بېجەن ۋە مەنىجە داستانى (شاھنامە 6-بۆلۈم)
كەيخۇسرەۋ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئۇرۇشتا رۇستەمنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرانلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئاتىسى سىياۋۇشنى ئۆلتۈرگەن گۇرۇي ۋە گەرسىۋەز قاتارلىق ئەشەددى رەقىپلىرىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرپ ئاتا قىساسىنى ئېلىش ئارزۇسىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىدى.تۇران ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۇنىڭ ئىرانغا قاراشلىق مەملىكەتلەردىكى ھۆكمىرانلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپلا قالماي تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.ئۇ ئەمدى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۆكمىرانلار قاتارىغا ئۆتۈپ دۇنيا تەقدىرىنىڭ بەلگىلىگۈچىلىرى قاتارىغا ئۆتتى.ھۆكمىرانسىز،تايانچىسىز قېلىپ باشقا زومىگەر ئەللەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان كىچىك –كىچىك مەملىكەتلەرمۇ نەزىرىنى كەيخۇسرەۋگە قارىتىپ ئۇنىڭدىن ياردەم كۈتۈشكە ئۇنى نىجاتچى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاشقا باشلىدى.ئوبۇلقاسىم پىردەۋسى كەيخۇسرەۋنىڭ بەختى- دۆلىتىنىڭ پەرۋازى ۋە ئوردىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق گۈزەل مىسرالارنى يازغان:
ئاسمان كۈلۈپ باقتى ئىران شاھىغا،
ئىرانلىقلار قاندى مېھىر- نىگاھىغا.
زامانە قەدىمدەك كۆرۈپ ئۆزىنى،
شەپقەت سۈيىدە يۇيدى خۇسرەۋ يۈزىنى.
سۇ ئېقىپ ئۆتسە گەر يارلىقتىن يەكبار،
مۈگدىمەس ئۇ يەردە دانىشمەن زىنھار.
مەي ئىچىپ كۈنىنى ئۆتكۈزدى دىلشاد،
لەشكەر باشلىقلىرىن بىر-بىر قىلدى ياد.
گۈلدار شايى بىلەن يوپۇقدالدى تەخت،
شاھانە تاج كىيدى قايتا كۈلگەچ بەخت.
قولىدا ياقۇت جام كۈلەر مەي ئۇندا،
يېنىدا ياڭرايتتى چاڭ نەغمە ناۋا .
ئۇلۇغلار يېنىدا خۇشال ئولتۇرۇر،
كاۋۇس پەرىبۇرزى،گۇستەھەم باتۇر.
گۇدەرز بىلەن كەشۋاد ،گېۋ بىلەن پەرھاد،
باھادىر شاپۇر ھەم گۈرگىن مىلاد زاد.
نۇزەرلەر شاھىيۇ تۇسلۇق باتۇرلار،
رۇھھام بىلەن بېجەن ،چېلىشچان شىرلار.
ھەممىنىڭ قولىدا شاھلارغا خاس جام،
ھەممىسى خۇسرەۋگە سادىقتۇر مۇدام.
يەمەن ياقۇتىدەك قەدەھلەردە مەي،
ئۇنىڭدا پارلىغان لالىدەك تەلەي.
خۇسرەۋ يانپىشىدا گۈلچېھرە قىزلار،
چېچىدىن سۇمەندەك خۇش بۇي تارقىلار.
كەيىپ –ئىشرەت ئەۋجىگەن ،يوق ئاڭا قىياس،
ھەممىسى ئاڭا كۆرسىتەر ئىخلاس.
بىر كۈنى كەيخۇسرەۋ تەختىدە ئولتۇرۇپ يۇقارقى مىسرالاردا تەسۋەرلەنگەندەك شاھلىق ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقاندا ئىشىك باقار ياساۋۇل ئاستاغىنە كىرىپ مەلۇمچى سەردارنىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئىران بىلەن تۇران چېگرىلىنىدىغان زېمىندا ياشايدىغان ئىرمانلىقلار ئادالەتپاناھ ئۇلۇغ شاھىمىزدىن ئادالەت ياردىمى سوراپ ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتىپتۇ.ئۇلار شاھىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈپ ئىشىكتە قالدى.
زېرەك سەردار دەرھال نىمە ئىشلىقىنى پەملەپ چاققانلىق بىلەن خۇسرەۋ شاھنىڭ يېنىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭدى.
ئۇ شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ پاساھەتلىك تىللار بىلەن ئەھۋال مەلۇم قىلىپ پەرمان كۈتۈپ تۇردى.شاھ خۇرسەن بولۇپ ئەلچىلەرنىڭ كىرىشىگە ئىجازەت بەردى.كەلگەنلەر شۇ ھامان كۆشۈككە باشلاندى.ئەلچىلەر شاھ ئالدىدا تەزىم قىلىپ بولغاندىن كيىن قوللىرىنى كۆكسىگە ئېلىپ،تۆۋەنچىلىك ۋە ئەدەپ يۈزىسىدىن يەرگە بېقىپ تۇرۇپ ئەرز ھالىنى بايان قىلىشتى.ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ ئاقاتتى.قىلغان سۆزلىرىدىن ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكى سىرقىرايتتى:
-ئەي غالىب شەھرىيار ،دائىما ئامان ئېسەن بولغايسەن.ھاياتىڭ دائىما شانۇ –شەۋكەت ئىچىدە مەنىلىك ئۆتسۇن. بىز ئىران بىلەن تۇرانچېگرىلىرى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئېرمان دىيارىدىن ئەلچى بولۇپ كەلدۇق. يۇرتىمىز پۇقرالىرى شەۋكەتلىك خۇسرەۋ شاھقا كۆپتىن- كۆپ سالام يوللىدى.ئۇلار سېنىڭ مەڭگۈ ياشىشىڭنى،دۆلىتىڭنىڭ زىيادە بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەش بىر ۋاقىتتا سېنىڭ يامانلىقنى يوقۇتۇپ يامانلارنىڭ زۇلمى تۈپەيلى خارۇ-زارلىقتا قالغان ئاجىز پۇقرالارنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىدۇ.ھەممىگە مەلۇم، سەن يەتتە مەملىكەتنىڭ شەھرىيارىسەن.ئۇندىن باشقا زۇلۇمدا قالغان،ئادالەت ئىزدىگەن ئاجىز ئەللەرنىڭمۇ مەدەتكارىسەن. ئەھۋالىمىزنى بايان ئەيلىسەك ،تۇران چېگرىسى يۇرتىمىزدىن ئۆتىدۇ. ئىران تەرەپ زىمىنىمىزدا چوڭ ئورمانلىقىمىز بار.ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ئېكىنزارلىقىمىز بار.ئۇ ئورمانلىقتا دەرەخلەر بەكمۇ ئىگىز ئۆسىدۇ.شۇڭىمۇ ئىران تەرەپ ھەرقاچان بىزنىڭ مەيلىمىزنى تارتىپ تۇرىدۇ.تۇران تەرەپتىكى چېگرىمىزدا مۇنبەت يايلاقلىرىمىز بار ئىدى.بىز ئۇ يەردە چارۋىلىرىمىزنى بېقىپ خۇشال-خورام، باياشات ياشايتتۇق.ئۇ يەر بىزنىڭ بارلىقىمىز ئىدى.لېكىن يېقىندا تۇران زىمىنىدىن بىر توپ ياۋۇز قاۋانلار بىزنىڭ يايلاقلىرىمىزغا، ئورمانلىقلىرىمىزغا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ خالىغانچە دەسسەپ چەيلىدى.ئۇلارنىڭ چىشلىرى پىل چىشىدەك،تەنلىرى تاغدەك زور بولغاچقا تاقابىل تۇرالمىدۇق. كېچە –كۈندۈز قاۋانلانىڭ زۇلمىغا ئۇچراپ بوزەك بولدۇق.ئىرماننىڭ باغۇ-بوستانلىرى ئۇلارنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا خاراپ بولدى.ئۇلار كۆچەتلىرىمىزنى يۇلۇپ تاشلىدى. دەرەخلىرىمىزنى قالايمىقان غۇلاتتى.ئۇلارنىڭ چىشلىرى شۇنداق ئۆتكۈركى ھەتتا تاشلارمۇ ساق قالمىدى.سەندىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز زىمىنىمىزنى ئەشۇ ئىپلاس قاۋانلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالساڭ.بىز خار پۇقرالارنى ئۆز پۇقرالىرىڭ قاتارىغا قوشۇپ ئادالىتىڭ نۇرىدىن بەھرىمەن قىلىپ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرسەڭ.
خۇسرەۋ ئەرىز قىلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ سۆزلىىنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ كۆپ ھىسداشلىق قىلدى. تەسەللى سۆزلىىنى ئېيتىپ ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن ئالدىدا ئولتۇرغان مەغرۇر باتۇرلىرىغا يۈزلىنىپ ئۇلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىش يۈزىسىدىن مۇنداق دېدى:
-ئەي مېنىڭ شۆھرەتلىك پالۋانلىرىم،ئىرمانلىقلارنىڭ ھالىنى سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلار.بىز ئورمانلىقتىكى ياۋۇز قاۋانلارنى بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئېرمان پۇقرالىرىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇۋالمىساق بولمايدۇ.قاۋانلار قۇترىغان ئورمانلىققا بېرىپ قاۋانلار بىلەن جەڭ قىلماققا،ئاپەتنى يوقۇتۇپ شان-شەرەپ قۇچماققا قېنى كىم بارىدۇ؟ كىمىكى بۇ ئىشقا جۈرئەت قىلىپ جەڭگە چۈشەلىسە، قۇترىغان قاۋانلارنىڭ بىرىنى قويماي يوقۇتۇپ ئەلنى ئامانلىققا ئېرىشتۈرەلىسە ئۇنىڭدىن مۇكاپاتنى ئايىمايمەن !
كەيخۇسرەۋ سۆزىنى تۈگىتىپ غەزىنىچىنى بۇيرۇپ پالۋانلار ئالدىغا زەر داستىخان سالغۇزدى.داستىخان ئۈستىگە تۈرلۈك گۆھەر تاشلار ئۈستى-ئۈستىلەپ تۆكۈلدى.داستىخاندىكى گۆھەر تاشلار تەبەسسۈم قىلىپ پالۋانلارنىڭ مەيلىنى تارتىپ تۇراتتى.شاھ ئۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە زەر جابدۇقلۇق،كاۋۇس تامغىلىق ئون ئۇچقۇر يەلتاپان ئات كەلتۈردى.بۇ ئاتلارنىڭ ھەممىسى رۇم شايىلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى.
شاھ يەنە قوشۇن باتۇرلىرىنى قىچقىرىپ ئۇلارغا يۈزلىنىپ مۇنداق چاقىرىق قىلدى:
-ئاراڭلاردىن كىمىكى مېنىڭ دەردىمنى ئۆز دەردىم دەپ بىلىپ، مەن ئۈچۈن بۇ خەتەرلىك جەڭگە جۈرئەت قىلىپ چىقسا گۈل غۇنچىلارغا پۈركەيمەن.غەزىنەمدىن ھىچنىمىنى ئايىمايمەن.
شاھ بۇ چاقىرىقنى نەچچە قېتىم قىلغان بولسىمۇ ئېسىلزادە بېجەندىن باشقا ھىچبىرى جاۋاپ بېرىپ ئالدىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.بېجەن تەڭرى نامى بىلەن شاھنى قۇتلۇقلاپ مۇنداق دېدى:
-ئەي بەختلىك شەھرىيار،ھەمىشە ئامان- ئېسەن بولغىن. غالىپلىق ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن.قولۇڭدىن دائىما ئالتۇن جام چۈشمىگەي. شۆھرىتىڭ ئەبەدىي داۋام ئەتكەي.ئەي شاھىم، ماكانىڭ ھەرقاچان جەننەتتەك گۈزەل ھەم ئاۋات بولغاي.سەن قۇدرىتىڭ بىلەن ھەمىشە جاھان ئىقبالىغا سايىۋەن بول.مەن ئەمرىڭگە جېنىم بىلەن تەييارمەن.سەن مەيلى قەيەرگىلا بۇيرۇساڭ شۇ يەرگە بېرىشقا رازىمەن!
ئوغلى بۇنداق خەتەرلىك ئىشقا تەۋەككۈل قىلىۋاتسا ئاتا بولغۇچىنىڭ يۈرىگى سالماي قالامتى.ئۇ شاھنىڭ ئالدىدا ئوغلىغا گەپ قىلالماي بىر قاراپ قويدى.لېكىن گەپ قىلمايمۇ تۇرالمىدى.ئۇ ئۇدۇللا تەنبىھ بېرىپ كەتمەي ئالدى بىلەن شاھقا تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتتى.ئاندىن بېجەنگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي ئوغلۇم،ياشلارچە قىلىقىڭنى قوي،قىلالمايدىغان ئىشنى قىلالايمەن دەپ ئۆزىنى ماختىماقلىق نادان ئۆز بېشىمچىلانىڭ ئىشى.كىمىكى ياش ،دانا ۋە مەشھۇر بولسىمۇ تەجرىبىسىز بولسا ،ئۇ ھامان داغدا قالۇر.بىر ئىشقا قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ياخشى-يامان،قىيىن –ئاسان ۋە ئاچچىق –چۈچۈكنى سىنىماق كېرەك. دانالىرىمىز: ‹‹باسمىغان يولۇڭدىن ئۆتمىگىل ئەسلا›› دەپ ھېكمەت قالدۇرغان.ھازىر شاھ ئالدىدا قىلالمايدىغان ئىشنى قىلالايمەن دەپ پوچىلىق قىلىپ قويۇپ كېيىن مۈشكۈل ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي رەسۋا بولۇپ يۈرمىگىن!
يېڭىلمەس- غالىب،ياش - نەۋقىران،قالتىس بىلىمدان، چېچەن ۋە ھۇشيار بېجەن زور ئىشقا تەۋەككل قىلىپ چىققان چېغىدا ئاتىسىنىڭ تەنبىھلىك نەسىھىتىنى ئاڭلاپ ئازار ھىس قىلدى.ئۇ شاھقا ۋە ئاتىسىغا يۈزلىنىپ مۇنداق دېدى:
-ئاڭلا ئەي مويسىپىت پەدەرىم،مېنى ئۇ قەدەر بوشاڭ دەپ ئويلىمىغىن.مەندىن گۇمان قىلماي دېگەن سۆزلىرىمگە ئىشەنچ ھاسىل قىل.مېنى ئەقىلدە قېرى،ئىشتا ياش دەپ بىل.مەن ئىران قوشۇنىدىكى ھەيۋەتلىك باتۇر گېۋنىڭ ئوغلىمەن.مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتنىشىپ ھىچبىر باتۇردىن قورىققان ئەمەسمەن.مانا ئەمدى بىرنەچچە قاۋاندىن قورقۇپ قالامتىم؟مەندىن ئەنسىرىمەي دۇئا ۋە مەدەت بېرىڭلار!
بېجەننىڭ سۆزلىرى شاھنى خۇرسەن ھەم شادىمان قىلدى.ئۇ مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ئىچىدە پەرمان بېرىپ مۇنداق دېدى:
-ئەي بېجەن،سەن ھەقىقەتەن چىن قەھرىمانسەن.ئىران تەختىگە قاچانكى يامانلىق يۈزلەنسە بىرىنچى بولۇپ قالقان بولىسەن.ھىچكىم ھىچنىمدىن قورىقمايسەن.لەشكەرلىرىمىزگە سېنىڭدەك ساھىپ قوماندان ھەرقاچان كېرەك.مەن سېنىڭدىن پەخىرلىنىمەن.بولىدۇ،قاۋانلارنى يوقۇتۇشقا سەن بارغىن، سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمىمسەن.ساڭا بىر ئىش بولۇپ قالسا مەنمۇ چىدىمايمەن.مۇنداق قىلايلى،مىلاد ئوغلى گۈرگىن يولنى بىلىدۇ،ھەم ئۆزىمۇ كاتتا باتۇرلاردىن،ئۇ ساڭا ھەمدەم بولسۇن.ئىككىڭلار مۈرىنى –مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ قاۋانلارنى بىرلىكتە يوقۇتۇڭلار.مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ماڭا خۇش- خەۋەر ئېلىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن.
ھۆرمەتلىك تورداشلار بۇمۇ زور ھەجىملىك داستان بولغاچقا بۈگۈن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاندى.داۋامى ھەر كۈنى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.ھازىر تەتىل مەزگىلى بولغاچقا بوش ۋاقتىممۇ خېلى بار.ئاللاھ خالىسا ھەر كۈنى داستاننىڭ خېلى كۆپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولالايسىلەر.
مەنبەسى: ‹‹شاھنامە››نىڭ نەزمى نۇسخىسى ۋە ئۆز قەلىمىم.
2012-يىل 11-يانۋار (قەشقەر)