مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4260|ئىنكاس: 41

يۇمۇر تېلىقىپ كەتسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53754
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3078
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 09:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر ئاستى پويىزىدا
يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان يەر ئاستى پويىزىنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولۇپ ، ئۆرە تۇرغان بىر ئەر يولۇچى يېنىدا تۇرغان بىر ئايال يولۇچىغا ئېگىلىپرەك تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن دەپتۇ؛
   -كەچۈرۈڭ خانىم ،پويىزنىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ ئىكەن ،ئەيىپكە بۇيرۇمىسىڭىز ، سىزگە بىر تاسما تۇتقۇچ تېپىپ بېرەيمۇ ؟
   -ھاجىتى يوق ، مەن تۇتقۇچقا ئېسىلىپ بىر ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن ،-دەپتۇ ئايال قوپاللىق بىلەن .
   -ئۇنداقتا گالىستۇكۇمنى قويۇۋېتىڭ!-دەپتۇ ئەر زەردە بىلەن .

تورغا چىقىشنىڭ پايدىسى
بىر ئىت تورغا مەستانە بولۇپ قاپتۇ.قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا تورغا چىقىشنىڭ زىيىنى ھەققىدە كۆپ نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئۇ گەپ يېمەپتۇ. ئۇ تېخى بىر كۈنى تورغا چىقىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دەپتۇ؛
   -مەن ھەر قېتىم تورغا چىقسام مېنىڭ ئىت ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ.

توپچى ئەسكەرلەرنىڭ مەشقى
بىر كۈنى توپچى ئەسكەرلەر زەمبىرەك ئېتىپ مەشىق قىلىپتۇ،ئۇلار ئاتقان ئىككى پاي ئوق نىشانغا دەل تېگىپتۇ،بىراق ئۈچىنچى پاي ئوق بىر دېھقاننىڭ كۆكتاتلىقىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.بۇنىڭدىن جىددىيلىشىپ كەتكەن كوماندىر دەرھال يېقىن بېرىپ قارىسا كۆكتاتلىقتىن ئۈستىبېشى قاپقارا ئىستا بۇلغانغان،چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بىرسى چىقىپ يالۋۇرۇپ كېتىپتۇ؛
    -مەن خاتالاشتىم،بىراق بىر تۈپ يېسۋىلەك ئوغرىلاپ قويغانغىمۇ شۇنچىۋالا قاراملىق قىلامسىلەر؟!

ئاڭلاپ قالىدۇ
بىر بېخىل ئادەم ئايالى بىلەن بىللە ئاشپۇزۇلدا غىزالىنىپتۇ. ئايالى يەۋاتقان مومىسىدىن بىر پارچە لاتىنى تارتىپ چىقىرىپ يولدىشىغا كۆرسىتىپ دەپتۇ؛
    -كۆردىڭىزمۇ؟يۈرۈڭ،بۇلار بىلەن دېيىشەيلى.
    بېخىل جىددىيلىشىپ ئايالىغا ؛
    -ۋوي ،بوشراق گەپ قىل ،ئۇلار ئاڭلاپ قالسا لاتا پۇلىنىمۇ تۆلىتىدۇ،-دەپتۇ.

ئەقىل
يىگىت؛ تۈنۈگۈن كېچە سىزگە توي قىلىش تەلىپى قويۇپ چۈشەپ قاپتىمەن ،بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغاندۇ؟
    -قىز؛ نېمىدىن دېرەك بېرەتتى، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئويغاق ۋاقتىڭىزدىن ئەقىللىقراق ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەمدۇ؟

ئېلان
خېرىدار؛ بۇ چاچ چىقىرىش دورىڭىز ،تېلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەن ئېلاندىكىدەك ئۈنۈملۈكمۇ؟ بىر بوتۇلكا ئالسام پايدىسى بولارمۇ؟
     -پىركازچىك؛ ۋاي بولىدۇ، تېخى ھېچكىم ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ باقمىدى.

كېنو كۆرۈش
زىيادە سېمىز بىر كىشى كىنو كۆرگىلى كىرىپ،مىڭ تەستە ئورنىنى تېپىپ جايلىشىپتۇ.يېنىدىكى كىشى قىستىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭغا زەردە بىلەن دەپتۇ؛
    -سېمىز بولغاندىكىن ئىككى كىشلىك بېلەت ئالسىڭىز بولمامتى؟
    -كەچۈرۈڭ،ئىككى كىشلىك بېلەت ئالغان، ئەپسۇس بىرسى ئۈستۈنكى قەۋەتنىڭ ئىكەن...

چىرايلىق ئانا
بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا ‹‹چىرايلىق›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
    -قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا ، باشقىلار ‹‹چىرايلىق››نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!

خاتالىق
سۇلتان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى،ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كېكەچلەپ قالاتتى.بىر كۈنى ئۇ ئىمتىھانغا كومىسسىيىلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋاقىرىدى؛
     -سەن...سەن...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن،تۇرە ئورنىڭدىن!
     ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئارقا-ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.

يول ئىزدەش
بىر مەسىت يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىزدىن سوراپتۇ؛
     -كەچۈرۈڭ خانقىز، ماڭلىيىمدا قانچە ھۈررەك بار ئىكەن؟
     -ئۈچ ھۈررەك بار ئىكەن،-قورقۇمسىراپ جاۋاپ بېرىپتۇ قىزچاق.
     -يەنە بەش ئىستولبىدىن ئۆتۈپ ئۆيۈمگە بارغۇدەكمەن،-دەپتۇ مەسىت ئۆز-ئۆزىگە.

مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىدىن

ئالىم بولساڭ،ئالەم سىنىڭكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 01:25:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقكەن... رەھمەت. :qiray134:qiray134:qiray134

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 01:48:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپ قويمىغان بولسىڭىز ئەرىز قىلاتتىم.

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72967
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2012-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 02:31:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
narkos يوللىغان ۋاقتى  2012-1-12 01:25 AM
قىززىقكەن... رەھمەت.

بولىدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 02:39:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكقىززىقكە:qiray134:qiray134:qiray134

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72881
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 02:50:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلمىسەممۇ ھىجاراپ قويدۇم ... ھى ھى ھى

تورۇس پەس.ئېگىلمەي نە چارە؟!

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 05:56:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي خۇدايىم ... ما يۇمۇرلارنى دەپنە قىپ بولدىمىكى دەپتىمەن تېخى ... بىر يېرىم يىلدىن بېرى ... ياق تېخى بەزىللىرى ئۈچ ـ تۆت يىلدىن بېرى مۇنبەرلەردە تەكرار ـ تەكرار يوللنىپ يېڭىدىن چىقىۋاتقان ياش يۇمۇرلارنى ئۆلتۈرىۋاتىدۇ ... يوللاشتىن بۇرۇن مۇنبەرنىڭ يۇمۇر سەھىپىسىدىكى يۇمۇرلارنى كۈرۈپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ يۇمۇرىڭىزغا ئەمەس بۇ يۇمۇرلارنىڭ تەكرار ـ تەكرار ـ تەكرار ـ تەكرار يوللىنىۋەرگەنلىكىگە قاراپ كۈلگۈم كەپ كىتىۋاتىدۇ ...

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25504
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 10:55:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يۇمۇرلا يادا بولۇپ قاپتىكەن ، قاپىقىمنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئوقىۋەتتىم

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 12:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇمۇر كېچىلىكى ئۆتكەزسىڭىز بولغىدەك تالانتىڭىز بارئىكەن.:qiray13

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7796
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1704 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-12 12:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  باشقۇرغۇچىلار نېمىشقا تولا ئوقۇپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن يۇمۇرلارنى قايتا تەھرىرلەۋىرىسىلەر؟
بىر ئاي ئالدىدا مەن تىخى مۇنبەرلەردە يوللانمىغان يېڭى يۇمۇرلارنى يوللىسام تەستىقلىمايسىلەر.ئىز-دىرەكسىز يوقىتىۋەتتىڭلار.مەنمۇ ئۈچنى يوللىغان ئاز بولۇپ قالغاچقا تەستىقلىمىغان چېغى دەپلا چۈشەنگەن ئېدىم.
بەزىدە بەك ئەپسۇسلىنىمەن ،،،،،،،،،.باشقۇرۇش،تېما تاللاش ئۇنچە مەسئوليەتسىز ئش ئەمەس.

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش