مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2720|ئىنكاس: 39

ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇر مىللىي يېزىلىرى بىلەن تونۇشۇۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2080
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6115
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 737 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيىسى فېڭشۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ يېزىسى
    فېڭشۇ ئۇيغۇر-خۇيزۇ يېزىسى 1986- يىلى 10- ئايدا قۇرۇلغان. يېزىنىڭ يەر كۆلىمى 58.95 كۋادرات كېلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42075 مو، تاغلىق يەر كۆلىمى 20260 مو. قارىمىقىدا 23 كەنت، 239 مەھەللە، 8275 ئائىلە، 32 مىڭ نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 7688 نەپەر، خۇيزۇلار 2316 نەپەر. بۇ يېزا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قالسىلا شىنجاڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار  ئەڭ مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يېزىنىڭ "ئۇيغۇرلارنىڭ 2- ئانا يۇرتى" دېگەن چىرايلىق نامى بار.  ئېلىمىزنىڭ داڭلىق تارىخشۇناسى جيەن بوزەن ئەپەندى دەل مۇشۇ يېزىدا تۇغۇلغان ئۇيغۇر.
2. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى تاۋيۈەن ناھىيىسى چىڭلىن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
    چىڭلىن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1986- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان. تاۋيۈەن ناھىيىسىنىڭ شىمالى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. ئۆلكە يولى 226- لىنىيسى بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يەر كۆلىمى 48 كۋادرات كىلۇمېتىر. پۈتۈن يېزىدا 16 كەنت، 22477 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ، مىياۋزۇ، بەيزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر نىڭ سانى 8370 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %37.2 ىنى ئىگىلەيدۇ.
3. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى دىڭ چېڭ رايونى شۇجياچياۋ خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
    شۇجياچياۋ خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1984- يىلى 12- ئايدا قۇرۇلغان. يەر كۆلىمى 60.2 كۋادرات كىلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 27750مو، تاغ ئورمان كۆلىمى 25470 مو بولۇپ، تىپىك تۆپىلىك يېزىسى ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 17 كەنت، 201 مەھەللە بار، يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20545 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر 8425 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %41 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا 8042نەپىرى خۇيزۇ، 172 نەپىرى ئۇيغۇر، 211 نەپىرى تۇجىيازۇ.
4. خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدې شەھىرى خەن تاۋ ناھىيىسى ماۋجياتەن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى
    ماۋجياتەن خۇيزۇ-ئۇيغۇر يېزىسى 1988- يىلى 1- ئايدا قۇرۇلغان. يەر كۆلىمى 54.5 كۋادرات كىلۇمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 23110 مو. پۈتۈن يېزىدا 16كەنت بار، يېزىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 25576 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇ، ئۇيغۇر، تۇجىيازۇ، مىياۋزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر 9802 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %38.3 ىنى ئىگىلەيدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زامانى + 222 ياخشى تىما
elijan + 200 ناھايتى ياخشى يوللاپس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 422   باھا خاتىرىسى

ئابدۇسەمەت ئاپتاپ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15606
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6172 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:23:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىيەن بوزەن نەلىك ئادەم ؟ بۇ ئۇيغۇرلار ئاتسىلماتسىيەگە ئۇچىرغانمۇ ؟ بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىزنىڭ جۇڭگۇغا تەۋە بىرەر داڭلىق شەخىس ياكى مىليونىر چىقتىمۇ ؟ بىزنىڭ شىنجاڭغا كىلىپ ئۆز يۇرتىنى كۆرگەنمۇ ياكى يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانمۇ ؟

ئەركەكنى جەڭدە سىنا ، ئايال كىشىنى نازىدىن

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1198
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 580 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:23:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم، ئۇيغۇرلارمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشپتىكەندە؟ لىكىن شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى ياخشىدۇ؟ ئۇلارمۇ خەنلەرچە سۆزلىشەمدىكەن ياكى ئۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىشەمدىكەن؟

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5875
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 12:31:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلمىگەننى بىلۋالدىم -يا !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17313
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 01:08:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللىبۇرۇن ئاتسىماتسىيىلىشىپ بولغان خەخلەر ئۇ .

غۇنچە ئالدىرايدۇ گۈل بولۇشقا شۇنچە، گۈل يىغلايدۇ بولالماي قايتىدىن غۇنچە.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27902
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 4983 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 01:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ كىملىكىدىنلا بىلگىلى بۇلىدۇ ئۇيغۇرلىقىنى ....

سىلەرمۇ قاقشىماڭلار ، يەنە  بىر ئەسىردىن كىيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار مۇشۇنداقلا مېڭىۋەرسە تەرەققى قىلىپ ئۇلاردىنمۇ ئۈتۈپ كىتىمىز تېخى ...

ئۇيغۇرچە تورلار سەل پۇتلىشىدۇ بۇ تەرەققىيات پىلانىغا ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 01:25 AM  


قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9194
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4747 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 02:10:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  خۇنەن ئۆلكىسى چاڭدى ناھىيىسىنى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسى قىلىپ قۇرسا بولغۇدەك . بىزنىڭ بايىنغۇلىندا بىر مىليۇن 300 مىڭ نۇپۇس بار . بۇنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇللار 100 مىڭ چىقمايدۇ  ، بەزى ناھىيىلىرىدە مۇڭغۇل يوق . مۇڭغۇللار ئەڭ كۆپ ناھىيە خېجىڭ بىلەن خۇشۇت . شۇنداق تۇرۇقلۇق دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئوبلاست . يەنى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى .  شۇنداق بولغاچقا بۇ ئوبلاستتىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى مەلۇم تەسىرگە ئۇچرىغان . ھازىر ئۈرۈمچىدە « ئىككى يىغىن » غا قاتنىشىۋاتقانلار بۇ مەسىلىنى ئويلىدىمۇ بىلمەيمەن .  بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىمالدىكى تۈت ناھىيىنى ( خېجىڭ ، خۇشۇت ، قاراشەھەر ، باغراش ) ئوبلاست قىلىپ ، جەنۇپتىكى كورلا باشلىق ناھىيىلەرنى ۋىلايەت قىلىدىغان پاراڭ چىققان ھازىر جىمىپ قالدى . مىنىڭچە ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلسا ھەرتەرەپتىن ياخشى بۇلاتتى .

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

قەدىرلىگىن سىنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7099
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 6781 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2012-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 02:14:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         مۇنبەر يۈزىدە مىللەتنى، ۋە مىللى غۇرۇرنى تەكىتلەيدىغانلار كوپ. ئەمما بۇتىمىنى كۆرگەنلەر  167 ئادەم ،ئىنكاس يازغانلار ئاران 6ئادەم بۇلۇپتۇ .تۇلۇمۇ ئەپسۇس، بۇ مۇنبەردە  ئىلگىرى مىخائىل  جىكسۇننىڭ ناخشىللىرى توغرۇلۇق بىر تىما چىقىۋىدى ئۇنى ماختاپ ئىنكاس يازغانلار نەچچە مىڭغا يەتكەن ئىدى.
          ئالدىنقى يىلى مۇشۇ مۇنبەردە ئىچكىرىدىكى ئۆلكىلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار رايۇنلىرىدىكى ھۈكۈمەت تەرەپ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۈكۈمىتى ئۆز ئارا مەخسۇس  زىيارەت ئۈمۈگى تەشكىللەپ، خۇنەن ئۆلكىسى ۋە شىنجاڭدا بېرىپ كىلىشپ ئىكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغانلىغى، بۇلۇپمۇ خۇنەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شىنجاڭنى سېغىنىشتەك قايناق ھىسىياتى توغرىسىدا خەۋەر بىرىلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاۋىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-11 02:21 AM  


كۇكۇيۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 294
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5660
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 04:27:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز تىل-يېزىقى، ئۆرپ ئادىتىنى يوقاتقان كىشىلەرنى قانداقمۇ بىر بىلەن بىر مىللەت دىگىلى بولسۇن، بەك قىززىق ئىش بولدى، مەن ئىراپ قىلمايمەن ئۇ ئۇيغۇرلارنى،  مىللەت دىگەن تىل، يېزىق، ئۆرپ ئادەت بىلەن ئايرىلىپ مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ، بولمىسا  مىللەت دىگەن ئۇقۇمنىڭ تەبىرى نەگە كىتىدۇ.
ئۇلاردا ئۇيغۇرلارغا خاس مەدەنىيەت ئاللىبۇرۇن يوقالغان، تىل يېزىقى، مەدەنىيىتى پۈتۈنلەي خەنزۇچە،  ئۇلارنى ئۇيغۇر دىگەندىن كۆرە   ئۆزىنى ئۇيغۇر دىۋالغان مۇسۇلمان بىر مىللەتكەن دەپ بىلگەن ياخشى.
مىللەت دىگەن ئۆزىدىكى خاسلىقلارنى يوقاتقان كۈنى ئاشۇ مىللەتنىڭ يوقالغان كۈنى، ئانا تىل بىلەن مەدەنىيەتنى يوقىتىۋەتسە ئۇلارنى كىم تونىيدۇ،   ياشلىرى تېخى چوچقا گۆشى يەمىش ئاڭلىسام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 294
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5660
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 04:30:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.tudou.com/programs/view/qx-oFIeWIKM/
ماۋۇ ئادىرىستا  ئاشۇلارغا ئائىت ئىشلار باكەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش