مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 3

يازغۇچلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6157
تۆھپە نۇمۇرى: 1175
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 06:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

             يازغۇچلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى     

  ئاپتورى: تەۋپىق ئەپەندى


ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دوستلار، يازغۇچلىرىمىز ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ماۋزۇلۇق ماقالەم  ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ،


يازغۇچىلار بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىغا تەۋە بولسا سودىگەرلەرنى ئىقتسادى قۇرۇلما باشقۇرغۇچلىرى دېيشكە بولىدۇ،يازغۇچىلار ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ ،جەمئىيەت ،تۇرمۇش ھادسلىرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يېڭلىنىشى  قاتارلىق تەرەپلەرنى تەسۋىرلەپ كىشلەرگە مەنىۋى زوق ئېلھام ئاتا قىلسا، سودىگەرلەر ئىقتساد ئارقىلىق مىللەتنىڭ ماددى مەدەنىيتىنى، تۇرمۇش سەۋىيسنى يۇقىرى كۆتۇرۇشكە تۆھپە قوشالايدۇ،ماھىيەتتە،بۇ ئىككى تەرەپ ھەم مەنىۋى ھەم ماددى ئېھتياجغا مۇھتاج بولغان ئىنسان  ئۈچۈن خۇددى ئادەمنىڭ بىر جۈپ قولىغا ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەمىسە ئەمەلىي تۇرمۇشتا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلاش،رىغبەتلەندۇرۇش رولى بولامدۇ؟

قىسقىچە ئىزاھ بىرىپ ئۆتسەك يازغۇچىلار بىلەن سودىگەر ئىككىسى بۇ خىل رولىنى ۋە تەسىرنى تامامەن ئۆتەيدۇ ۋەئۆتەشكە تېگشلىك. مەسىلەن،بىر يازغۇچى كاتتا بىر ئەسەرنى يېزىپ پۈتتۇردى دېسەك ئۇنى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ،. نەشىر ئورۇنلىرى دەرھال ھەمكارلاشقۇچى سودىگەر چاقىرىدۇ. كىتابنىڭ مەيدانغا كېلىش جەريانى ئەقىلى ئەمگەك بولسا يەنى  ئۇ مەلۇم شەخسنىڭ مەنىۋى كۈچنىڭ تەسىردە ۋۇجۇتقا چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ كىشلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۇلىىشى جەريانى ماددى كۈچ تەۋەسىدە بولىدۇ. يەنى  ئۇ بەلگىلىك ئىقتسادنىڭ قوللىشى بىلەن بارلىققا كېلىدۇ. سودىگەرلەر گەرچە پايدا ئېلىش مەقسىتىدە كىتاب سودىگەرلىرى ياكى نەشىرىيات ئورۇنلىر ،يازغۇچى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىقان بولسمۇ بۇ يەردە بىر بىرنى قوللاشنى ،بىرخىل ئىچكى ماسلىشىنى كۆرۇشكە بولىدۇ.


ئەمدى قارىشىدىن ئالغاندا يازغۇچىلارمۇ سودىگەرلەرنى قوللاش رولنى ئوينالامدۇ؟ دېگەن مەسلە مەيدانغا كېلىدۇ.بىر يازغۇچى ناۋادا مەلۇم سودا ساھاسىدىكى كاتتا زاتنى ئەسەر قىلىپ يازغان بولسا بۇنى تەرجمھال دەيلى بۇ ھالدا بۇ بىر خىل قوللاش بولىدۇ.يەنە مەسلەن سودېگەرلەر تۇرمۇشنى نىشان قىلىپ ئەسەر يازغان بولسا بۇمۇ بىر خىل  قوللاش بولىدۇ.

ئەمدى ئۇيغۇر يازغۇچلىىرىمىز سودىگەرلەرگە بولغان بۇخىل ئىچكى ماسلىىشى ۋە قوللاش نېسبىتى قانچلىكتۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس،لىكىن بىز 90- يىللاردىن كېينكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرگە قارايدىغان بولساق تەنقىدى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى ئورۇنى ئىگەللەپ، ھەرخىل جەمئىيەت ھادىسلىرنى ۋە قالاقىلىق قاتارلىق بىر قاتار تەرەپلەرنى ئەكىس ئەتتۇرگەندە بىلىپ بىلمەي مىللى ئىگلىك ۋە سودىگەرلەر تەبىقسىنى كەمسىتىشتەك خاھشىلارنى ئىپادىلگەنلىكىنى ئاسانلا بايقايمىز... مىسال ئالايلى، قايسى بىر داڭلىق يازغۇچىمىز مەلۇم ئەسىرىدە"<بىز ئۇيغۇرلار21-ئەسىردە كاۋاپداننى كۆتۇرگەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق >دەيدۇ.بۇيەردە گەرچە بىر مىللەتنىڭ يېڭى ئەسىردىكى خىرىسقا بولغان ئوبرازلىق ئىبارسى بولسىمۇ لىكىن بۇنىڭدا  كاۋاپداندىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى سودا تەنزىسنى نىشان قىلىىپ ئالغان.چۈنكى كاۋاپچلىق ئۇيغۇرلاردىن قەدىمدىن كەلگەن تېجارەت تۈرى،ئىنتايىن مۇھىم بولغان مىللىى سودا شەكلى بولۇپ تا ھازىرغىچە مەيلى بىز قايسى ئەسىرگە بارايلى،،،كاۋاپچلىقتىن ئىبارەت بۇ تىجارەتنى ساقلاپ مەلۇم ئىقتسادى قىممەت يارتىۋاتقان ئوقەت.

يەنە بىر مەلۇم يازغۇچىمىزنىڭ ماقالىسدا <تۆمۈرچىدىن باشقا فىزىكانىت،بوياقچىدىن باشقا خىميىكمىز بولمىدى >دەپ تەسۋىلىگەن. بۇيەردكى تۆمۈرچىلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى قەۋىملەر دەۋردىن تارتىپ كەلگەن بىر خىل ھۈنەر شەكلى بولۇپ،شۇ دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى تىللىق خەلقلەردە تۆمۈر تاۋلاش پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئۇنى ھەربىي سانائەتتە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت تېخنكا مەيدانغا كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۆمۇرچلىكتىن ئىبارەت بۇخىل تېجارەت شەكلى بىلەن ھەرخىل مەش،ئوچاقلار، چىرايلىق زامانىۋى پاسوندىكى ئىشك دېرىزلەر، ھەر خىل كېرەكلىك نەرسلەر ئىشلەپچىقىرلماقتا.

  رومانلاردا بەزى سودىگەرلەرنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلەشتۇرۇلگەن بولۇپ ھە دېسلا پۇل بايلىق بىلەن ناشايان ئىش قىلدىغان،،،پۇل بىلەن كۈڭۈل ئاچىدىغان زەئىپ كىشلەر ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن، كىنو فىلىملرىمىزگە قارايدىغان بولساق پۇلنىڭ كەينگە كىرىپ يامان ئىش قىلۋاتقانلار، پۇل تېپپ باي بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلەر ناھايىتى كۆپ تەسۋرلەنگەن،،،،بۇنداق ئوبرازلارنىڭ ئەلۋەتتە رېئاللىقتىن ئېلنغانلىقى بەرھەق بولسىمۇ لىكىن پۇلنىڭ ئۆزنى كشلەرگە ۋە كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا يامان، قورقۇنچلىق نەرسىە، ئادەمنى كېرەكتىن چىقىردىغان نەرسىە قىلپ كۆرسىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە پۇل ۋە ئىقتسادنى توغرا ھالال تېپىش ۋە ئىشلىتىش ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھايات پائالىيتنىڭ كاپالىتى. ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئىشلىشى ۋە ئىقتساد توپلىشى كېرەك.شۇندلائاندىن  ئۇنى توغرا يوللارغا جەمىئيەتنىڭ زۆرۇر تەرەپلىرىگە ئىشلىتەلەيدۇ.جەمئىيەت تەرەققياتى ئىقتىسادى تەڭشەش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.

يازغۇچلىرىمىزدىكى سودىگەرلەرگە بولغان يۈكسەك سەزگۇرلۇك ۋە توغرا ،چوڭقۇر چۈشنىش  بولغاندىلا .ئۇلار ھەققىدە زېرەكلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ئۇيغۇر سودىگەرلىرنى  ئاكتىپ تەسۋرلەپ ۋە ئۇلار ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۇلارغا ئىلغار يېڭى ۋە توغرا  بولغان  تېجارەت يوللىرىنى مەيدانغا كەلتۇرۇشكە رىغبەتلەندۇرەيلىدۇ، مەسىلەن يازغۇچى ئابدۇراخمان قاھارنىڭ <ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى>ماۋزۇلۇق ئەسىرى ھەقىقى مەنىدە ئۇيغۇر ئايال سودىگەرلىرنىڭ  تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۇرگەن نادىر ئەسەر ھېسابلىندۇ.

ئۇيغۇر ئايال سودىگەرلىرنىڭ ئىشنى كىچكتىن باشلاپ جاپا مۇشەققەتكە چىداپ تۇرمۇشنىڭ بېسملىرىغا چىداپ ئاخىرى چوڭ كارخانچىغا ئايلىنش جەريانى مۇشۇ روماندا ئەكىس ئەتكەن.يەنە مەسلەن ئەخەت تۇردىنىڭ <سەرسان روھ>رومانىدىمۇ ئەرەبسىستانغا ھەجگە بېرىپ قايتىپ كېلەلمىگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرنىڭ چەتئەلدىكى سودىگەرچلىك ھاياتى قسىتۇرما قىلىنغان. بۇھەقتە ئاپتۇر مەخسۇس توختالغان. يەنە قايسى بىر شائىر "ئۇيغۇر بايلىرى"ناملىق شېئىر يېزىپ ئىقسادى قىممەت يارتىپ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۋاتقان سودىگەرلەنى مەدھىيلىگەن مانا مۇشۇنداق شەكىلدىكى ئەدەبىيات ئېلمنتلىرى  بىر خىل قوزغىتىش رېغبەتلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

دېمەك بىر مىللەتنىڭ تەرەققياتى  يەنى بېشىدا بىز دەپ ئۆتكەن ماددى ۋە مەنىۋىي تەرەققىىياتنى بەلگە قىلدىكەن ئۇنداقتا بۇلارغا ۋەكلىلىك قىلىدىغان ئىككى قوشۇن يازغۇچىلار بىلەن سودىگەرلەرنىڭ بىر بىرىگە ھەيدەكچلىك قوللاش رىغبەتلەندۇرۇش رولىنى ناھايىتى مۇھىم. بىز غەرب ئەللىرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا نەزەر سالساقمۇ بۇ خىل ماسلىشىنىڭ ئۇزاق دەۋرلەرنى باشتىن كەچۇرگەنلكىنى بايقايمىز.


مەنبە: ئىلى دىيارى مۇنبىرى

2012.1.11



ئىلى دىيار مۇنبىرىغا مەرھەمەت   زىيارەت قىلىپ قوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . گۈللەر ئالەم ئادەم بىلەن:www.yldiyar.com

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31226
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6393 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 10:51:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سودىگەرچىلىك ياخشى كەسپلەرنىڭ بىرسى، ئۇششاق ئىگىلىكنى ھەمكارلىق ئاساسىدىكى كارخانىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۇرسە بۇلاتتى. يازغۇچىلىرىمىزمۇ تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكسە، ئىقتسادشۇناسلار قۇشۇنى بارلىققا كەلسە، بەكمۇ ياخشى بۇلاتتى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2056
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1617 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-13 11:37:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بەك ياخشى قويۇلۇپتىكەن ، لېكىن بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم ، ماقالە بەك تېيىز بوپ قاپتۇ يەنە ئازراق ئىشلەپ باقسىڭىز بوپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6157
تۆھپە نۇمۇرى: 1175
توردا: 2049 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-17 10:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭقۇر بولسا دوستلارنى چۆكۈپ قالمىسۇن دېدىم..:qiray13

ئىلى دىيار مۇنبىرىغا مەرھەمەت   زىيارەت قىلىپ قوللاپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . گۈللەر ئالەم ئادەم بىلەن:www.yldiyar.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش