن سېغىنىش، ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىش ئوتتۇرىسىدا تېڭىرقاپ، خىيالىي دۇنيادا لەيلەپ يۈرەتتىم. كاللام قۇپقۇرۇق. ئەتراپتىكى مىغىلداپ يۈرگەن ئادەملەر توپى ئىچىدە شۇقەدەر يىگانە،مىسكىن ئىدىمكى، ياشاش تولىمۇ بىمەنە، ئازاپلىق تۇيۇلاتتى. ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز روھى قاغجىراش- مۇزلىغان يۈرۈكۈمنى ھاياتتىن ھۇزۇر ئالالماس قىلىپ قويغانىدى.مەن ياشاشقا مەسئۇلىيەت ، مۇھەببەت بىلەن قارىيالمايتىم. ئۇ مېنى ئۆزگەرتكەن،شوخ كۆزلىرى بىلەن ساددا دىلىمنى ئويغاتقان ئىدى. ئۇ يېنىمدا بولسىلا ھەممە نەرسە گۈزەل، ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق نان يەپ ياشىساممۇ تەملىك بىلىنەر ئىدى. لېكىن ئۇ بارلىق خۇشاللىق، سېغىنىشلىرىمغا  زىت ھالدا  مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، تۇرمۇشۇمدىن ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشسىز،ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولدى. مەن مۇنداق ئىنتىزارلىق،  تەلمۈرۈشتىن ئۆرلىگەن ھېسسىياتىمىنى بېسىشقا ئامالسىز ئىدىم. ئىچ-باغرىم كۆيۈشۇپ كېتىۋاتاتتى.ئۆزەمنى ئازاپلايدىغان،ئۆزگىنىمۇ خۇش قىلالمايدىغان مەۋھۇم كىشەندىن قۇتۇلۇشۇم كېرەك ئىدى. نېمە ئۈچۈن مۇنداق شېرىن تۇيغۇلارغا قۇل بولۇپ ياشايمەن؟  ئاخىرى يوق بىمەنە خىياللارنىڭ مېنى تۈگەشتۈرۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىمەن،بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنى غايىبانە ئەسلەيمەن.ئۇنى ئويلىغانسېرى ئۇ شۇنچە مۇقەددەس ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئۆزەمنى ئەرزىمەس ئادەمدەك سېزەتتىم.
يەنە ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. سائەت بىر خىلدا چىكىلدايتى، چىك. چىك .چىك... ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش، زارىقىشتىن بەدەنلىرىم ئوت بولۇپ كۈيمەكتە. يۈرىكىمنىڭ دۈپۈلدىشى كۈچىيىپ، شۇنچە زورىغا بېسىپ كېلىۋاتقان ھېسلىرىم بىراقلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك، توسقۇنسىز بىر ئىنتىزارلىق ئىچىمنى تاتىلايتى. توسقۇنسىز بىر يىغا كۆزۈمنى ئېچىشتۇرۇپ ،ئۈنسىز ياشلىرىم ماڭا بويسۇنماي توروكلاپ چۈشتى. ئۇ بەرگەن سوۋغىنى تەكرار قولۇمغا ئالاتتىم. مەن نېمە ئۈچۈن ياش تۈكىمەن؟ شۇنچىلىك ئازاپلىنىشىم، ئاھ ئۇرۇشۇم زادى كىم ئۈچۈن؟ نېمە ئۈچۈن؟  ۋاز كېچىش بىلەن كېچەلمەسلىك ئوتتۇرىسىدا شۇنچە ئۇزاق تەمتىرەپ يۈرۈپ نېمە تاپتىم ؟ ...تېگى يوق قاراڭغۇلۇققا چۆكۈۋاتىمەن، چۆكۈۋاتىمەن...شۇقەدەر قاراڭغۇ.ئۇ ئانام ئېيتىپ بەرگەن دوزاخقا ئوخشايتى.قاراڭغۇلۇقنىڭ تېگىگە يېتەلمەي قورقۇنچ ئىچىدە كۆزۈمنى ئاچتىم. ئاي غەمكىن يۇرۇپ تۇراتتى. بىردىنلا تۇرۇس مېنى مىجىۋىتىدىغاندەك پەسلەپ چۈشتى. بەدىنىم سوغۇق تەرگە چۈمۈپ تىنالماي قالدىم. مەن خىيال دۇنياسىدىن قۇتۇلۇشۇم، تېزراق ئويغۇنۇشۇم كېرەك ئىدى. لېكىن قاچان ئويغىنىشنى بىلمەيتىم. ئۇ يەنىلا يېقىملىق كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇراتتى...
يا ئۆلۈك ئەمەس، يا تىرىك ئەمەس  ياشاپ يۈرگىنىمدە، ئاپام قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى. خىياللار قاينىمىدىن قارا باسقان ئادەمدەك چۆچۈپ ئويغاندىم. چۈشكۈن خىياللار ئىسكەنجىسىدە ياشاپ ،ئاپام بىلەن تۈزۈك  پاراڭلىشىپمۇ باقماپتىكەنمەن. نەزەرىمدىكى ‹‹ ۋاتىلداق، غوت - غوت ›› ئايال ئەمدى مەڭگۈ يوق ئىدى.مەن ئۆكسۈپ- ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم...
ھەپتە ئۆتۈپ، كوچىدا پەرۋاسىز كېتىۋاتسام، ياندىكى يولدا تولىمۇ تونۇش بىرى كۆزۈمگە چېلىقتى. ماڭا تونۇش كونا موتوسىكىلىتتا زاھىرنىڭ كېلىشكەن بەستى كۆز ئالدىمدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشتى. ئۆسكىلەڭ چاچلار، يېقىملىق كۆزلەرنى ئېنىق كۆرگەن ئىدىم.
-        زاھىر!...
-         زاھىر...؟
كۈچەپ توۋلىغاندەك قىلدىم، لېكىن ئاۋازىم ئۆزۈمگە ئاران ئاڭلاندى.ئۇ كەتكەن تەرەپكە قاراپ بىردىنلا كۆز ئالدىم نەملەشتى. مۇشۇ ھالىتىمدە كىملا بىرى گەپ قىلسا ، يىغلاپ تاشلايدىغاندەك ئىدىم. ئەتراپىمدا كىملەر بار، كۆزۈمگە ھېچنېمە كۈرۈنمەيتى. ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدىن تامامەن قۇتۇلۇپ بولدۇم، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بىراق ئۇنى كۆرۈش بىلەنلا تولىمۇ ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇمۇ ئوخشاشلا ئاددىي بىر ئىنسان. نېمىدەپ ئۆز تەقدىرىمنى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىمەن؟ مەڭگۈ ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتىنى ئارزۇلاپ ياشامدىم؟  ‹‹ ماڭا پەقەت سىز بولسىڭىزلا بولدى، سىز بولمىسىڭىز ياشىمايمەن... ›› ، ھەممىسى  پەقەت ۋاقتلىق تۇيغۇ ئىدى.
مەنبە:دوستۇم ئىجادىيىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   utunqiboway تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 12:33 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5424 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 02:07:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ .بىراق ھازىر ئەنە شۇنداق باتۇر،تۇز كۆڭۆل ،مەردانە يېزا دىھقان يىگىتلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان مەمۇرلارمۇ بارمىدۇ؟يەنە كىلىپ شاڭجاڭ دادىسى بار دۆلەت مەمۇرلىرىنى بارمىدۇ دەيمىنا!باشقا تەرەپلەر خېلى ياخشى يېزىلىپتىكەن!يەنىمۇ تېرىشىڭ!

ئۇيغۇر-ئۇيغۇردە

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 1617
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17487
تۆھپە نۇمۇرى: 1196
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 02:52:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھازىر   كپىنچىلەر ھوقۇقنىڭ چوڭىنى  تۇتۇش  ئۈچۈن  دۆلەت مەمۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئاغزىدا ئاۋام  دېگەن  بىلەن يەنىلا تۆۋەننى ماۋۇلارنىڭ  ھاكىمىيىتى ئۈچۈن بېسىش بىلەن ئالدىراش....

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6485
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:27:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھىكاينى نەدىن كۆچۈردىڭىز چېنىپ قاپتۇ ئۆزگەرتكەن يەرلىرىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6485
تۆھپە نۇمۇرى: 556
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:31:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستىڭىىز ئوزگەرتىپ يازغان بۇ ھىكاينى مەن ئىلگىرى بى ژورنالدىن ئوقۇغا

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4984
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 48441
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2082 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 03:02:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن،رىئاللىقتىكى يۇقۇرى -تۆۋەنلىك مۇناسىۋىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41802
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 06:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچۈرسىمۇ تازا ھۇزۇرلىنىپ ئۇقۇپ چىقتىم ...................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48900
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 262
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2011-7-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 09:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ.

كەمتەر بوغانغا يەتمەيدۇ يەنىلا !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش