ئوقۇ دېمىگىن بولامدۇ مېنى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئوقۇ دەپ زورلاپ ئۇرمىغىن مېنى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ھەركۈنى سەھەر دەيمەن ناشتىدا ،
مەكتەپتىن قال دە مېنى ۋاقتىدا ،
ئۆلسەممۇ مەيلى كەتمەن ئاستىدا ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
مەن ئۆچ ھەممىدىن كىتاب ئوقۇشقا ،
كۈندە مەكتەپكە سەھەر مڭىشقا ،
ئوقۇش خوشاقماس دېسەڭ نىمىشقا ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
زېرىكتىم بەكمۇ ئوقۇيدىغاندىن ،
دوسكىغا قاراپ ئولتۇردىغاندىن ،
مۇئەللىم دېگەن ئۆلمەيدىغاندىن ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
بولساممۇ مەيلى قالاق ۋە نادان ،
كادىر بولالماي بولساممۇ دېھقان ،
يۈك دېسىمۇگەر مېنى يەرجاھان ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
مەدىكار بولۇپ قۇيساممۇ كېسەك ،
باقساممۇ مەيلى قوي كالا ئېشەك ،
يېسەممۇ مەيلى دەشنام ۋە تەستەك ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
يۈسەممۇ مەيلى كۆپ پۇل تاپالماي ،
بىرەر ئىشنىمۇ ئەپلەپ قىلالماي،
بىر گە ئىككىنى قوشۇپ ئالالماي ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئۆگەن دېگەندە ئۆگەنمەپتىمەن ،
بىلىم بېغىدىن زېرىكىپتىمەن ،
ئەقىلسىزلىكتە شۇنداق دەپتىمەن ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئۆتۈلدى مانا بىلىمنىڭ قەدرى ،
بىلىمسىزلەرنىڭ كۆپ ئىكەن دەردى ،
ھەرگىز دېمەيمەن ،دېمەيمەن ئەمدى ،
مەكـتەپكە ئەمدى بارمايمەن ئاتا .
ئاپتورى: مىليونىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا MILYONIR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 02:21 PM