بىر يىگىت بىر قىزغا بولمىسا ئاشىق
بىر يىگىت بىر قىزغا بولمىسا ئاشىق،
يۈرەمدۇ يېگانە، شۈنچە خىيالچان؟
ھايات غەۋغالىرىدىن بەزگەن زاھىتتەك،
نېمىشقا يۈرىدۇ مۆكۈنۈپ پېنھان؟!
نېمىشقا كېچىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ،
كۆزلىرى ئۇيقۇنى ئېتىدۇ تەرك؟
نېمىشقا سىردىشىپ يۇلتۇزلار بىلەن،
تۈگىمەس خىيالغا بولىدۇ غەرق؟
تىكىلپ ئېچىلغان گۈللەرگە جىمجىت،
يازىدۇ نېمىشقا مۇڭلۇنۇپ شېئىر؟
قانىتى سۇنغان بىر كېپىنەك ئۈچۈن،
يىغلايدۇ نېمىشقا بېرىپ چىن مېھىر؟
ناخشىسى بار ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس،
تېكىىستى بىر ئىسىم بىلەنلا پۈتكەن.
ھېچكىشى بىلمەيدۇ قەلبىنى زىنھار،
كىمكىنە، ئۇ شۈنچە زارىقىپ كۈتكەن؟!
2010-يىلى 30-ئۆكتەبىر. يەكەن،
يامغۇردىكى تەنھالىق
ياغدى يەنە كۆكتىن يامغۇر سىمىلداپ،
يۈرمەكتىمەن تىترەپ سوغۇق كوچىدا.
كىردىڭ جېنىم خىيالىمغا جىممىدە،
تۇرۇپ قالدىم يالغۇز دەرەخ ئاستىدا.
مەغرۇر دەسسەپ ئۆتسەڭ ئىدىڭ يېنىمدىن،
كۈنلۈكۈڭنى يايغىنىڭچە خىرامان.
ئېھ، تۇيۇقسىز دەلدۈگۈنۈپ, قولۇڭدىن
چۈشۈپ كەتسە گۈل سېۋىتىڭ شۇ ھامان.
ئوقتەك كېلىپ يۆلىۋالسام ھايالسىز،
كۈنلۈكۈڭنى تۈزەشتۈرسەم ئاۋايلاپ.
پاتقاقلاردىن تېرىۋېلىپ گۈللەرنى،
تىزىپ بەرسەم سېۋىتىڭگە تال-تاللاپ.
يىغىلماستا ئېسىڭ، كەتسەم پەرۋاسىز,
قاراپ قالساڭ تەئەججۈپتە <<كىمدۇ؟>> دەپ.
ئاڭقىرالماي مېنى، ئېزىپ بىرەر رەت
تۆكسەڭ ئىدىڭ سەنمۇ كۆز ياش چېكىپ دەرت...
<<كۈسەن مەدەنىيىتى>> 2011-يىلى 1-سان
دوپپىدۇر ئەۋلادىمغا مەڭگۈ ئۇدۇم
دوپپامغا قاراپ بىرسى سوراپ قالدى:
‹‹ بوپقالدىڭ قاچانلاردا مۇسىبەتلىك؟››
يۈرەكنى بېغىشىدىن يۇلۇپ ئالدى،
ئۆكسۈدۈم ئىچ_ئىچىمدىن ئەجەپ دەرتلىك.
قەلبىمنىڭ قات_قېتىدىن پىغان ئەيلەپ،
بىر سادا فونتان كەبئى چىقتى ئوخچۇپ:
‹‹نېمىشقا كىيمەي ئۇنى مەن ئەزىزلەپ،
ئەجداتتىن ئۇدۇم ئالغان ئۇيغۇر تۇرۇپ؟!
ھە،ئۇنى بوۋام كىيگەن ھېيت-ئايەمدە،
باش بولۇپ ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپىگە.
ھە، ئۇنى مومام كىيگەن توي_ماتەمدە،
چاي بېرىپ توققۇز قىزنىڭ شەرىپىگە!
ھەدەمنىڭ ئاتا قىلغان تىلىكىگە،
ئاكامنىڭ تومۇرىدا چوغ كۈۋەجەپ،
گۈل چەككەن سىڭلىم ئۇنىڭ جىيىكىگە،
ئىنىمنىڭ سىماسىنى مۇجەسسەملەپ.
مەھبۇبەم كەشتىلىگەن مېھرى بىلەن،
پاك سۆيگۈ_مۇھەببەتنىڭ سۈلكىتىنى.
ھەر نەقىش، ھەر گۈلىدە ئەقىل تېرەن،
پارلاتقان ھايات مەنا_ ھېكمىتىنى.
بەيگىدە ئۇتۇپ چىقسام قەھ-قەھ كۈلۈپ،
كىيگۈزگەن دوستلار شەرەپ سەھنىسىدە.
دەرت كەلسە بېشىمغا ئاھ، مىڭ بىر ئۆلۈپ،
كىيگۈزگەن مۇسىبەتلىك پەتىسىدە.
ھە، شۇڭا چۈشۈرمەيمەن ئۇنى باشتىن،
ئەقىدە،ئىخلاسلارغا قىلىپ تەققاس.
بەك ئېغىر ۋەزنى گويا ئونمىڭ پاتمان،
تاڭ قالار ھەتتا ئۇنى كۆرگەن رەققاس!
كىيىمەن،ئۇنى ماڭا ئاتام بەرگەن،
بولغىن سەن ئوغلۇم ئەلنىڭ سەركىسى! دەپ.
كىيىمەن، ئۇنى ماڭا ئانام بەرگەن،
ئادەملىك غۇرۇرنىڭ پاك بەلگىسى، دەپ!
كىيىمەن، مىراسى ئۇ ئەجدادىمنىڭ،
بېشىمدا جۇلالايدۇ زەر گۆھەردەك.
كىيىمەن،كىملىكى ئۇ ئەۋلادىمنىڭ،
كۆرسىتەر يوللىرىمنى پاھ، ھۈكەردەك!
كىيىمەن، ئاھ، بالاممۇ كىيىپ چوقۇم ،
قالدۇرار شەكسىز مىراس نەۋرەمگىمۇ!
دوپپىدۇر ئەۋلادىمغا مەڭگۈ ئۇدۇم،
يادىكار قالغاي چوقۇم چەۋرەمگىمۇ! ››