مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1869|ئىنكاس: 22

ئۇيغۇر–ئېنسانىيەت دۇنياسىدىكى توغراق. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 04:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر – ئېنسانىيەت دۇنياسىدىكى توغراق .
توغراق – تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر.

توغراق تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ بىرى . ئاجايىپ كۈچلۈك ياشاش ئىقتىدارى بىلەن جاھانغا مەشھۇر. ئۇ سوغۇققا چىداملىق بولۇپلا قالماستىن يەنە تومۇز ئىسسىققا ، ھۆل – قۇرغاق، قوم بوران ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بېرى توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بىرگە ياشاپ كەلگەن خەلىقلەردىندۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توغراق ئالاھىدە ھۆرمەت ، ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ. چوڭلار توغراق ھەققىدە نۇرغۇنلىغان قەسىدە – رىۋايەتلەرنى نەۋرىلىرىگە سۆزلەپ بېرىشىدۇ. << چۆل باتۇرى >> دېگەن چىرايلىق نامى بار بۇ دەرەخنىڭ ئۆمۈرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسابى بويىچە ھەر 3000 يىلنى بىر دەۋر قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە << توغراق مىڭ يىلغىچە قۇرىمايدۇ، قۇرىسىمۇ يەنە مىڭ يىلغىچە يىقىلمايدۇ، يىقىلسىمۇ يەنە مىڭ يىلغىچە چىرىمەيدۇ … >> دېگەنگە ئوخشاش گەپلەر بار

<< مەيلى پايانى يوق قۇملۇق دەشتى چۆلدە بولاي، مەيلى پىژغىرىن تومۇز ئىسسىقتا بولاي ، مەيلى قەھرىتان شىۋىرغانلىق قىش سوغۇقتا بولاي مەن يەنىلا مەيدەمنى كېرىپ تۇرۇپ كۆكلەيمەن! ياپراقىلىرىم تۆكۈلۇپ قۇرۇپ قاقشال بولغاندىمۇ مەن يەنىلا قەددىمنى تىك تۇتۇپ تەبىئەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پەلەك چاقىنىڭ چۆرگىلىشگە شاھىد بولىمەن . >> مانا بۇ توغراقنىڭ ياشاش ئەقىدىسى .

بىز تارىم بويلىرىدىكى ، تەكلىماكاننىڭ غەربىي قىرغاقلىرىغا جايلاشقان ئاقسۇ ، مارالبېشى ، يەكەن قاتارلىق جايلارنىڭ چەت ياقىسىدىكى توغراقزارلىقلارغا ئاياق تاشلاپ، بۇ باھادىر دەرەخ بىلەن ئۈنسىز مۇڭدىشىدىغان بولساق، توغراقلار بىزگە ئۆزى شاھىد بولغان ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ، قىيامەتلىك ھەمراھى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بىلەن تەقدىرداش ئۆتمۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ


مۇشۇ زېمىندا توغراق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ، توغراق كەبى ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئۈلپەت بولۇپ قالسىڭىز، ئۇلار سىزگە توغراق ۋە ئۆزلىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ كىشىلەر ئۆزىنى توغراقتەك تۈز ، توغراقتەك ساددا – ئاقكۆڭۈل ئادەملەر، توغراقتەك بەرداشلىق – چىدامچان، توغراقتەك سەۋىرچان ئادەملەر دەپ ئاتىشىدۇ، ئۆزلىرى ئارىسىدىكى ئېسىل كىشىلەرنى‹‹ توغراقتەك ئېسىل ئادەم ›› دەپ ھۆرمەتلىشىدۇ…


ئەگەر سىز توغراق بىلەن سىردىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىسىڭىز ئۇ سىزگە ئۆزى شاھىد بولغان تارىخنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە ، سىزگە يەنە نېمىنىڭ ھەقىقىي جاسارەت ، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەركەكلىك ئىكەنلىكىنى ، كىمنىڭ ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بېرىدۇ….


قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن توغراقلار ئاخىرقى دەملەرگىچە يىقلماستىن يەنە بىر يېڭى ھاياتلىقنى ، يەنە بىر تاڭنى كۈتۈپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشىدۇ ، تۇرقىدىن گوياكى تاڭنى چىللاۋاتقان خورازغا ئوخشايدۇ…

مەنبە : بۇرۇنقى سابىق مۇنبەرلەردىن ساقلىۋالغانلىرىم يوللاپ قويدۇم . بۇ تىمىسنىڭ ئىگىسى چىقىپ قالسىمۇ قالا مەن ساقلىۋالماپتىكەنمەن تىما ئىگىسنىڭ ئىسمىنى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 04:53 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زامانى + 333 نادىر ئەسەر
مارشال + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 533   باھا خاتىرىسى

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51012
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9838 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 05:02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكان قىرغىقىنى بويلاپ،گۈزەل تارىم دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان زۇمرەت سۇلار ئانا ماكانىمىزدا ياشاۋاتقان ھەربىر ئىنسانغا ھاياتلىق ئاپىرىدىگاھى ۋە پالىيەت سەھنىسى بۇلۇپ كەلدى!
توغراق-ئۇ مەزمۇت ئۆسۈدىغان،قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تارىخىنى ئىپادىلەپ بېردىغان مەزمۇت دەرەخ.ئۇنىڭ جاۋاھىرلارغا يۇشۇرۇنغان نۇرغۇن سىرلىرى بىزنىڭ بۇ قەدىمقى دىياردىكى ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىمۇۋۇلى!توغراقنىڭ باتۇرانە روھى بىزنىڭ تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ يەردە ياشاۋاتقان جاپاكەش خەلقىمىزنىڭ بىرگە ھەدىيە قىلغان كاتتا سوۋغىسى!توغراق-ئۇ تارىخنىڭ شاھىدى.بىز تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان،ئىچكى قۇرۇقلۇق زېمىنىدا ياشاش بىلەن بىرگە،توغراقنىڭ بۇ باتۇرانە روھىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۇردۇق،ئۇ تارىخنىڭ شاھىدى!يىپەك يولىدا كۆكلەپ،تەكلىماكاننى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن دەرەخ.
توغراق روھى-ئۇ بىزنىڭ ئوبرازىمىز!ئۇ روھ بىزگە تالاي ئەسىرلەردىن بۇيان بىزگە ھەمراھ بۇلۇپ كەلدى!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 09:10 PM  


دۇنيادا ھەممە نە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6489
يازما سانى: 2043
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19430
تۆھپە نۇمۇرى: 1519
توردا: 5154 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 05:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشۇتۇشىڭىز جايىدا بوپتۇ.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6745
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 05:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ئۇيغۇر – ئېنسانىيەت دۇنياسىدىكى توغراق .
توغراق – تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۇيغۇر.›..............بەك توغرا ئېيتىلىپتۇ...توغراق روھىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد نامايەن قىلىشىمىز،تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىمىز،ھايات-نىشانىمىزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىشىمىز كېرەك..تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر....

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3484
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3946
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10832 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 05:26:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىماكان قۇملىقىدا ئۆزىنىڭ مەزمۇتلىقى بىلەن،شىۋىرغان بوران چاپقۇنلارغا باش ئەگمەي سۇ سىز قۇرغاق تۇپراقتا تىك تۇرۇپ، تەبىئەتكە ھۆسۈن قوشقۇچى يەنىلا مەزمۇت  توغراق.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستمەن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 58606
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2973 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 05:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نادىر ئەسەر   تىز پۇكمەسلىك-دەل توغراق روھىدۇر ئەسەردىكى ھەربىر ئۈزۈندىدىن بىر ھەقىقەت بىردۇنيا مارلاپ تۇرۇدىكەن.

   مىنىڭ ئۆمرۈم

   

(مۇقەددىمە)


ئەسلى ئىدىم ئوغۇزنىڭ جاھان سورىغان كارامەتتە،  
نەسلى ئىدىم مەھمۇتنىڭ زىمىن ھەيران پاراسەتتە،  
  پەسلى ئىدىم تارىخنىڭ ئالتە مىڭ يىل رىۋايەتتە،   
ۋەسلى ئىدىم سادىرنىڭ ھەم ئاشۇنداق قىياپەتتە،
بوۋاملار ئاشۇنداق ئۆتكەن ھەممە ئىشتا ئالامەتتە،

  
ئانىلىرىم بۆشۇك كەبى تەۋرەتكەن ئۇچبۇ جاھاننى،  
   يەتتە قىزلىرىم دۇم قىلغان مىڭ بىر پالۋاننى،  
چىۋەرلىك ھەغدا ھەتتا تىكەر يەت قات ئاسماننى،  
ھالاللىقتىن قۇت تېپىپ باھار قىلغان زىمىستاننى،

ئوغلانى بىز ياۋ ئالدىدا ھەرچاغ تىك قىياپەتتە.



<<مىنىڭ ئۆمرۈم>> ناملىق داستانىمنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن ئېلىندى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زامانى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 06:06 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مارشال + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5086
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغراق -ھەقىقەتەن ئېسىل...........................ئېسىل .........:qiray10:qiray121

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قوشىلىمەن .لېكىن ئاللىكىملەر ئاللىقاچان يەر ئىنقىلابىنى قوزغاپ بولدى .
يەردىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قۇرۇپ كەتكەن توغراققا ئوخشايدۇ .

ئۇيغۇر ئوغلى..ئۇيشۇپ ياشا ئۇيغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64101
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4980
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 07:08:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئېسىل باھالاش بوپتۇ  ياخشى

قىززىق يەردە قىززىق ئىش،  يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش،   يۇلۇپ تاشلاندى ساق چىشلار، دەت كۆرمىدى ئاغرىق چىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 07:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇت  توغراق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش