رۇسىيە تۇنجى قېتىم تىنچ ئوكياننى قورشاش مانېۋىرىغا قاتنىشىپ، خەنجىرىنى جۇڭگۇغا قاراتتى.
رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 6-يانۋار جاكارلىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدىن 8-ئايغىچە تۇنجى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ ھاۋاي شتاتى دېڭىز ساھەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان " تىنچ ئوكياننى قورشاش 2012 " ھەربى مانېۋىرىغا قاتنىشىدىكەن.رۇسىيە ئارمىيىسى" تىز سۈرئەت" دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت، سۆرىگۈچى كېمە ۋە ماي پاراخوتىدىن ھەر قايسىسىدىن بىردىن چىقىرىدىكەن. رۇسىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كانادا، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق 12 دۆلەتمۇ بۇ قېتىملىق مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن. پۈتكۈل مانېۋىرغا 6 سۇ ئاستى پاراخوت39 پاراخوت، كۆپ بولغاندا 200 ئايروپىلان ۋە 1200 غا يېقىن ئەسكەر چىقىرىلىدىكەن.
بىرلەشمە ھەربى مانېۋىر خەلقئارادا بىرلەشمە جەڭدىن قالسىلا ھەربى ئىشلار ئالاقىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەكىل بولۇپ ، " تىنچ ئوكياننى قورشاش" يۈرۈشلۈك مانىۋىرى1971-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا باشچىلىقىدا ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ،ئاساسى تىغ ئۇچىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتىغا قاراتقان. بىرلەشمە ھەربى مانېۋىرغا قاتناشقان ياپونىيە،كورىيە،ئاۋىستىرالىيە، كانادا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەر سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشى مەزگىلىدە ئامىركىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولۇپ جۇڭگۇغا قارشى تۇرۇش ھەربى ئىشلار ئەنئەنىسى چوڭقۇر. ئەمدىلىكتە " تىنچ ئوكياننى قورشاش " 2012 يىللىق مانېۋىرىغا يېڭىدىن ھىندىستان قېتىلغان بولۇپ نەق جۇڭگو بىلەن ئۆچ –ئاداۋىتى بار بولۇپ ،ھازىر مۇھىم بولغان دۆلەت زىمىنى ماجراسىدىكى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكياندىكى كىچىك مۇشتۇمزوردۇر. سوۋېت روسىيىسى تىنچ ئوكيان فىلوتى ئۆزگىرىپ دۈشمەن بىلەن دوستلاشقاندىن كېيىن تىنچ ئوكياننى قورشاش ئىشى ھەربى ئىشلاردا كۈچلۈك دۆلەت جۇڭگونى بىر تەرەپتە يىتىم قالدۇرۇپ بېيجىڭنى چۈچىتەلىگەنمىدۇ؟
ئومۇمەن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ھەربى مانېۋىرى ئادەتتىكىچە ئېيتقاندا ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان،پەقەتلا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، دېڭىز قاراقچىلىرىدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئوخشاش غەيرى ئەنئەنىۋى قوراللىق ھەرىكەتتۇر. ئەمما، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز،ھاۋا،قۇرۇقلۇقدا يۇشۇرۇنچە سېترېئولۇق جەڭدىكى سەر خىل قۇراللارنى جارى قىلدۇرۋاتقىنىنى، نەچچە تال زىيانداشنى تۇتۇش ئەمەسلىكىنى ساراڭمۇ بىلەلەيدۇ."تىنچ ئوكياننى قورشاش2012" ھەربى مانېۋىرى قىياس قىلىنغان دۈشمەن " ئازادلىق ئارمىيە"نى قىرىشنى زىممىسىگە ئالغان.
رۇسىيەنىڭ غەرپكە كۆز قىسقىنىدىن تارتىپ ئۆزىنى غەربنىڭ قوينىغا ئاتقان بۈگۈنگە قەدەر، رۇسىيە ئارمىيىسى مەلۇم ۋاقىتنىڭ ئالدىدا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىپ " تىنچ ئوكياننى قورشاش " يۈرۈشلۈك مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، رۇسىيە تىنچ ئوكيان فىلوتىنىڭ بايرىقى ئېسىلغان ئوكيان چارلاش پاراخوتى 2010-يىلى 6- ئايدا سان –فىرانسىسكونى زىيارەت قىلدى، بۇ رۇسىيەنىڭ 147 يىلدىن بۇيان رۇسىيە ھەربى پاراخوتىنىڭ تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ،كەينىدىنلا ئامېرىكا-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىلىرى تېرورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىر قىلدى.شۇ سەۋەپتىن جۇڭگو-ئامېرىكا توقۇنۇشۇپ قالسا رۇسىيە ياردەم بېرىش قۇرۇق خىيال بولۇپ قالدى.
سۇمرۇغ تورىدىن مۆتىۋەر تەرجىمە قىلدى،
http://blog.ifeng.com/article/15839563.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-12 11:17 AM