aritekin بىلەن Munqak ئەر –ئايال ئىككىسى كۆرگەزمىخانىسىغا كىرىپ گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاماشا قىپتۇ،بىر چاغدا Munqak يولدىشى aritekin گە:
-قارىڭە ماۋۇ سۆرەتكە،مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق سەت ئايالنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم،-دەپتۇ.
aritekin دەرھال Munqak نىڭ پېشىنى تارتىپ قۇلىقىغا:
-قەدىرلىكىم،ئۇنداق دېمەڭ،ئۇ سىزنىڭ ئەينەكتىكى شولىڭىز،-دەپتۇ.
bayawan تاماكا چېكىش ۋاگونىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ:
-ياندىكى ۋاگوندا بىر خانىم ھۇشۇدىن كەتتى،قايسىڭلاردا ۋىسكى بار؟-دەپ ۋارقىرىدى.
يولۇچىلار ئىچىدىن بىرى ۋىسكى چىقىرىپ bayawan غا سۇندى.ئۇ بوتۇلكىنى ئېچىپ ئالدىرىغان ھالدا بىرنەچچە يۇتۇپ ئىچىۋەتتى-دە،بوتۇلكىنى يولۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىپ:
-رەھمەت سىزگە،مەن ئاياللارنىڭ ھۇشىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرسەم بەكلا بىئارام بولۇپ كېتىمەن،ئەمدى ياخشى بولدى،-دېدى.
Lostba ئىنتايىن ھورۇن بولۇپ ئۆيدە ئايالى مەتو تېپىپ بەرگەننى يەپ ئولتۇرىدىكەن،بىر كۈنى ئىشىك ئالدىغا مەخسۇس كېرەكسىز نەرسە –كېرەكلەرنى يىغقۇچىدىن بىرسى كەپتۇ، مەتو ئۇ ئادەمنى ئۆيگە باشلاپ كىرىپ :
-قېنى باھا قويۇڭ،بۇنى نەچچىگە ئالىسىز؟-دېگىنىچە Lostba چاپىنىنى تۇتۇپتۇ.
-كاللىڭىز ئىشلەمدۇ؟بۇ چاپاننى تېخى يېڭى ئالغان تۇرساق ،قانداقسىگە‹‹كېرەكسىز››بولۇپ قالغۇدەك؟-دەپ كايىپ كېتىپتۇ. Lostba
-مەن چاپاننى ئەمەس،ئۇنىڭ ئىچىدىكىسىنى دەۋاتىمەن،-دەپتۇ ئايالى مەتو ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قاراپ.
-شەرمەندە بولدۇم ،شەرمەندە،-دەپ زارلىنىپتۇ rifat ئايالى qiwar kelin گە.
-ۋىييەي ،نېمە بولدى؟-دەپ سوراپتۇ qiwar kelin .
- armanim720مېنى خوتۇنىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۈچىنچى قېتىم تەكلىپ قىلدى،مەن بولسام ئۇنى ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ تەكلىپ قىلالمىدىم،-دەپتۇ rifat .
kaqmiixlar :سىزنىڭ يەلپۈگىچىڭىز نېمە دېگەن پۇختا،يىگىرمە يىل ئىشلەتسىڭىزمۇ يەنە يېپيېڭى تۇرۇپتۇ.
دەتمەن:ناھايىتى ئاسراپ ئىشلىتىۋاتىمەن،شامالدىماقچى بولسام،يەلپۈگۈچنى ئەمەس بېشىمنى لىڭشىتىمەن.
Esyankar75 :خوتۇنۇڭ ساڭا ئامراقمۇ؟
پالۋان:بەك ئامراق،سۆيۈملۈكۈم،ئەزىزىم دەپلا تۇرىدۇ.
Esyankar75 :نېمە دېگەن كۆيۈمچان،دائىم شۇنداقمۇ؟
پالۋان:ئەتىگەندە ئەزىزىم،توپلىيىمنى مايلىۋېتىڭ،دەيدۇ،چۈشتە سۆيۈملۈكۈم ،تاماقنى چاپسان تەييارلاڭ دەيدۇ،كەچتە ئامرىقىم،سۇ ئىسسىتىپ پۇتۇمنى يۇيۇپ قويۇڭ،دەيدۇ.
مەنبە : ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن
ئەسكەرتىش: مۇنبەرداشلارنى بىردەم بولسىمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن دەپ بۇ يۇمۇرلارنى يوللۇدۇم ،بۇ دېگەن بىر چاخچاق،ئەگەر ئېغىر ئالىدىغانلار بولسا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىڭلار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 12:53 AM