مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2075|ئىنكاس: 13

ئابدۇنىياز كامال(سىجاڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51336
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3043
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2011-8-12
ئاخىرقى: 2012-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 06:48:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر سەركەردە _ ئابدۇنىياز كامال(سىجاڭ)

يوللىغۇچى : ياۋۇز سۇلتان



     ئابدۇنىياز كامال تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان كۈنلەردە تۇرپاندا مەھمۇد سىجاڭ قىسمىغا ئەسكەر بۇلۇپ كىرىدۇ. مەھمۇد سىجاڭ قىسمىي توقسۇن ئەتراپىدا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا خىزمەت كۆرسىتىپ بەنجاڭ، ئۇششاقتالدىكى ئۇرۇشتا پەيجاڭ بولىدۇ.
     مەھمۇد مۇھىتى قۇشۇنى قەشقەرگە ئورۇنلىشىپ ئاتلىق ئالتە دىۋىزىيە قىلىپ قۇرۇلغاندا،(بۇ دىۋىزىيىدە 31-، 32-، 33-، 34- پوللك دەپ ئاتالغان تۆت پوللك بار ئىدى) ئابدۇنىياز كامال 33-تۈەننىڭ 1-لىيەنىگە لىيەنجاڭ بولىدۇ. 1937-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھمۇد مۇھىتى بىر بۆلۈم ئادەملىرى بىلەن ھىندىىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قالدۇق قىسىملىرىدىن 33-تۈەن يېڭىساردا، 34-تۈەن يەركەندە تۇرىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق قۇربان نىياز شاھىدى باشچىلىقدىكى 31-، 32- تۈەندىن قېچىپ چىققان بىر قىسىم ئەسكەرلەر ۋە مۆيدىن تۈەنجاڭلار كاجۇڭغا بېرىپ، 33-، 34- تۈەنگە قوشۇلىدۇ، كاجۇڭدا ئوفېتسىرلار يغىنى ئېچپ، ئابدۇنىياز كامالنى مەزكۇر قىسىمغا سىجاڭ، مۆيدىن تۆەنجاڭنى مۇئاۋىن سىجاڭ ۋە شىتاب باشلىقى قىلىپ سايلايدۇ. ئابدۇنىياز كامال سىجاڭ بولغاندىن كىيىن پۈتۈن قسىمنى تۆتكە بۆلۈپ دىۋىزىيە قۇرۇپ، ئۇنى 6- دىۋىزىيە دەپ ئاتايدۇ ۋە 1- تۈەننى يەركەننى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. يەركەن ئىشغال قىلىنغاندىن كىيىن سىجاڭ ئابدۇنىياز كامال يەركەندە باش شىتاب قۇرىدۇ. خوتەننى بېسىپ ياتقان 36- دىۋىزىيە كوماندىرى ماخوسەن بىلەن بىرلىشىپ، ئەسكەرلىرىگە ئاق دوپپا كىيگۈزۈپ، بىلىكىگە"فېي سەبىللاھ"دىگەن خەت يېزىلغان لاتىنى باغلاپ، 1937- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى شېڭ شىسەينىڭ قەشقەر يۇمىلاق شەھەردە تۇرۇشلۇق قۇربان نىياز سىجاڭ باشچىلىقىدىكى قىسىمغا قارشى ئۇرۇش باشلايدۇ. بۇ ئۇرۇش باشلايدۇ. بۇ ئۇرۇش قەشقەر، مەكىت، مارالبېشى، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىدۇ. ئابدۇنىياز كامالنىڭ قىسمى ئۇرۇش داۋامىدا قەشقەر يېڭىسارنىڭ سېدى دىگەن يېرىدە ۋە كەلپىن ناھىيىسىنىڭ سايۋاغ دېگەن يېرىدە شېڭ شىسەينىڭ ئىككى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىدۇ.

      شۇ كۈنلەردە سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن شېڭ شىسەيگە ياردەمگە كەلگەن تانكا، ئايروپىلان، بېرونېۋىكلار بىلەن قوراللانغان سوۋىت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ ئوق-دورىسى تۈگەپ چېكىنىدۇ. قالدۇق قىسمىنى ئابدۇنىياز تارقىتىۋىتىپ، يەركەنگە چېكىنىدۇ ۋە 1937- يىلى 10- ئايدا بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا سوۋىت ئىتتپاقى قىسىملىرى ئابدۇنىياز ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى سېزىپ قالىدۇ. شېڭ شىسەي قەشقەردە تۇرۇشلۇق قوماندانىغا ئابدۇنىيازنى تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئىلگىرى ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلىگەن يۈسۈپ لىيەنجاڭ ئابدۇنىيازنى قورشىۋالىدۇ. ئابدۇنىياز : "يۈسۈپ لىيەنجاڭ، بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرىش، بىر-بىرىمىزنى قىرىشتەك يامان پەيلىمىز بىزنى خاراب قىلدى، خالىساڭ بىز بىلەن بىللە چىقىپ كەت، بولمىسا ئىختىيارىڭ" دەيدۇ. بۇ چاغدا يۈسۈپ لىيەنجاڭ : "مەن بۇيرۇق بىلەن كەلدىم" دەيدۇ. ئابدۇنىياز ئۆز قىسمىنىڭ قارشىلىقنى چەكلەپ يان قورالىنى تاشلاپ بېرىپ : "بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ، سېنىڭ ئەتەڭ" دەيدۇ. يۈسۈپ لىيەنجاڭ ئابدۇنىيازلارنى قولغا ئېلىپ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدۇ. ئابدۇنىياز ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىگەئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە ئابدۇنىياز كامال شېڭ شىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنمىش).



مەنبەسى :  شېرىپ نىياز خۇشتار ئەپەندىنىڭ "شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر " ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-12 09:16 PM  


يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5142 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 09:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ، سېنىڭ ئەتەڭ":qiray121

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 09:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت جاپا چىكىپسىز!ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا تەشەككۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4556
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 09:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاجىم موللامنى تۇتۇپ بىرىۋاتسا ئۇ سادىق يالاقچىنىڭ تۇتۇپ بىرىشى ئىنىق

پۇزىتسىيە ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66074
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5340
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 10:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇنىياز پالىگان مەن ئەڭ قول قۇيىدىغان ئادەم.

مائارىپ ئېڭى يوق مىللەت نادان بولىدۇ،ئىقتىساد ئېڭى بولمىغان مىللەت نامرات بولىدۇ،سىياسى ئېڭى بولمىغان مىللەت قۇل بولىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 10:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەت....

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14297
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 10:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەتلىك تارىخ

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 11:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت بەك خۇش بولدۇم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:52:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 01:52:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش