مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3977|ئىنكاس: 27

ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تونۇشۇپ قويۇڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2080
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9146
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 11:22:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۈەن شەھىرىگە قاراشلىق ئاپتونوم ناھىيە بولۇپ، بۇ ناھىيە گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى قازاقلارنى ئاساس قىلغان بىردىنبىر قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ھەمدە شىنجاڭ سىرتىدىكى بىردىنبىر قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ناھىيە 1954- يىلى قۇرۇلغان.
    ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، بايلىقى مۇل بولۇپ، "چۆللۈكتىكى ئالتۇن زېمىن، چېگرىدىكى گۆھەر ماكان"  دېگەن نامى بار. بۇ ناھىيىنىڭ يەر مەيدانى 31 مىڭ كۋادرات مېتىر، ناھىيە بەش يېزا، بىر بازار، 13 مەمۇرىي كەنتكە ئايرىلغان. 2004- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 9100 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، سالار، زاڭزۇ، تۇجيازۇ قاتارلىق 11 مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلارنىڭ سانى 3700 دىن ئارتۇق بولۇپ، ناھىيە نوپۇسىنىڭ %41.3 ىنى ئىگىلەيدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان يايلاقنىڭ كۆلىمى 1480مو بولۇپ، ئاساسلىقى قوي، ئۆچكە، تۆگە، كالا، ئات قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. دۆلەت يولى 215- لىنىيىسى 313- لىنىيىسى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 03:44:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق كۆپ رەھمەت ، بىر كۈنلەردە بېرىپمۇ قالارمىز شۇ گۈزەل زىمىنغا ...

لېكىن يازمىدىكى سانسىفىرلاردا مەسىلە باردەك قىلىدۇ .    'ئومۇمىي نوپۇسى 9100 مىڭدىن كۆپرەك ' بۆلەكتە  ئەسلى 9100 دىن كۆپرەك دىمەكچى ئوخشايسىز ....

يەنە بىر نۇقتا 'قازاقلارنىڭ سانى 3700 دىن ئارتۇق بولۇپ، ناھىيە نوپۇسىنىڭ %41.3 ىنى ئىگىلەيدۇ' دىيىلگەن . مەن ھىساپلاپ باقتىم ، مەن 3700 دىن ئارتۇق دىگەنگە قاراپ بەلكىم 3750 بولۇشى مومكىن دەپ ئويلىدىم ،% 41.3 دىگەن ئېنىق ئىكەن ، ئۇنداقتا بىز تەتۈرسىگە ھىساپلاپ  3750  نى 0.413 كە بۆلسەم ئومومىي نوپوس 9079 چىقىپ قالدى ، لېكىن ئومومىي نوپوسنى 9100 دىن ئارتۇق دىيىلگەن .

كەچۈرىسىز يازمىدىن ئەيىپ ئىزدىگىنىم ئەمەس ، يېقىنقى كۈنلەردىن بويان بىر ئىستاستىكا دىتالى تۈزەيمەن دەپ فورمىلانى تولا يېزىۋېرىپ سان -سىفىرلارنى كۆرسەملا ھىساپلىغۇن كېلىدىغان بولۇپ قالدىم .  ماڭا سان - سىفىر جىنى چاپلىشىۋالدى دىسەممۇ بولىدۇ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Xaparang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-13 03:47 AM  


يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:29:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ يەر چىڭخەي شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا شىمالى قىسمىغا جايلاشقان، ھاۋاسى شالاڭ، كۆپ قىسىم يايلاقلىرى تۈزلەڭلىك بولۇپ ئەتراپىنى چوققىسى قىشىمۇ ياز ئىرىمەيدىغان ئاق قارلار بىلەن قاپلانغان ئىگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، يول بويىدا ئوت چۆپلەر ئارىسىدا ئەركىن ئوتلاپ يۈرگەن لوككىلىرى لىغىرلاپ تۇرىدىغان خۇشال تۆگىلەر توپىنىڭ يۈگۈرۈشۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ، ئاندا ساندا ئات مىنىپ پادا بىقىۋاتقان قازاق چارۋىچىلارنى ئۇچرىتىسىز سارغەيرەت مەن ئۇچراتقان قازاق چارۋىچىلارنىڭ بىرسى شۇغىنىسى دەسلەپ بۇ يەرلەردىن ئۆتكەندە ئىگىزلىكتىكى ھاۋا بىسىمىغا كۆنەلمەي بىشىڭىز قىيىپ مەيدىڭىز چىڭقىلىپ كۆڭلىڭىز ئايىنىپ يامان قىينىلىدىكەنسىز  ناھىيە بازىرىدىكى ئاشخانىدا ئوبدان غىزالىنىپ كۆپرەك مىنرال سۇ ئىچىپ ماڭسىڭىز ئەسلىگە كىلىپ راھەتلىنىپ كۆنۈشكە باشلايسىز  
ئۇ يەرلەردىن جەنۇپقا قاراپ ناھايىتى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن پايانسىز تۇز كۆلىگە يىتىپ بارىسىز ھەممە يەر ئاندا مۇندا سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ساسلىققا ئوخشايدىغان كۆز يەتكۈسىز قارامتۇل تۇزلۇق كۆل بولۇپ تۇزلۇقتىن ئۆتۈپ بولغۇچە كۆزلىرىڭىز تىشىلىپ كىتىدۇ، بۇ تۇزلۇقنى تەسۋىرلەپ بىر ئالىم كەسمە يۈزى بىر چاسا مىتر كىلىدىغان ئۇزۇن كۆۋرۈك سىلىنسا بۇ تۇزلار يەر شارى بىلەن ئاي شارىنى باغلاشقا يىتىشى مۇمكىن دەپ تەسۋىرلىگەن
بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ  تاملىرىدىن تارتىپ تۇزدىن ياسالغان ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ تەرەت قىلسىڭىزمۇ تۇزغا سىيىدىغان گەپكەن، بۇ بىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزگە زىت بولسىمۇ ئامال يوق
ئىشقىلىپ پۇرسەت بولسا بىر بىرىپ ئويناپ كىلىشكە ئەرزىيدىغان ئىسىل جاي
ئاقساينىڭ ئوتلاقلىرى ئارىسىد ا ماڭسىڭىز تاغچوققىلىرىدىكى قارلاردىن شەكىللەنگەن سۆرۈن ساپ ھاۋا سىزگە ئاجايىپ ھوزۇر خۇشاللىق بىغىشلايدۇ، شۇنىمۇ ئۇنتۇماڭ ماشىنىدىن ئايرىلىپ يىراقلاپ كەتمەڭ بولمىسا يەردىن ئۈنگەندەكلا ئەتراپىڭىزدا كۈلرەڭ بۆرىلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ ئۇلار شۇنچىلىك غالجىر ئەگەر بۆرىلەر قورشاۋىدا قالسىڭىز ھاياتىڭىز خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىن جۇغى ئىتچىلىك بولغىنى بىلەن خەتەرلىك ئۇلارنىڭ قوزۇق چىشلىرى ئىتنىڭكىدىن ئۇزۇن

بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 04:32:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2012-1-13 03:44 AM
بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق كۆپ رەھمەت ، بىر كۈنلەردە بېرىپمۇ قا ...

يامان شەپەرەڭدە سىز.

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 06:32:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2080
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9146
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 09:36:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ئەسلى 9100 ئىدى، يازغاندا خاتالىق يۈز بېرىپتۇ.
بۇ  تېمىغا  كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلارغا رەھمەت. بۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىلىمىزدىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىلىك جايلار دېگەن تېمىنىڭ ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى دېگەن قىسىمىدىن ئېلىنغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 09:59:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام ئاقسايدىن بىرقىسىم قازاق چارۋىچىلارنى شىنجاڭغا يۆتكەپتىكەن.بەزىلىرى كۆنەلمەپتۇ،بەزىلىرى يەرلىشىپ قاپتۇ.يەنە بىر مەسىلە بۇلار گەنسۇغا قاچان بېرىپ قالغان،نىمە سەۋەپتىن ئاقسايدا تۇراقلىشىپ قالغان بۇ توغرىلىقمۇ مەلۇماتلار بولسا يەتكۈزسىڭىز(تېما ئىگىسى ئەلقايا).

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!
oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 11:11:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 12:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ئازادلىقتىن بۇرۇن ئوسمان باتۇر بىلەن بىرگە قېچىپ بارغان قازاقلار بولۇشى مۇمكىن.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35637
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:44:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھيىنىڭ نوپۇسى ئاران 9100ما .خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟بىر ناھيىدە 10مىڭغا يەتمىگەن نوپۇس بار دىيىلسە؟

دۇنياغا كۈلۈپ باق،دۇنيا ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش