مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 3

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44334
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 385 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 01:09:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىب -شائىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىيەت مېتودى

ئاپتور : ئىقبال تۇرسۇن


مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇر قەدىمكى ئەدەبىياتىنىڭبىر يېرىم مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتىدا، كلاسسىكئەدىب-شائىلارنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى، سىياسى غايىسىبىلەن ئىجادىيىتى پسىخىكىسى ئوتتۇرىسىدا مۇرەككەپ ئىچكى مۇناسىۋەت شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك، شامانىزم، بۇددىنىزم ۋە ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىسى كلاسسىكلارنىڭ پەلسەپە-ئىستېتىك قاراشلىرى ۋە ئىجادىيەت نەزەرىيىسىگە تۈرتكە بولغان ياكى مەلۇم چەكلەش رولىنى ئوينىغان. ئەدىب شائىرلارنىڭ مىجەز-خاراكتېر پىسىخىكىسى، سىياسى غايىسى ھەم ھاياتلىق كۆز قارىشىنىڭ تۈپ يۈزلىنىشىنى بەلگىلىگەن. كلاسسىكلارنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى، ژانېرلىرى، ئىدىيە خاھىشى، ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى ۋە بەدىئىي مېتودى باشتىن-ئاخىر پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزگىرىپ، ئالمىشىپ ۋە يېڭىلىنىپ كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر ئىستېتىك نەزەرىيىۋى ئالاھىدىلىكى، مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى، سىياسى غايىسى بىلەن ئىجادىيەت مېتودىنىڭ مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

        ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:    ئۇيغۇركلاسسىكلىرى   پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش    ئىجادىيەت مېتودى

    1    ئۇيغۇرلار ― ئوتتۇرا ۋە مەركىزىيئاسىيادىكى بىر نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىياتمۇساپىسىدا كۆپ مەنبەلىك مىللىي مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە ئىدىئولوگىيەفورمىسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، بۇ مەدەنىيەت ھەم پەلسەپە ئىدىيىسىنىئوبرازلىق نامايەن قىلىپ بېرىدىغان مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە ئەدەبىياتنىياراتتى.

    تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئېتنىك تەركىب -مەنبەلىرى ھەرخىل، ياشىغان جاي ماكانلىرى كەڭ، سىياسىي،ئىجتىمائىي سەرگۈزەشتىلىرى مۇرەككەپ، دىنىي- ئېتىقاد،تىل - يېزىق، ئۆرپ - ئادەت ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى كۆپ خىل ئارىلاشمابولغان. بۇ تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىدىيە، بەدىئىي شەكىل، ئىجادىيەت نەزەرىيىسى - پرىنسىپلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ ئارىلاشما بولۇشتەك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

    ئەگەر، ئۇيغۇر يازما (ئاپتورلۇق) ئەدەبىياتىنىقەدىمكى تۈرك (ئورقۇن) يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشيادىكارلىقلىرىدىن باشلاپ رەسمىي شەكىللەنگەن دەپ قارىساق، ئۇيغۇركلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئىجادىيەت ئىدىيىسى، نەزەرىيە ھەم شەكىل جەھەتتىكى تەرەققىيات تارىخىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن: بىرىنچى باسقۇچ، ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى. بۇ باسقۇچتا قەھرىمانلىق ئىپوسلىرى، ئەپسانە - رىۋايەت، خەلق ھېكايە - قىسسىلىرى، شېئىر - قوشاقلار يازما ئەدەبىياتنىڭ باش مەنبەسى سۈپىتىدە قەدىمكى دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك ئىدىيىلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ۋە پەلسەپە ئۇلىنى تەشكىل قىلىپ، ئەدەبىياتنىڭ تېما، ئوبراز، سيۇژىت ۋە ئىدىيىۋىي پىكىر فورمىسىنىڭ ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن. ئىككىنچى باسقۇچ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى تارىخىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدا تارىخىي بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەردى. يەنى ئورخۇن - سېلىنگا ۋادىلىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى 9 - ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى موڭغۇل ۋادىسىدىكى بۆلىكى زور كۆلەمدە ھازىرقى شىنجاڭ رايونىغا كۆچتى ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى (850- 1250- يىللار) ۋە قاراخانىيلار خانلىقى (1870- 1231- يىللار) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خانلىقنى قۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئىقتىسادىي ئىگىلىك شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىككى خانلىقتا بۇددىزم ۋە ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى ئاساسىدىكى ئەدەبىيات پەرقىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قەدىمكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خەلق ئاغزاكى ئىجادىيەت بىلەن يازما ئىجادىيەت بىللە مېڭىش، ئەرەب، پارس تىل - يېزىقى، خاقانىيە تىل - يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - يېزىقى شۇنداقلا خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئوخشاش شۇغۇللىنىش، بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە ئىسلام دىنلىرى تەسىرىدىكى كۆپ خىل ئىجادىيەت ئىدىيىسى، نەزەرىيىسى ۋە بەدىئىي ژانىر - شەكىللەر، تەسۋىرىي ۋاسىتىلەر شەكىللىنىشكە ۋە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. بۇ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ پەلسەپە دۇنيا قاراش ئىدىيە سىستېمىسى بىلەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، شۇنداقلا ئىستېتىك قاراشلىرىنىڭ بىر قېتىملىق تارىخىي بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر ئەدەبىيات ئىدىيىسى ۋە نەزەرىيىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىش ھەم قېلىپلىشىش مەزگىلى، يەنى چاغاتاي، تۆمۈرىلەر ۋە يەكەن خانلىقى مەزگىللىرىدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېما، ئوبراز، ئەدەبىي مىتود، ژانىر ۋە بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى ئىسلام پەلسەپە ئىدىئولوگىيىسى بىلەن ئىسلام ئەدەبىيات ئەنئەنىسى بويىچە داۋاملىق چوڭقۇرلىشىپ، ئەرەب، پارس ۋە باشقا خەلقلەر ئەدەبىياتىنىڭ مۇۋاپىق تەسىرلىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا بېيىپ، نەزەرىيە ۋە ئىدىيىسى چوڭقۇرلاشتى ھەم دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئىدىيە سىستېمىسىنى تۇراقلاشتۇردى. تۆتىنچى باسقۇچ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى، ئىستېتىك ئىدىيە، پرىنسىپ ۋە فورمىسىنىڭ سىستېمىلىشىش ۋە تاماملىنىش مەزگىلى. يەنى خوجىلار ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تىل، تەسۋىر، ئوبراز، مىتود، ئۇسلۇب، ئېقىم، ئىدىيە - ژانىرلىرى يەنە داۋاملىق ئۆزگىرىپ ۋە تولۇقلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا ئوخشىمايدىغان، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى ھەمدە بىر قەدەر مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شەكىللىنىش، چوڭقۇرلىشىش،تارىخىي ئۆزگىرىش ۋە پىشىپ يېتىلىش مۇساپىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭسىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە پەلسەپەروھىي دۇنياسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياندىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيە ئەنئەنىسى ھەم ئىجادىيەت نەزەرىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ باردى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى سەھنىسىدىكى شائىر - ئەدىبلەر، كائىنات، جەمئىيەت، ئىنسان، تەڭرى ۋە تەقدىر توغرىسىدا ھامان ئۆز زامانىسىنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىي مۇھىت تەلىپىگە يارىشا پىكىر قىلىپ مۇھەببەت، ئۆلۈم، ئۇرۇش، ئەخلاق تېمىلىرىنى رېئال ياكى ئەپسانىۋى رومانتىك ئوبراز ۋە سيۇژىتلاردا گاھى ئوچۇق، گاھى يوشۇرۇن ئىپادىلەپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى بىر قەدەر ئىنچىكە سۈرەتلەپ بەردى ۋە دەۋر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپە دۇنيا قارىشى، سىياسىي غايىسى ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى نامايان قىلدى. كلاسسىك ئەدىب، شائىرلار يەنە ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىم - ئۆلىماسى، مۇتەپەككۇرى ۋە ئۇستازى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قاراشلىرى ئىجادىيىتىگە ھەمدە نەزەرىيە ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىغا نىسبەتەن بىۋاسىتە يېتەكلەش ياكى چەكلەش رولىنى ئوينىغان.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇر كلاسسىكلىرىنىڭئەدەبىيات ئىدىيىسى، نەزەرىيە ۋە ئىستېتىك چۈشەنچە- قاراشلىرىنى بىلىشتە، ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى، سىياسىي غايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ ئۆزئارا قانداق باغلىنىش بارلىقىنى، پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات ئىدىيىسىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

    2    مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر دەۋردە بارلىققا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەر ئەدىب - شائىرنىڭ مۇئەييەن پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى بىلەن سىياسىي، ئىجتىمائىي غايىسىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى. دۇنيادا پەيلاسوپلارنىڭلا ئەمەس، ئادەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا دۇنيا قارىشى بولىدۇ. ئۇنى ھەربىر ئادەم ئۆز ھايات مۇساپىسىدا يارىتىدۇ ۋە جارى قىلىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئايرىم شەخسنىڭ دۇنيا قارىشى ئۇ ئۆزى تەۋە بولغان كوللېكتىپنىڭ بىر قەدەر كەڭ ئومۇملۇققا ئىگە ئەخلاق قىممەت قارىشى بىلەن بىرلىشىپ، بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - تۈزۈم، مائارىپ، ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە غايىسىنى تەساددىپىي ھادىسىلىكتىن مۇقەررەر ماھىيەتلىك مەنتىقىي ئاڭغا ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ كىشىلەر دۇنيا قارىشىنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشىغا ئايلىنىش جەريانى. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەدىب - شائىرلار مۇئەييەن پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش ۋە ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي خاھىشىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ، ئەمما ئەدىب - شائىرلار ۋە سەنئەتكارلار پەيلاسوپلاردەك مەۋھۇم ئىدىئال چۈشەنچىلەر، ئابىستراكىت ئۇقۇم ۋە مەنتىقىلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى ئىنساننى تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئايرىم تەساددىپىيلىقلىرى ئىچىگە قويۇپ، شەخسنىڭ كونكرېت ھېسسىيات تۇيغۇسى، ھايات كەچمىشى، خاراكتېر دۇنياسى ئىچىدە جانلىق، ئوبرازلىق، ئىنچىكە تەسۋىرلەپ، كىشىگە ئىستېتىك ھوزۇر ۋە ئىلھام ئاتا قىلىدۇ، ئىنساننى ھاياتلىق تەقدىرى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. پەيلاسوپلار ھامان مەلۇم ھاياتلىق قانۇنىيەتلىرىنى پەرەز ھۆكۈم ۋە ئۇقۇملىرىدا شەرھىيلىسە، ئەدىب - شائىرلار بۇ دۇنيا تەسادىپىيلىقلارغا تولغان دەپ قارايدۇ.

    قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدىب - شائىرلىرى تاشقىيدۇنيانى نوقۇل تەقلىد قىلىشتىن مەلۇم پەلسەپەدۇنيا قاراش ۋە ئىجتىمائىي ئىستېتىك ئاڭ بىلەن ئادەم ۋە رېئاللىقنى قايتا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىزدەنگەندە، مۇئەييەن مەدەنىيەت - ئىستېتىك ئىدىيە ۋە ئەخلاقىي ئەنئەنىلەرنى ئۆز جەمئىيىتى، سىنىپ، گۇرۇھ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئىجادىيەت مەقسىتى ۋە مەزمۇنى قىلغان ھەمدە سىياسىي، ئىجتىمائىي غايىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان. ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش بوسۇغىسىدا خەلق ئىپوس - داستانلىرى، ناخشا - قوشاق، ئەپسانە - رىۋايەت، چۆچەك - قىسسىلەر، ئىبرەتنامىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى، شامانىزم، مانىزمغا ئوخشاش دىنىي ئىلاھىيەتچىلىك قاراشلىرىنى ئەدەبىياتنىڭ ئىدىيە مەنبىئى قىلغان. تارىم ۋادىسىنىڭ مىلادى 3- 9- ئەسىرلەردىكى بۇددا دىنى ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش ئەدەبىي يادىكارلىقلىرىدا ئىپادىلەنگەن شەخس ۋە دۆلەت مەۋجۇدلۇقى ھەققىدىكى ئىجتىمائىي پەلسەپىۋى قاراشلار قوشۇلۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاق، مۇھەببەت تېمىلىرىنى، خىلمۇ - خىل تىپلىرىنى، سىيۇژىت قۇرۇلمىسى، بەدىئىي ژانىر ۋە تەسۋىرىي شەكىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ خۇسۇسەن قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئەدەبىياتى بىلەن قاراخانىيلار خانلىقى ئەدەبىياتىدا نۇقتىلىق كۆرۈلىدۇ.

    مىلادى 9 - 13- ئەسىرلەر ئۇيغۇرمەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئەدەبىيات ئىجادىيىتى گۈللەنگەنئالتۇن دەۋر بولۇپ، مەلۇم مەنىدە ئۇيغۇر پەلسەپە دۇنيا قاراشلىرى بىلەن ئەدىب - شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە سىياسىي غايىسى ئارىسىدا بىر قېتىملىق ئىدىيە توقۇنۇشى ئىچىدىكى تارىخىي تاللاش ئېلىپ بارغان ۋە بۇرۇلۇش ياسىغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچكەندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ھاياتى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر، يەنى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنى مەدەنىيىتى بىلەن قوچۇ خانلىقىنىڭ بۇددا ۋە مانى دىنى مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىنىڭ روشەن پەرقلىنىشى بۇ ئىككى خانلىق ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزئارا ئوخشىمايدىغان پەلسەپە، دىن ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئىجادىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

    قوچۇئۇيغۇر خانلىقىدا ئاپرنچۇرتېكىن، پىراتياياشىرى، قالىمكەيشى، ئاتساڭ قاتارلىق ئەدىب - شائىرلارۋەكىللىكىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بۇددا دىنى ۋە مانىدىنلىرى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئاساس قىلىپ دۆلەت، زېمىن، خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇقى، شەخس ئېڭى بىلەن كوللېكتىپنىڭ مۇناسىۋىتى، شەخسنىڭ قەلبىدىكى دۆلەت، جەمئىيەت، كىشىلىك ھايات، ئىلىم - مەرىپەت، ئادالەت - باراۋەرلىك، ئەخلاق، مۇھەببەت مەزمۇنلىرى ئىپادىلەنگەن. قاراخانىيلار ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىدا بولسا، مۇسۇلمان پەيلاسوپ مۇتەپەككۇرلىرىدىن ئەبۇ ناسىر فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلارنىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت پەلسەپىسى، پانتىزملىق بىلىش نەزەرىيىسى، «شەرقچە غايىۋىي دۆلەت»ئوتۇپىيىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىستېتىك غايىسىنى «قۇتادغۇبىلىك»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»قا ئوخشاش ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزگىچە بەدىئىيئوبراز، سىيۇژىت، مېتود ۋە تەسۋىرى يوللاردا ئەكس ئەتتۈردى ھەمدە ئۇيغۇر ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىنىڭ بىر يۈرۈش ئەدەبىيات نەزەرىيە چۈشەنچىلىرى، ئىجادىيەت رامكىسى ھەم ئىستېتىك پرىنسىپ ئەندىزىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

    ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ قەدىمكىچارۋىچىلىق ۋە ئوتلاق مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئەسىرلەرگەكەلگەندە «يىپەك يولى» سودا مەدەنىيىتىگە تەدرىجىي ئورۇنبەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار «يىپەك يولى» دىن ئىبارەت بۇ، شەرق - غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش دوقمۇشىنىڭ باش ساھىپخىنى سۈپىتىدە، ئەسلىدىكى قەبىلىۋىي ئىگىلىك شەكلى، مەھەللىۋىي تۇرمۇش، ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەتنى شەرق - غەربنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت فورمىسى ۋە پەلسەپە تەپەككۇر تەلىماتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇلار ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كىرگۈزۈش، ئارىيە ئېلىش بىلەن چىقىرىشنى، قوبۇل قىلىش بىلەن قايتا يارىتىشنى، ئۆزىنىڭكىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۇنى ئىجادىي يېڭىلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد، كۆپ خىل تىل - يېزىق ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت ھەم ئىدىيەلەر ئۆزئارا ئۆتۈشۈش، تەسىر قىلىش ئۆزئارا كىرىشىشتىن ھاسىل بولغان ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش سىستېمىسىنى تىكلىدى ۋە شۇ ئاساستىكى ئەدەبىيات نەزەرىيىۋىي فورمىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەنىدى.

    دەلئاشۇنداق بىر مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى سەۋەبلىك، ئىككىخانلىقنىڭ ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ خاراكتېر پسىخىكىسى،پەلسەپە دۇنيا قارىشى، ئىجادىيەت ئەندىزىسى ۋە نەزەرىيىۋىيقاراشلىرىدا مەلۇم ئارىلىق بولسىمۇ، گەرچە ئېتىقاد،ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - يوسۇنلىرىدا بەزى ماھىيەتلىك پەرق مەۋجۇد بولسىمۇ، لېكىن ئىككى خانلىقتىكى كلاسسىكلار ئىنساننىڭ ھېسسىيات، ئەقىل ئىرادە، كەيپىيات تەپەككۇر، مۇھەببەت - نەپرەت، ھايات - ئۆلۈم، قىساس - ئەركىنلىك، ئىلىم - مەرىپەت، ئادالەت - باراۋەرلىك، تىنچلىق - بەخت ۋە ئامەت ھەققىدىكى ئىستېتىك تونۇش ۋە تۈپ پەلسەپىۋى مەسىلىلەردە ماھىيەتلىك بىرلىك ۋە ئورتاقلىق بار ئىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، قاراخانىيلار دەۋرى ئەدەبىياتى باشلانغاندىن كېيىن، تا 17- 18 - ئەسىرلەرگىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قەھرىمانلىق تېما، ئوبراز ۋە ئىدىيىلىرى، مۇھەببەت، ئۇرۇش ۋە ئۆلۈم تېمىلىرى بىر قەدەر سۇسلىشىپ، ئەخلاقىي دىداكتىك تېما ۋە بۇ ئىدىيە ئاستىدا مۇھەببەت تېمىلىرى لېرىك، رومانتىك تەسۋىرلەندى، ھەمدە ئەدەبىياتنىڭ ئىلغار ئىجتىمائىي خاھىشچانلىقى، نەزەرىيە ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىدىكى بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ كەلدى. مەيلى پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇرلار ياكى ئەدىب - شائىرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ پەلسەپىۋى رىسالىلىرى ياكى ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە پەلسەپىۋى دۇنيا قاراش، سىياسىي غايىسىنى ھامان دۆلەت، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى ھەمدە كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى چوڭقۇر ئازاب ئېڭى بىلەن باغلاپ ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدىب - شائىرلىرى مەيلى ھۆكۈمران تەبىقىدە ياكى ئاۋام خەلق ئارىسىدا ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، شەخسىي ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن يەكۈنلىگەن ھاياتلىق تەسىراتى، تونۇشى، تەجرىبىلىرى ۋە پوزىتسىيىسىنى دەۋرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي رىئاللىقى بىلەن باغلاپ كۆزىتىپ، ئۆزى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىدىيە ۋە مەقسەتكە باپ كېلىدىغان ژانىر، مىتود ۋە تەسۋىرىي شەكىللەردە ئۆتكۈر ۋە تەسىرلىك نەپىس تىل بىلەن ئۆز قەلبىدىكى دۆلەت، جەمئىيەت، ئىنسان تەقدىرى، ئۆلۈم ۋە بەختسىزلىكلەر ھەققىدىكى مۇڭلۇق ھېسسىيات، پىكىرنى ئىزھار قىلىدۇ. شەخسنىڭ بىلىم ئېلىپ، ئەقىل - پاراسەت يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاقىي مەنىۋى تاكاممۇللۇقى ئارقىلىق دۆلىتى، جەمئىيىتى ۋە خەلقىگە تۆھپە قوشۇش، جەمئىيەتنى ئوڭشاش، خەلقنىڭ روھىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچ ۋە غايىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا مەڭگۈ تاش ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، قوچۇ ئىدىقۇت شېئىرىيىتى، نەسىر ۋە دراما ئىجادىيىتىدىن تارتىپ، قاراخانىيلار خانلىقىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن تېما، ئوبراز، ئەدەبىي مېتود ۋە ئىدىيىلىرىدىن بۇنى ئېنىق كۆرىمىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىجادىيىتىدىن تا لۇتفى، نەۋائى، خىرقەتى، زەلىلى، خاراباتى، قەلەندەر، ئابدۇرېھىم نىزارى ئىجادىيىتىگىچە كلاسسىكلارنىڭ پەلسەپىۋى دۇنيا قارىشى بىلەن سىياسىي - ئىجتىمائىي غايىسى ئەدەبىيات ئىدىيىسىگە ئايلىنىپ، بەزىدە ئەخلاقىي دىداكتىكا ۋە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك شەكلىدە، بەزىدە مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي تىراگىدىيىلەر ۋە ئۆلۈم تېمىلىرى شەكلىدە، لېرىك ۋە ئىپىك داستانلار، لېرىك غەزەللەر، قىسسە - ھېكايە دىراممىلار قاتارلىق ژانىلاردا سىموۋلىزم، رومانتىزم ھەم رىئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودىدا ئورۇنلانغان.

    3    ناھايىتى روشەنكى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەدىب - شائىرلارنىڭ پەلسەپە دۇنيا قارىشى ۋە ئىستېتىك چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مېتودى، ئۇسلۇبى ۋ بەدىئىي شەكلىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە چەكلەش رولىنى ئوينىغان.

    ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى شەكىللىنىشنىڭئالدىدىكى خەلق ئاغزاكى ئىجاديەتلىرىدە رىئالىستىكۋە رومانتىك ئامىللار مەۋجۇد بولۇپ، ئاپتورلار ئەدەبىياتى بارلىققاكەلگەندىن كېيىن، ئىجادىيەتنىڭ ژانىر ۋە شەكىل تەرەققىياتى بىلەن ئىدىيە، مىتود تەرەققىياتى ھامان بىرلىكتە يېڭىلىنىپ كەلگەن. مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدە دۆلەتنىڭ تەقدىرى، خەلق تۇرمۇشى ھەمدە شەخس بىلەن كوللېكتىپنىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى پەلسەپە ۋە سىياسىي ئىدىيىلەر بۇ ئابىدىلەر ئاپتورلىرىنىڭ بىر خىل ئەدەبىي ئىدىيىسى سۈپىتىدە ساددا رىئالىزملىق ئىجادىيەت خاھىشىدا تەسۋىرلەنگەن. قوچۇ ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلەردە مۇھەببەت، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك، ئىنسان گۈزەللىكى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەدەبىياتنىڭ رىئالىستىك ئىجادىيەت مېتودىنى خېلىلا گەۋدىلەندۈرگەنىدى. قارا خانىيلار خانلىقىنىڭ ئىسلامىيەت ئەدەبىياتى ئىسلام پەلسەپە ۋە ئىستېتىك قاراشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقتىن، ئىسلامىيەت ئەدەبىياتىدا دىنىي ۋە ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تەشەببۇسى، دىداكتىك تېما ھەم ئىدىيىلەر گەۋدىلىنىپ سىمۋوللۇق تېما، ئوبراز ۋە ئىجادىيەت مېتودى ئاساسلىق ئورۇن تۇتتى. فارابى ئوتتۇرىغا قويغان «ئادىل شاھ»، «ئادالەتلىك قانۇن» ئاساسىدىكى «غايىۋىي دۆلەت» ئىستېتىك ئىدىئالى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ«ئەتەبەتۇل ھەقايىق» ئەسىرىدىن تارتىپ، نەۋائىنىڭ«خەمسە» تۈركۈمىدىكى داستانلىرىغىچە ھەتتا ئابدۇرېھىم نىزارى ئىجادىيىتىگىچەئىزچىل ئەدەبىيات ئىدىيە ئەنئەنىسىنى تەشكىل قىلىپ، سىمۋولىزملىقمىتود بىلەن ئىپادىلەنگەن. ئىسلام دىنىنىڭ كائىنات، دۇنيا، ھاياتلىق،ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى ئەقلىي تەلىماتىدا ئىنساننىڭ ئەخلاق ۋە مەنىۋى كامالىتىنى تىنچلىق - ئاسايىشلىق ۋە ئۆزىنى تىزگىنلەشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، مەيلى مۇھەببەت، ئۆلۈم ياكى ئىجتىمائىي رىئال مەسىلىلەر بولسۇن ھەممىسى سىمۋوللۇق ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز دەۋرىنىڭ مۇتەپەككۇر شائىرى سۈپىتىدە قاراخانىيلار جەمئىيىتىنىڭ ئىچكى زىددىيەتكە پېتىپ، ئادەمنىڭ ئەخلاق ۋە ئېتىقادى بۇزۇلۇپ، ئەمەلدارلار چىرىكلىشىپ ئادىمىيلىك يوقىلىپ يىمىرىلىشكە يۈز تۇتىۋاتقىنىدىن قايغۇرىدۇ. ئەخلاق، ئىلىم - مەرىپەتنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىسلاھ قىلىپ، قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيىسىنى «قۇتادغۇبىلىك» دە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان تارىخىي دەۋر، سىنىپىي ئورۇن ھەمدە ئىسلام پەلسەپە دۇنيا قارىشىنىڭ چەكلىشى تۈپەيلىدىن ئۈزۈل - كېسىل رىئالىست يول تۇتماي، بەلكى كاۋاپمۇ، زىقمۇ كۆيمەيدىغان ئارا يولنى تۇتۇپ رىئاللىقنى كەسكىن تەنقىد قىلمايدۇ ۋە رەت قىلمايدۇ. چاغاتاي ۋە تۆمۈرىلەر دەۋرىدىكى ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى ھەمدە ئەلىشىر نەۋائى ئىجادىيىتىمۇ ئومۇمەن مۇشۇنداق ئەدەبىيات ئىدىيىسى ۋە ئىجادىيەت مېتودىغا ۋارىسلىق قىلغان. نەۋائى ئۇ ئىلگىرىكى ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ھەم ئەدىب - شائىرلىرىغا قارىغاندا كۆپ مەنبەلىك پەلسەپە - ئىستېتىك قاراشلىرى بىلەن سىياسىي غايىسىنى جىپسلاشتۇرۇپ «چاھار دىۋان» غا جەملەنگەن مۇھەببەت لېرىكىلىرى بىلەن «خەمسە» دىن تەركىپ تاپقان مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي تېمىسىدىكى داستانلىرى ئارقىلىق، ئۆز دەۋرىنىڭ تەڭسىزلىكى، ئەركسىزلىكى، مەنىۋىي چىركىنلىكى ئۈستىدىن ئىسيان كۆتەردى. ئۆز دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھايات تراگىدىيىسى ئارقىلىق، فېئودالىزملىق چىرىك جەمئىيەتنىڭ ئىنسان ئەركىنلىكى، گۈزەللىكى ۋە بەخت - سائادىتىنى دەپسەندە قىلىشىدىن شىكايەت قىلىپ، ئادەمنىڭ قەدر - قىممىتى، ئەقىل - ئىدراكى، چىن مۇھەببەت ۋە گۈزەللىكنى زوق شوخ بىلەن كۈيلىگەنىدى. ئەلىشىر نەۋائى ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئەدىب - شائىرلىرى دۆلەت، جەمئىيەت، خەلق تەقدىرى ۋە كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى ئازابلىق ئويلىنىشىدىن تۇغۇلغان خەلقچىللىق ئىدىيىسىنى سىمۋولىزم، رېئالىزم ئارىلاشقان ئىجادىيەت مېتودىدا يۈكسەك دەرىجىدە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىدى.

    ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن باشلاپ، ئۇيغۇركلاسسىكلىرىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىستېتىك قاراشلىرىغا چوڭقۇر تەسىرقىلغان مۇھىم بىر ئىدىئولوگىيە ئېقىمى - سوفىزىم ئىدىيىسىدۇر.سوفىزم دۇنيا قارىشى 13 - ئەسىردىن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭپۈتكۈل تۇرمۇش سەھنىسىدىن مەدەنىيەت روھىغىچە چوڭقۇر ئورنىغان بىر دىنىي پىكىر ئېقىمى. بۇ ئېقىم مۇشۇ دەۋرلەردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەن كلاسسىكلىرىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسى، خاراكتېرى، روھىي دۇنياسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت خاھىشى، تېما، ئوبراز ۋە ئىدىيىسىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكىنى يارىتىشتا رول ئوينىدى. سوفىزم پەلسەپىسىنىڭ تەبىئەت، تەڭرى، ئىنسان بىر گەۋدە قىلىنغان ھاياتلىق، مۇھەببەت ۋە تەقدىر توغرىسىدىكى مىستىك (سىرلىق) تەلىماتى ئەلىشىر نەۋائىدىن ئابدۇرېھىم نىزارىغا قەدەر ئۇيغۇر ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ پەلسەپە ۋە ئەدەبىيات ئىدىيىسىگە بەزىدە سۇس، بەزىدە كۈچلۈك، بەزەن ئىجابى ياكى خۇنۇك ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ئىدىيە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سىموۋلىزم بىلەن رومانتىزملىق ئىجادىيەت مېتودى بىلەن باشتىن - ئاخىر زىچ ماسلىشىپ، يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىنى ھاسىل قىلغان.

    يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مۇنقەرز بولۇپ،خوجىلار ھۆكۈمرانلىق دەۋرى باشلانغاندىن تارتىپچىڭ سۇلالىسى زۇلمىغا قارشى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىغىچە بولغان ئىككى ئەسىر ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى يەنە بىر زۇلمەتلىك قاراڭغۇ دەۋر ئىدى. سىياسى، ئىجتىمائىي ھوقۇقسىزلىق، ئىقتىسادىي نامراتلىق، مەدەنىيەت جەھەتتىكى جاھىلىيەت، نادانلىق ۋە بېكىنمىچىلىك مىللەتنىڭ ھاياتلىق ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئېغىر بوھرانغا دۇچ كەلتۈرگەنىدى. بولۇپمۇ سوفىزم ئەكسىيەتچىل ئىلاھىيەتچىلىكىنىڭ خەلقنى تەركىدۇنياچىلىق، سۇپى - زاھىدلىق، ساختا ئەۋلىيا پەرەسلىك، نامراتلىق ۋ بىلىمسىزلىككە باشلاپ روھىنى جاھالەت زەنجىرى بىلەن كىشەنلىشى، خەلقنى مەزھەپچىلىك، تەپرىقچىلىق، باشىباشتاقلىققا يېتەكلىشى، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ سىنىپىي، مىللىي ھەم دىنىي فىئودال كۈچلەرنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىكى، تۈگىمەس ئۇرۇش، تالان - تاراج، ئالۋان - سېلىقلارنىڭ چېكىدىن ئېشىشى خەلقنى دوزاق ئوتىدا قىيناپ، ئازاب - قايغۇ ۋە ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى ھەرقانداقبىر دەۋردىكىدىنمۇ بەك كۈچەيتىۋەتكەنىدى. مۇنداقشارائىتتا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھېرقەتى،سەلاھى، زەلىلى قاتارلىق شائىر - ئەدىبلىرىمىز سوفىستىك ئىدىيىنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق تەرىقىتى (پىكىر ئېقىمى) تەسىرىدە ھاياتىنى دەرۋىشلىك، سوپىلىق، جاھانكەزدىلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئىختىيار قىلغان. جەمئىيەت بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسى ھەققىدىكى ۋىجدانىي بۇرچ، مەسئۇلىيىتى بىلەن دۇنيا قارىشى قاتتىق توقۇنۇشقان. مەستخۇش ياشاش يولىنى تاللىۋالغانىدى. ھېرقەتىنىڭ «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكامە»، سەلاھىنىڭ «گۈل ۋە بۇلبۇل»، زەلىلىنىڭ«سەپەرنامە»، «چىھلىتەن تەزكىرىسى»، «خوجا مۇھەممەد شىرىپ تەزكىرىسى»،ئايازنىڭ «جاھاننامە» سى ھەمدە باشقا شائىرلارنىڭ لېرىك غەزەل ئىجادىيەتلىرى دەل يۇقىرىقىدەك پسىخىك كەيپىيات ئاساسىدا مەسىلىلەرنى ئۇدۇل قويماي، ھامان ئەپسانىۋىي ئىش سيۇژىتلىرى ياكى «يار»، «مەي» دېگەندەك ئىستىئارىلىق ۋاسىتىلەردە رىئاللىققا دارتمىلاش بىلەن ئىپادىلىگەن.

    چىڭسۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى يىللىرىدا، خەلقىمىزنىڭسىنىپىي، دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمغا قارشى ئەركىنلىك،ئازادلىق تەلىپىنىڭ كۈچىيىشى، دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭپارتلىشى خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىپ قالماي، ئەدەبىيات - سەنئەتنىخەلق بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. خوجىلار ۋە جۇڭغارلار دەۋرىدە رېئال دۇنيا ئازابلىرىغا سۈكۈت قىلىپ، تېڭىرقىغان ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە شائىر - ئەدىبلىرىنى زامانغا دارتمىلايدىغان پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن رېئال مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغان رېئالىستىك ئىجادىيەت يولىغا قايتۇرۇپ كەلدى. يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي ھايات تراگېدىيىسى بۇ دەۋر ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ كۈچلۈك ھەسرەتلىك كەيپىياتى ۋە تراگېدىيە ئېڭىنى پەيدا قىلغانلىقتىن، 18 - 19 - ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى قەلەندەر، نۆۋبىتى، ئابدۇرېھىم نىزارى، زىيائى، غېرىب، موللا شاكىر، موللا بىلال قاتارلىق ئەدىب - شائىرلار ئۆز ئىجادىيەتلىرىدە مۇھەببەت، ئۆلۈم، ئۇرۇش، ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك تېمىلىرىنى ئۆز دەۋرىگە باغلاپ تەنقىدى رېئالىزملىق ئىجادىيەت مېتودى بىلەن ئەكس ئەتتۈردى. «رابىئە – سەئىدىن»، «مەزلۇملار ئاھى»، «شەرھىي شىكەستە»، «زەپەرنامە»،«غازات دەرمۈلكى چىن»، «نۇزۇگۇم» قاتارلىق ئەسەرلەر خەلقىمىزنىڭتۇرمۇشىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىياسىي، ئىجتىمائىي تراگېدىيىلەر،ئۆلۈم ۋە كۈلپەتلىرىنى ماتېرىيال مەنبىئىي قىلىپ، ئۇنى تىپىكلەشتۈرۈپ،يېقىنقى زاماندىكى ھەسرەتلىك تارىخ ۋە ئۇنىڭ تراگېدىيىلىرىنى،مىللەتنىڭ بەخىتسىز قىسمىتى بىلەن كۆز يېشىنى تەسۋىرلەپ، يۈكسەكئىستېتىك ۋە ئىدىيىۋى قىممەت ياراتقان نەمۇنىلەردۇر.

    4

    ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىب - شائىرلىرىنىڭ پەلسەپەقارىشى، سىياسىي غايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتئىدىيىسى ۋە مېتودىنىڭ ئۆزئارا ئىچكى مۇناسىۋىتىدىن كۆرۈشكەبولىدۇكى، كلاسسىكلارنىڭ پەلسەپە دۇنيا قارىشى ۋە سىياسىي غايىسى ھايات مۇساپىسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر داۋامىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەدىب - شائىرنىڭ تەربىيىلىنىش، قىزىقىش، خاراكتېر پسىخىكىسى قاتارلىقلار تەسىر كۆرسەتكەن. ئەدەبىيات ئىدىيىسى، نەزەرىيە ۋە ئىستېتىك چۈشەنچىلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇرەككەپ زىددىيەتلىك ئىچكى باغلىنىش بار. تارىخىي دەۋر شارائىت چەكلىمىلىكىدىن ياكى كلاسسىكلارنىڭ خاراكتېر پسىخىكىسى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن ھەربىر ئەدىب - شائىرنىڭ خاراكتېرى، روھىي دۇنياسى، جۈملىدىن ئىجادىيىتى بىلەن ئەدەبىي مېتوتىدا بىرخىل زىددىيەت، ئىككى ياقىلىمىلىق مەۋجۇت. ئۇلار سىنىپىي تەبىقە، مەۋقە، ھېسسىيات، كەيپىيات، دۇنيا قاراش جەھەتلىرىدە زىددىيەتلىك ئەھۋالدا قالغان. تېڭىرقاش، ئىككىلىنىش بولغان. پەلسەپە دۇنيا قارىشىدىكى دەل بۇنداق زىددىيەتلىك بىردەكلىك كلاسسىكلارنىڭ ئىجادىدا رومانتىزم، سىمۋۇلىزم، كلاسسىزم، رېئالىزم ئىجادىيەت متودلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. بەزى كلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل ئىجادىيەت مېتودى ئارىلاش قوللىنىلغان.

    دېمەك، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكىئەدىب - شائىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى غالىبىيىتىبىلەن مەغلۇبىيىتىنى، گۈللىنىش ۋە خاراپلىشىشى، مۇستەقىلتەرەققىياتى بىلەن مەھكۇملۇقنىڭ مۇرەككەپ تارىخىي، مەدەنىي ۋە ئىدىئولوگىيىلىك سەۋەبلىرىنى تارىخ ۋە پەلسەپە بىردەكلىكىدە يورۇتۇپ بەرگەن. پەلسەپە دۇنيا قاربشى ۋە سىياسىي غايىسىنى ئۆز ھايات تەجرىبىلىرىدىن، خەلق ئىجادىيىتى ئىدىيىلىرىدىن قوبۇل قىلىپ، شۇنداقلا باشقا ئەل خەلقلەرنىڭ ئەدەبىيات ئىجادىيىتى نەزەرىيىسى ۋە ئىدىيىلىرىنى ئىجادىي ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش ئەدەبىي ئىجادىيەت نەزەرىيىسى، ئەدەبىي شەكىل، ئۇسلۇب ۋ مېتود ئەنئەنىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيەئىنستىتۇتى

  مەنبە  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەرتەتقىقاتى 2005 - يىل 1 –سان

تەھرىر دىلارە خەمىت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saman22 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-12 01:11 AM  


hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 10:47:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
回顾和探讨 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-19 03:09:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73950
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-25
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
辛苦!辛苦!!!












上海网站优化 www.ldiii.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش