مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2255|ئىنكاس: 38

ئىمانىم ئۆيدە قاپتۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11665
تۆھپە نۇمۇرى: 1634
توردا: 5655 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 01:02:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا پايتەختىتىن ئايرىلىشىمغىمۇ ئازغىنە كەم ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قاپتۇ، شۇڭا ئوقۇش جەريانىدا ئۇيان بۇيانلارنى ئايلىنىشقا ۋاقىت چىقمىغاچ ھەم ئۆزۈممۇ ئانچە قىزىقمىغاچ ھەممە ئادەم تەلپۈنىدىغان ئىچكىرنىڭ مەركىزى شەھىرىدە تۇرۇپ ئەسنادى بىرەر باغچىسىغىمۇ بىرىپ باقمىغىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمچە كۈلگۈم كىلىدۇ. رامىزاننىڭ ئوتتۇرلىرىدا قىرىنداشلارنى يوقىلىغاچ تىيەنجىنگە چىققاندىن باشقا بىرەر شەھەرلەرگىمۇ بىرىپ باقماپتىمەن.
مانا قېرىنداشلارنى يوقلاشنىڭ باھانىسىدە خېبىينىڭ ساڭجۇۋ شەھىرى ۋە مېڭ سۈن خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيسنى ئايلىنىش پۈرستى كىلىپ قالدى. ئادەتتە ئۆزۈم يالغۇز، پارتىزانچە ھەركەت قىلىپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ تاڭ، بۇ قىتىممۇ ئۆزۈم يالغۇزلا يولغا چىقتىم. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئېيتقان << شەھەر كۆرگەن ئېتتىن قورۇق>> ، بۇ ھىكمەتلىك سۆزگە ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان ھىكمەتلەر جەمئىي قىلغانلىقىنى پەقەت باشقا يۇرتلارنى كىزىپ باققان، ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر ھەققىدە ئويلىنىپ باققانلار تېخىمۇ چوڭقۇر ھىسقىلسا كىرەك. شۇڭا قۇرئاندا ئازبولمىغان جايلاردا ئۇلار سەيرى قىلمامدۇ ؟ كەلىمىسنىڭ تەكرارلىنىشى ھەم ئاللاھنىڭ نۇرغۇن ھىكمەتلىرى بىزگە شۇنى ھىس قىلدۇرىدۇ.

چوشقا گۆشى يىمىسىلا مۇسۇلمان بولىدۇ
چوشقا گۆشى ئاللاھ قاتتىق لەۋزىدە ئىلىپ چەكلىگەن، ھارام قىلىغان يىمەكلىكلەردىن بولۇپ، بىر مۇسۇلمان ئاللاھ ھارام قىلىغان ھاراق، تاماكا، چوشقا كۆشى، ناخشا - ئۇسۇل ( بولۇپمۇ ھازىر بىزنىڭ دىيارىمىزدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ئاتالمىش مەدەنىيەتكە ۋاكىللىق قىلىۋاتقان ئاشۇ ناخشا ئۇسۇللار، مەشرەپلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئەگەر بۇ پىكرىمگە قارشى چىققۇچىلار بولساwww.islamhouse.com www.islam-qa.com تورىغا كىرىپ music دىگەن ئاچقۇچىلۇق سۆز ئارقىلىق ئىزلەپ باقسىڭىز بۇ ھەقتە جاۋابقا ئىرىشەلەيسىز ) قاتارلىقلار نەرسىلەر ئۈستىدە ئۈستىدە چىقارغان ھۆكۈمگە قەتئىي بوي سۇنىشى كىرەك. جۇڭگۇدىكى غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسىملىرى مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن چوشقا كۆشى يىمەيدىغانلىقى ھەققدە، چۈنكى مۇسۇلمانلار چوشقىنى ئولۇغلايدۇ، شۇڭا چوشقا گۆشى يىمەيدۇ دىگەن قاراشقا ئىگە. مەن شۇنداق بىرگەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم 90 - يىللاردا شاڭخەيدە بىر گىزتنىڭ باش تەھرىرى بىنگالغا چىققان ھەمدە ئۇيەردىكى كىشىلەرنىڭ كالىنى بەك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا كالا گۆشى يىمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن گىزىتتا مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن چوشقا گۆشى يىمەيدۇ؟ سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە يىزىپ ، چۈنكى مۇسۇلمانلار چوشقىنى ھۆرمەتلىگەچكە چوشقا گۆشى يىمەيدۇ دەپ يەكۈن چىقارغان .شۇ ۋاقىتتا شاڭخەيدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلار گىزىخانا ئالدىغان توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كىيىن ئەتىكى سانىدا مۇسۇلمانلاردىن ئەپۇ سورىغان. بۇ ۋەقە راسىت ياكى يالغان بولسۇن، جۇڭگۇدىكى بەزى غەيرى مۇسۇلمانلار ھەقىقەتەن شۇنداق قارايدۇ. مەن ئوقۇشقا كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بىر ئىچكى مۇڭغۇللۇق ساۋاقدىشىم مەندىن سەنمۇ ئوغۇرلۇقچە يەۋىلامسەن ؟ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي نىمىنى دەۋاتىسەن دىسەم، چوشقا گۆشىنى دەۋاتىمەن دىگەن ئىدى. مىنىڭ قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا ئاچچىقلانماستىن نىمىگە ئۇنداق دەيسەن دىسەم مىنىڭ بىر قىسىم خۇيزۇ ساۋاقداشلىرىم بولىدىغان، ئۇلار ئاتا - ئانىسىغا بىلدۈرمەستىن چوشقا گۆشى يەيتى دەپ سۆزلەپ بەردى. مەن شۇندىلا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق دەپ سورىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ چوشقا گۆشى يىمىسىلا ھەممى مۇسۇلمان دەپ قارىالغانلىقىنى بىر ئاز ھىسقىلغان ئىدىم. بۇ قىتىم بۇ سەپەر جەريانىدا مىڭسۈن ناھىيسىنىڭ بىر قىسىم يىزا قىشلاقلىرىنى ئايلانغاندىن كىيىن بۇ نوقتىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. مانا مەن بۇ يەردە ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلىقنى چوشقا گۆشى يىمىسەلىك، بالىسىغا كىتابى ئىسىم (经名) قويۇش، ئۆلۈپ قالغاندا مىيىتنى كۆيدۈرمەستىن نامىزنى ئوقۇپ يەرلىكىدە قويۇش دەپ چۈشۈنۈپ قالغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنى( مۇسۇلمان دىگەندىن كۆرە ئۇلارنىڭ كىملىكىدىكى مىللەت تەۋەلىكى بويچە خۇيزۇلاردىسەم توغرا بولار) كۆردۈم. ئۇلار مانا مۇشۇ ئۈچ تەرەپتە باشقا غەيرى مۇسۇلمانلاردىن پەرىقلىنەتتى، بولمىسا ئۇلاردىن قانداق پەرىق بارلىقىنى شۇيەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كىيىن ئىسلامنى چۈشۈنۈپ قۇبۇل قىلغان مۇسۇلمانلارمۇ ئېيتىپ بىرەلمەتتى. سىز يىزى يوللىرىدا ماڭغىنىڭىزدا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يوغان ، يوغان دەرۋازىنىڭ بىشىغا يوغان قىلىپ يىزىپ قويۇلغان ياكى < بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم > دىگەندەك خەتلەرنى كۆرۈپ بەلكىم ئۇلارنى ھەقىقەتەن ئىمانلىق كىشىلەركەن دەپ قىلىشىڭىز مومكىن، لىكىن بۇلار ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۆزىنى پەرىقلەندۇرۈش ئۈچۈن چىقىرىپ قويۇلغان بەلگىسى بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ خۇيزۇنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. ئۇلار يىزىقلىق تۇرغان ئۇ خەتلەرنىڭ مەنىسنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقى ئىنىق ئەلۋەتتە. ھەتتا مەسجىدلەردە ئەتتىگەن كەچتە كانايدا ئەزان ئېيتلغاندا بىزنى ئوخلىغىلى قويماي، ئۇيقىمىزنى بۈزىۋەتتى دەپ كانايدا ئەزان توۋىلاشنى توسقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا يۇقارقى يەكۈنلىرىمنىڭ ھەقىقەتەن توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىم. دىيارلىرىمىزدىمۇ يىزىلاردا ئوخشاشلا قوناق، پاختا، بوغدايلار تىرىدۇ، بۇ يەردىكى يىزىلاردىمۇ ئوخشاشلا شۇلارنى تېرىدۇ. ئۇخشىمايدىغان يىرى بىزنىڭ يىزىلىرىمىزدىكى كىشىلەر كانايدا ئەزەن توۋىلاشنى شۈنچە ئارزۇ قىلىدۇ - يۇ لىكىن ئۇ مومكىن بولمايۋاتىدۇ. لىكىن بۇ يەردىكى دىھقانلارغا بولسا كاناي ئارقىلىق ئەزەننى ئاڭلاش پۇرستى بار - يۇ، لىكىن ئۇلار ئۆزلىرى ئەزان ئوقۇشىنى توسىدۇ. بىر قىرىندىشىمىزنىڭ ئېيتىپ بىرىشچە مەن مىڭسۈندىن بارغان يىزىغىچە ئولتۇرغان ماشىنىدا بىرمۇ خەنزۇ يوقكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇيزۇ بولۇپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدىكەن، دىمىسىمۇ ماشىنىڭ ئالدىدا نۇرمۇر تاختىسى چاپلاغلىق بولسا، ئىچىدىكى ئەينەككە سىرتقا قارىتىپ نۇمۇر تاختىسىدىكى چوڭلۇقتىكى << ئىمان كەلىمىسى>> يىزىلغان تاختا يۆلەپ قۇيۇلغانتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئەگەر بۇ كارتىنىلارنى ئۆزكۈزۈم بىلەن كۆرمەي باشقا بىرى ماڭا سۆزلەپ بەرگەن بولسا مەن قەتئىي ئىشەنمەستىم. لىكىن بۇلار ھەقىقەتەن رىئالنى ئىشلار ئىدى.

مەن تۈنجى ئۇچراتقان چۈمبەللىك خۇيزۇ قىزى
ئاللاھقا ھەمدۇلار بولسۇنكى بۇ قىتىملىق سەپىرىم مىنى تۈنجى قىتىم چۈمبەللىك خۇيزۇ قىزىنى بىلەن ئۇچۇرشۇشقا نىسىپ ئەتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن پەقەت ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ۋەئەلەيكۇممۇسسالام دىگەندىن سالام كەلىمسى دىن باشقا پاراڭ سىلىشمىغان بولساممۇ مەندە ئۇنىڭغا نىبەتەن بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىش ھىكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى دىسەم خاتالالشمايمەن. ئىگىز بوي، ئورۇق كەلگەن بۇ چۈمبەللىك قىرىندىشىمىز بۇنىڭدىن ئۈچ يىللار ئىلگىرى ئىسلامغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى يۇرتى شەرىقى شىمال . يەنە بىر قىرىندىشىمىزنىڭ ھىكايە قىلىپ بىرىشچە ئۇ ئىسلامغا كىرىشتىن ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن، ناھىيسىدە مەلۇم بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىۋاتقان قىز بولۇپ، كۈندىزى خىزمەت قىلسا كەچتە ئۇنىڭ دوسلىرى بىلەن (غەيرى مۇسۇلمان) كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا ئۇچىدىغان، ھاراق تاماكا دىگەننى قولدىن بەرمەيدىغان ھازىرقى كىشىلەرنىڭ گىپى بىلەن ئېيتقاندا زامانغا لايىق قىز بولۇپ ئۆزىنىڭ خۇيزۇلىقدىن باشقا ھىچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىكەن. بەلكىم ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۈگەتمەپتىكەنمۇ دىيىشىڭلار مومكىن، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئەسلا بىلمىسىە باللىرىغا نىمىنى ئۈگۈتىدۇ؟ . ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەنە ئاشۇنداق ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر سۇئال پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ھەي مەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ياشايمەن؟ مىنىڭ بۇ ئۇيۇن تاماشلىرىم نىمە ئۈچۈن ؟ مىنىڭ ھاياتىمچۇ؟
ئاللاھ خالىغان بەندىسىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئاللاھمۇ ھىدايەت تىپىشنى خالايدىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى خالىسا كىرەك. مانا ئۇ قىزدا پەيدا بولغان بۇ بىرقانچە سۇئال ئۇنى ئىزدەندۇرۇپتۇ، ئۇ تور ئارقىلىق خۇيزۇلارغا، شۇنداق ئىسلامغا ئائىت ماتىرياللارىنى كۆرۈپتۇ، شۇندىلا خۇيزۇنىڭ قانداق بولۇشى كىرەكلىكى، مۇسۇلمانىنىڭ قانداق بولۇشى كىرەكلىكى ھەققىدە بىر ئاز چۈشەنچىلەرگە ئىگە بوپتۇ. ھەمدە تور ئارقىلىق بىر قۇرئان ۋە ياغلىق كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئۈگەنگەنسىرى چۈشۈنۈپتۇ، بىلەنسىرى ئازابلىنىپتۇ، ئۇ قۇرئاننى ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەقەت بىر مۇسۇلمانلىق ھالاتتە ياشىشى كىرەكلىنى چۈشۈنۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزدىكى تاماكا چىكىش، ھاراق ئىچىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى تۈگۈتۈش بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشقا، ۋە ئىسلامنىڭ قائىدە تۈزۈملىرنى ئۆزلىرىدە ئۆزلەشتۈرۈشكە ئۆتۈپتۇ. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنىڭ ئىگىز پەسلىرنى تولۇق بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئاشۇ كىيىملەردىن خۇشلۇشۇپ ھەققى ئىسلامى كىيىنىشكە بەلباغلاپتۇ. كىيىم تىكىش دۇكىنىغا بىرىپ ئۆزى توردا كۆرىۋالغىنى بويچە ئىسلام ئۆلچىمىگە چۈشىدىغان كىيىم بۇيرۇتۇپ تىككۈزۈپتۇ. ئۇ قىرىندىشىمىز ئۇقىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسىراتىنى تەسىۋىرلەپ شۇنداق دەيدۇ. مەن ئۇكىيىمنى كەيدىم ئەزەلدىن بۇنداق كىيىم كىيىپ باقمىغان ، زىلۋا بويغا ياراشقان ئاتالمىش مەدەننىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆلچىمى بويچە كىيىم كىيىپ كۆنۈپ قالغان، قىسقا يوپكا ياكى پادىچىلار ئىشتىنى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ لاتاپىتىنى نامايەن قىلىپ كۆنۈپ قالغان بۇقىزغا خالتىدەك بۇ كىيىمنى كىيىش ھەقىقەتەن ئىغىر كەپتۇ. ئۇ كىيىپ ئەينەككە قاراپ بىقىپتۇ، قارىسا بىر قىسمىلا، بۇرۇنقى باشقىلارنى لال قىلىدىغان بەدەن قۇرلىشىدىن ھىچقانداق ئەسەر قالمىغانتى. شەيتان ئۇنى تىرىلدۇرۇپتۇ، ھەي بولدى قىل ئۆزىڭنى قىناپ نىمە قىلىسەن، قارا ناھىيەڭدە سەندىن باشقا يەنە كىم شۇنداق كىيىنىدۇ. شۇنچە ياراشقان كىيىمنى بۇ خالتىغا ئالماشتۇرۇپ نىمە قىلىسەن؟ ئۇ كىيىمنى سىلىپ تاشلاپ ئاۋۋالقى كىيىمىنى كىيىپتۇ، ئاندىن ئەينەككە يەنە قاراپتۇ. ئاللاھ بىزنى بەدەنلىرىمىزنى ئوراشقا بۇيرىغان تۇرسا، ياق ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ! ماڭا پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى كىرەك ، ئەگەر مۇشۇ خالتىغا ئوخشاش كىيىمنى كىيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرشەلەيدىغان بولسام بۇ ئەرزىدۇ. ئۇ ئاۋۋالقى كىيىمىنى سىلپ تاشلاپ يەنە ئۇنىىڭ نەزىرىدە خالتىدەك بىلىنگەن ئۇكىيىمىنى كىيىپتۇ. ئاندىن ئىھ ئاللاھ ماڭا قەتئىي ئىرادە ئاتا قىلغىن دەپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ بوسوغىدىن ئاتلاپ ئىدارىسىگە قاراپ يول ئاپتۇ. مەيلى كوچىدا بولسۇن، ياكى ئىدەرىسىدە بولسۇن ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلىپتۇ. چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ناھىيە تەۋەسىدە بۇنداق كىيىنگەن بىرەر ئىنسان بولۇپ باققان ئەمەسكەن. كۈنلەر شۇنداق ئۇتۈپتۇ، ئىدارە ئۇنىڭغا سوغۇق بىلىنىپتۇ، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى ئۇنى تۈختاۋسىز ئۈگۈنۈشكە ئۈندەپتۇ. ئۇ ئۈگەنگەنسى ئۆزىنىڭ نەقەدەر بىلىمسىزلىكىنى ھىسقىلىپ ئازابلىنىشقا باشلاپتۇ. ھەمدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ پەقەت ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن شۇنداق ئۆتۈپكەتكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ بۇ تەسىراتىدىن ھەقىقەتەن ئويلىنىپ قالدىم ئۇ ئىلىم دىگەن نىمە؟ بىلىم ئىگىسى دىگەن كىم ؟ دىگەنلەرنى ئاللاھنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا چۈشۈرگەن:
[ «ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1]. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2]. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3]. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4]. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5].» ئەلەق سۈرىسىنىڭ 1~5-ئايىتى ] ئارقىلىق چۈشەنگەن ئىدى. ئۇ ئىلىم بولۇشىنى، بىلىم تەلەپ قىلىشنى زامانىز كىشىلىرى چۈشەنگەندەك داڭلىق ئالىي مەكتەپلەنى پۈتتۈرۈش، ماگىستىرلىك، دوكتۇرلۇق ئىنۋانىغا ئىرىشىش دەپ قارىماستىن ئاللاھنىڭ بىرلىنى تونۇش، ھەمدە ئۇنىڭغا رازىلىقىغا ئىرىشىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىش دەپ چۈشەنگەنتى. ئۇنداقتا بىزنىڭ زامانىمىزدىكى باكلاۋۇر،ماگىستىر، دوكتۇرلۇق قالپاقلىرى بىلەن ئىلىملىك سانىلىۋاتقان ئاشۇكىشىلەر، ئاشۇ ئالىم دەپ نام ئىلىپ دەپ - دەپە بىلەن ھۆرمەت ساھابىلىرىغا ئايلانغان كىشىلىمىز بۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىمۇ يوق؟ ئەگەر ئۇلار بۇھەقتە ئۇيلىنىپ باقمىغان بولسا بىز ئۇلارنى يەنىلا ئالىم دەپ قارامدۇق؟
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز خىزمەتنى تاشلاپ ئاللاھ يولىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىغا ئاتلىنىپتۇ. ئۇ ئىسلامنى چۈشۈنۈشكە باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ نەزىرىدە خىلى بولىدۇ دىگەن بىر خۇيزۇ يىگىت بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇقۇش گىپى چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ نەزىرىدە بەش نامازنى ئوقىيدىغان يولدىشى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلماپتۇ، ئۇ قىز قانداق چۈشۈندۇرمىسۇن تىرىشچانلىقى بىركار بوپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئاللاھ دەپ نەچچە يىل شىرىن كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ئىرىنى، ئايدا ئۆزىنى ئايلىق بىلەن تەمىنلەۋەتقان ئىدارنى تاشلاپ ئىلىم ئىلىش يولىغا ئاتلىنىپتۇ. مانا بۇ ئوقۇش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم ئۇنىڭ چۈمبەل ئارتىشقا تۈرىتكە بوپتۇ. ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ سۆزلەپ بىرىشچە ئۇ قىز نامازلىرىدا ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كىتىدىكەن، قىرىندىشىمىز نىمە ئۈچۈنلىكىنى سورىغىنىدا مەن ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن شۇنچە گۇناھ ئىشلارنى قىلىدىم. مەن ئاللاھنىڭ ئاشۇ بىلىمسىزلىكتىن قىلغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيمەن، ھەمدە ئاشا ھاياتىمنى ھەربىر ئويلىغىنىمدا ، ئاللاھنىڭ ئازابىنى ھەر بىر ئەسلىگىنىمدە مەن قانداق يىغلىماي تۇرالاي دەپ جاۋاب بەرگەن. مەن ئويلاپ قالدىم بىزدە زادى قانچىلىك شىلەر مۇشۇ قىزدەك ئويلىنىپ باققان، قانچلىك كىشىلىرىمىز ئىلىمنى قۇرئان ئارقىلىق چۈشۈنۈپ ئۇنى ئۈگۈنۈشكە ھەركەت قىلغاندۇ؟......

ئىمانىم ئۆيدە قاپقاپتۇ
بەلكىم بۇ ھىكاينى سىلەرگە سۆزلەپ بەرسەم ئىشەنمەسلىكىڭلار مومكىن، مانا مەن بارغان مېڭسۈن ناھىيسىدە ھەققى يۈزبەرگەن ۋەقە . ياقا يۇرتتىن كەلگەن بىر مۇسۇلمان بىر مۇسۇلمانچە دەپ خەت يىزىلغان قاسساپ دۇكىنىدىن گۈش ئالماق بولۇپ دوكانغا كىرىپتۇ، دۇكاندىرغا ئانچە ئىشەنچ قىلالماي قاسساپتىن سىزدە ئىمان بارمۇ ؟ دەپ سوراپتۇ.( بۇقاسساپ ئەلۋەتتە خۇيزۇ ، ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ) ئادەتتە ئىمانى دىگەننى سۆزنى خۇيزۇلارمۇ ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ئۇ قاسساپ ئۇنىڭ دىن ھەققىدە سوراۋاتقانلىقىنى بىلىپ يانچۇقلىرنى ئىزلەپ ھىچ تاپالماپتۇ، ھەمدە جاۋابەن كەچۈرۈڭ ئىمانىم بۈگۈن ئۆيدە قاپقاپتۇ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ. گۆش سىتىۋالغىلى كىرگەن ئادەمنىڭ گاڭگىراپ قالغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان ئەلۋەتتە. نىمە ئۈچۈن ئۇ قاسساپ ئىماننى سورىغۇچىغا ئىمانىم ئۆيدە قاپقاپتۇ دەپ جاۋاب بىرىدۇ؟ ئابايا دەپ ئۆتكەندەك بۇيەردە كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىىنى ئىشىك بىشىغا خەت يىزىپ قويۇش، ماشىنىلىرىغا تاختا چاپلاپ قويۇش، دۇكانلىرىغا ئىسلامى پۇراققا ئىگە ھەرخىل بىزەكلەرنى ئىسىپ قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا، ھىلىقى قاسساپمۇ ئىمان دىگەن شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بىلدۇرىدىغان ، يىنىدا ئىلىپ يۈرىدىغان بىرەر نەرسە بولسا كىرەك دەپ ئويلاپ شۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىكەن.

خاتىمە
بۇلار بۇقىتىملىق سەپەر جەريانىدا ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ۋەقەلەر بولۇپ، بۇلارنى مەن ئۆزىمىزدىن باشقىنىڭ ئىمانىنى يوققا چىقىرىپ خۇيزۇلار << بىزنىڭ قىشىمىزغا كەلسە دىنىمىز بىردەيدۇ، خەنزۇلارنىڭ قىشىغا كەلسە تىلىمىز بىر دەيدۇ >> دەيدىغان، ئۆزنى ئىماننىڭ يۇقىرىغا قويۇپ، باشقىلارنى بىر سۈپۈرگى بىلەنلا سۈپۈرۈپ تاشلايدىغانلارغا خۇيزۇلار ئەنە ئاشۇنداق دىيىش ئۈچۈن يازغىنىم يوق ئەلۋەتتە. مەن قەتئىي ئىشىنىمەن ئەگەر بىز ئىزلەيدىغان بولساق دىيارىمىزدا ئۇيەردىن ھەم بەتتەر جايلارنىڭ بارلىقىغا. ھەم ھازىر چوڭ بولىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۇلاردىن ياخشىمۇ ئەمەس. كونىلاردا بىر گەپ بار << كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن، مۇزاينىڭ بىشىغىمۇ كەپتۇ>> ئەنە مەن كۆرگەن ئاشۇ خۇيزۇلارمۇ بورۇن ئۆزلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۆممەت دەپ پەخىرلىنەتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش << قۇرئان>> ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى ئۆممەت دەپ تىلغا ئىلىنغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىدىن ئۆزلىرىنى قالتىس ھىس قىلىشاتتى. مانا بۇ خىل ھىس قىلىشلار، پەخىرلىنىشلەر ئۇلارنى ئاسسىلىماتسىيە بولۇش، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەسلىك دەرىجىسىدە ئۆزلىكىنى يوقۇتۇش گىردابىغا قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىغانتى.
ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: <> بۇ ئايەت بارلىق مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلىقىدىن پەخىرلىنىشكە تۈرۈتكە بولغان، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مەنپەتى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۆممەت ئىكەنلىكىنى زىكىرقىلغان ئايەت بولۇپ، ئايەت بىزگە ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلىق دەۋەسى قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ياخشى دىگەندىن دىرەك بەرمەيدۇ. بۇ ئايەتتىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ئەڭ ياخشى بولۇشنىڭ شەرتى بار بولۇپ ، بۇ شەرتلەر ھەرگىزمۇ مەن مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلىش ئەمەس، ھەتتاكى كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، زاكات بىرىش، ھەج قىلىش ئەمەس. چۈنكى بۇلار ئەققىلى بىر مۇسۇلماندا بولىدىغان سۈپەتلەر بولۇپ ئەگەر بىر مۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلغۇچىدە بۇ خىل سۈپەتلەر تىپىلمايدىكەن ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى يالغان، ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە شەك قىلمايمىز ئەلۋەتتە. ئايەتتىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى <> بولۇش ئۈچۈن ئىككى شەرت ھازىرلاش كىرەك بولۇپ ئەگەر ئۇنىڭ بىرى كەم بولىدىكەن ئۇ <> ئەمەس. بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى ئاللاھ ئىمان ئىيتىش . ئادەتتە ئىمان ئېيتىش دىگەن كەلىمە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ئىشىلىتىلگەچكىمۇ، بىز ئىمان ئېيتىش دىگەن سۆزنى بەك ئاددى چۈشۈنۈپ خۇدانى بىردەپ ئىشىنىشنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دەپ چۈشۈنۈپ كەلدۇق. مەن بۇ ئايەتنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە كۆز يۈگۈرتكىنىمدە بۇ يەردىكى تەرجىمە ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنىش دەپ ئىلىنغان بولۇپ ، بەلكىم بۇ بىز چۈشۈنۈپ كىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش دىگەن كەلىمە بىلەن پەرىقلەنسە كىرەك. ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنىش دىمەك ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىش پائالىيەتلىرىنى ئاللاھنىڭ مىزانى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش دىمەكلىك بولۇپ ، بۇ ئاللاھنىڭ بويرىغىنىغا ئەمەل قىلىش، توسقىنىدىن يىنىش، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسالامغا ئەگىشىش بىلەن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. <> بولۇشنىڭ ئىككىنجى شەرتى ياخشىلىققا بويرۇپ، يامانلىتىن توسۇش بولۇپ ، ئاللاھ كۆرسەتمىسى بويچە، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋاسسالامنى ئەلگە قىلىپ ئاللاھنىڭ ھىكمىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش، ھەقنى تەۋىسسيە قىلىش، كىشىلەرنى ئاللاھ ياخشى دىگەن ئەمەللەرگە تەرغىپ قىلىش. يامانلىقلارنى توسۇش ( بەلىكىم ھازىر بىزنىڭ دىنى ئۆلمالىرىمىزدا بولسۇن، نۇرغۇن مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزدا بولسۇن بۇ سۈپەت ئاساسەن يوق .) يامان ئەمەللەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش، يامان ئەمەللەرنى كۆرگەندە ھەركەتى ۋە ئىغىزى ئارقىلىق ئۇخىل ئەمەللەرنى توسۇش دىمەكتۇر. زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرنىڭ مۇسۇلمانقدىن پەخىرلەنسىمۇ، ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نەزىردە بىز <> ئۆممەت دەپ قارلىمىزدەپ ئويلىسىمۇ ، بىلىپ قالسۇنكى ئەگەر بۈ ئىككى شەرت ئۇ ئىنساندا، ئۇ ئۆممەتتە ھازىر بولمايدىكەن ئۇ بىشىنى نەگەرئورغىنى بىكار، ئۇ <> مۇسۇلمان، <> ئۆممەت ئەمەس. مانا مۇشۇ <> سۈپەتنى يوقۇتۇش بىلەن يۇقارقى كارتىنىلار بارلىققا كەلگەن بولسا، بىزنىڭ مۇشۇ سۈپەتلەرنى يوقىتىشىمىز بىلەن ئۇخىل كارتىنىلار بىزنىڭ دىيارىمىزدا بارلىققا كەلمەسمۇ؟.....
                                                           مەنبە:ۋىسال سىتودىيسى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 500 نادىر تېما !!!
ansar1013 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 510   باھا خاتىرىسى

دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئادەم ئەخلاق بىلەن گۇزەلدۇر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58762
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 893
تۆھپە نۇمۇرى: 209
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2011-10-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ  ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2089
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:44:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ۋاھ ماۋۇ تېما بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ.......ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن..:qiray121:qiray121

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36697
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1022
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 4034 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 04:51:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما يوللىغۇچىغا اللە ئەجىرنى بەرسۇن

سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5629
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن سىزگە بەك ياخشى تىمىكەن.......................

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1175 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:16:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئېسىل تىمىدىن بىرنى يېزىپسىز، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ  يۈرگەن بەزى كىشىلىرىمىز بۇ تىمىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئوبدان ئويلىنىپ باقسا بولغىدەك...

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73004
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى    تېما   بوپتۇ

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:25:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تۇڭگان جا تۇڭگان ئىككى تۇڭگان جىڭ تۇڭگان دىگەن گەپ بار .
دىيارىمىزدا ئاشخانا ئىچىپ تىجارەت قىلۋاتقان تۇڭگانلار ئاز ئەمەس ، ئاق بۆكىنى كىيۋىلىپلا  يۈرسە مۇسۇلمان ئوخشايدۇ دەپ يۈگرەپ كەتمەيلى .................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OZTURK02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-12 05:32 PM  


ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 2997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18018
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:43:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
OZTURK02 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 05:25 PM
بىر تۇڭگان جا تۇڭگان ئىككى تۇڭگان جىڭ تۇڭگان دىگەن گەپ  ...

شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك.مىنىڭمۇ بېشىم قاتىدۇ مۇشۇ ئىشقا؟كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن تاماق يەمدۇق؟مەن تۇرىۋاتقان يەردە ئۇيغۇر ئاشخانىسى يوق.ئەگەر تۇڭگانلارنىڭكىدىن يىمىسەم ئاچ قالىمەن.ئادەم بىر خىل بولۇپ قالىدىكەن مۇشۇلارنىڭ قولىدىن تاماق يىسە.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2033
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24023
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 5166 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچىدىغان مۇسۇلمان دەپ يازما بۇلىدىغان ....
بۇ تىمىنىڭ باش قىسمىدا بايان قىلىنغان ‹‹ چوشقىنى ھۆرمەتلىگەچكە يىمەيدۇ ›› دىگەن بۇ سۆز كاللامنى قاپاق قىپ قويدى ...
‹‹ئىمانىم ئۆيدە قاپتۇ›› مىنىڭچە بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خۇيزۇ بىلەن خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقى ئاساسلىق سەۋەب بۇلىشى مۇمكىن . ئۇلارنىڭ تىلى ، يېزىقى ئاساسى جەھەتتىن ئاسسىلماتسىيە بۇلۇپ بولغان ، قوغداپ تۇرىدىغان دىنغا بولغان ئېتقادى ئەتراپىدىكى تىلى ۋە يېزىقى بىردەك بولغان يېڭى ئەۋلاد ساۋاقداش (كەسىپداش ، قوشنا ، يۇرتداش ... دىگەندەك )لىرى ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۈرۈپ ئالا بۇلۇر ›› دىگەندەك بىردەكلىكنى ساقلاپ قېلىشى ئاساسلىق سەۋەب بولغان .
بىز ئۇلاردىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقىمىز بار ، ھازىر ھەر ھالدا ئۆز تىل يېزىقىمىز بىلەن ئۆز ئېتقادىمىزنى ساقلاۋاتىمىز ،،، ئەۋلادلارغا ياخشى تەربىيە قىلىپ ئانا تىل يېزىقىمىزنى ، مىللى خاسلىقىمىزنى ئېتقاد بىلەن ساقلىساق ھەر تۈرلىك ئاسسىلماتسىيە تەقدىرىدىن قۇتۇلالايمىز

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن : ‹‹ ئاللاھ پاكتۇر ، پاكتىن باشقىنى قوبۇل قىلماس ، ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرىغان نەرسىنى مۆمىنلەرگىمۇ بۇيرۇپ مۇنداق دىگەن :
‹‹ ئى پەيغەمبەرلەر ، ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلڭلار ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن ›› مۆمىنۇن سۈرسى 51 -ئايەت

يەنە مۇنداق بۇيرىغان :

‹‹ ئى مۆمىنلەر ، بىز سىلەرنى رىزقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ›› بەقەرە سۈرسى 171 ئايەت
يۇقىرىقى ئايەتلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دەيدۇ :

‹‹ بىر كىشنى ئويلاڭلار  ، ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئۇزۇن سەپەرگە يولغا چىقىدۇ ، ئۇنىڭ يىگىنى ھارام ، ئىچكىنى ھارام ، كەيگىنى ھارام ۋە غىزالىنشى ھارام تۇرۇقلۇق . قوللىرىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ( ئى ئىگەم ! ئى پەرۋەردىگارىم ! ) دەپ يالۋۇرىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ دۇئاسى قانداقمۇ ئىجابەت قىلىنسۇن ؟››

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72692
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 06:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستلا بىر ئېسىل تېما يېزىپسىز    .بۇنىڭدىن تېخىمۇ جىق بىلىملەرگە ئىگە بولىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72747
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 06:40:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا  رەھمەت قىلسۇن:qiray121

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 950
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 1230 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 07:32:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىلىپتۇ،سىز دىگەن مۇسۇلمانلار چوشقىنى ھۆرمەتلەيدۇ شۇڭا چوشقا گۈشىنى يىمەيدۇ دىگەن گەپ راس مەن يىقىندا بىر خەنزۇچە تور بەتتە كۆردۈم،ئۇ ئادىرىس ساقلاقلىق ،ئۇقۇشنى خالىسىڭىز ئەۋەتىپ بىرەي،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72232
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 07:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ھەممىمىزنېڭ ئىمانىمىزنى سالامەت قىلسۇن.  ...........................................................................تىما ئىگىسىگە رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش