|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىز دوستلار،مەن سىلەرگە ئەڭ يېڭى يەرلىك خەۋەردىن بىرنى يەتكۈزەي:
ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ۋە قىززىق نۇقتا بولغان "2011 يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۇرگەن شەخسلەر توردا بىلەت تاشلاش پائالىيتى "باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر بۇۋاي بىر ئۆمۈر ئۆز يىزسدىكى قاتناش قېينچلىقىنى ھەل قىلغان،30 يىل جان كۆيدۇرۇپ ۋە ئىقتساد سەرىپ قىلىپ كۆۋرۇك سېلىپ ساۋابلىق ئىش قىلغان ئىنايەتخان ئىسلام ئۈچۈن مىسرانىم،كەڭ ساي،ئالمىزار قاتارلىق بىر قانچە تور بېكەتلەردە نۇرغۇن دوستلار قىزغىنلىق بىلەن بىلەن تاشلاش جەريانىدا ئاخىرى ئەنىياتخان ئسلام بۇۋىمىز ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرىپ بۇ قېتىمقى نامزاتلاردىن بولۇپ قالدى،، يېقىنىدا ئۇنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولماي قېلىپ توققۇزتارا ناھيلىك دوخـتۇرخانىدا ئىككى ئۈچ كۈن يېتىپ داۋالىنىپ پۈتۈنلەي ياخشلاندى،،ناھىيە مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەر بۇۋايغا كۆڭۈل بۆلدى،،ۋە تۈنۇگۇن بۇۋاي مۇنا سۋەتلىك خادىملار بىلەن ئۈرۇمچىگە قار اپ يول ئالدى ..ھەم پاد ئارىدا بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشى مۇمكىن. دىمەك يېقىندا ئۆتكۈزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان 2011" يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۇرگەن شەخسلەر نەق مەيدان خاتىرسىنىcctvۋە پۈتۈن مەمىلىكەت تېلۋىزىيە پراگراممىسدا كۆرەلشىمىز مۇمكىن..بىز بۇۋىمىز ئىنايەتخان ئىسلامنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشنى تىلەش بىلەن بىللە مىسرانىم،كەڭ ساي، ئالمىزار قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلەردىكى ئاكتپلىق بىلەن بىلەت تاشلىغان ئەزىز دوستلارغا ھەم شۇنداقلا بىز بىلمىگەن باشقا بىكەتلەردىكى ھەم باشقا بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان ھەرمىللەت تورداشلارغا رەھىمەت ئېيتىمىز! ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت! تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ.. بىلەت تاشلاش نەتىجسىگە ئېرشەلمىگەن بارلىق تەسرلىك ئىش قىلغۇچلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! ھۆرمەت بىلەن : تېما يوللىغۇچى
مەنبە: ئىلى دىيارى مۇنبىرى http://www.yldiyar.com/munbar/forum.php?mod=viewthread&tid=33
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 01:28 PM
|
|
|
|
|
|