شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى :
جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمىيىتى بىلەن ۋەندا گوروھى بىرلىشىپ ، ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان « جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى » ئىسپانىيە پۇتبول كۇلۇبلىرىغا بىرىپ تەربىيلىنىش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇتكەن بولۇپ ، 1-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزنىڭ 15 شەھرىدە تىزىملىتىش باشلىنىدۇ .
پەرزەنتىڭىزنىڭ يىشى تىزىملىتىش شەرتىگە مۇۋاپىق كەلسە بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ .
پۈتۈن مەملىكەتتىن 30 نەپەر ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىدۇ . تەربىيلىنىش مۇددىتى 3 يىل .
پۈتۈن چىقىم ، رەسمىيەتلەرنى ۋەندا گوروھى ئۈز ئۈستىگە ئالىدۇ . ( بەلكىم تەربىيلىنىپ كەلگەندىن كىيىن مۇشۇ باللارنى ۋەندا گوروھى ئۆزى بىرقوللۇق ئىگە بولۇپ دۆلەت كوماندىسىغا تاڭىدۇ ھەقىچان ، ھىچ بولمىغاندا كولۇبلارغا ساتىدۇ )
تىزىملىتىش ئاياغلاشقاندىن كىيىن 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 3- ئاينىڭ باشلىرىغىچە دەسلەپكى تاللاش خزمىتى ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دەسلەپكى قىتىملىق تاللاش ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئىسپانىيەدىكى ئۈچ زەردار كۇلۇب( ۋالۈنسىيا ، مادىرىت رىقابەت ، ۋىلالىيار ) مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى كىلىپ تاللاش ئىلىپ بارىدۇ . ( كاشكى باشتىن- ئاخىر ئاشۇلار تاللىسىچۇ )
1. ۋالۈنسىيا كۇلۇبى تاللاپ تەربىيلەيدىغان رايونلار : شىمالى جۇڭگۇ رايونى --- بىيجىڭ ، تىيەنجىن ، دالىيەن ، شىنياڭ ، چاڭچۈن
2. مادىرىت رىقابەت كۇلۇبى تاللاپ تەربىيلەيدىغان رايونلار : شەرقى جۇڭگۇ رايونى --- شاڭخەي ، نەنجىڭ ، جىنەن ، جىڭجۇ ، چىڭداۋ .
3. ۋالۈنسىيا كۇلۇبى تاللاب تەربىيلەيدىغان رايونلار : جەنۇبى جۇڭگۇ رايونى --- چۇڭچىڭ ، گۇاڭجۇ ، ۋۇخەن ، سىچۈئەن ، شىئەن .
ئاساسلىق تىزىملىتىش شەرتى :
1999-يىلى1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2000 يىلى 12- ئاينىڭ 31 -كۈنىگىچە تۇغۇلغان ئوغۇللار . ( ئازىراق ئاساسى بارراق باللار جىما يەنە ، باكا بالام چىرايلىقتى ، ئىگىزتى ، يۈگىرەلەيتى ،دەپ ئاپىرىپ باكا ئاۋارە بولماڭ ، پۇتبولچى ئالىدۇ ، ئارتىس ئالمايدۇ
تىزىملىتىش تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرىۋىلىڭلار
مەنبە :
http://www.wanda.cn/football.shtml FJ0Ity4u6
http://sports.sina.com.cn/c/2012-01-05/08215894498.shtml Cbu/
>qj.!مۇنبىرىمىز ئەزاسى « مۇز » ۋەندا شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ،قارىغاندا بۇقىتىمقى ياخشى ، ئالتۇن پۇرسەت تىرشچانلىق كۆرسىتىپ سىناپ باققانلارغا كىلىشى مۇمكىندەك تۇرىدۇ ، ئەگەردە ئىنىلىرىڭلار ، پەرزەنتىڭلار ، ۋەياكى بىررە تونۇشۇڭلارنىڭ پەرزەنتلىرى قىزىقىدىغان بولسا كۆرگەنلەر خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار ، بەلكىم خەۋەرسىز يۈرگەن نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بار بولىشى مۇمكىن . 3CKd[=-Z
مەن قاراپ باقساممۇ ھىچ بىر يەردە نوپوسى چوقۇم شۇ شەھەردە بولۇشى كىرەك دەيدىغان يەرلىرىنى كۆرمىدىم .
مۇناسىۋەتلىك تەپسىلى ئەھۋاللارنى « مۇز » غا ئوخشاش تىلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ ، ئىشقىلىپ بۇ ياخشى پۇرسەت ئىكەن !!!!
تۆۋەندىكىسى « مۇز » نىڭ ئىنكاسى :
ئەپەندىلە، ئاۋۇ تور بەتكە كىرىپ ياخشى قارايلى ، ئۇنى شۇ كۇلۇبنىڭ ئادەملىرى كېلىپ تاللايدىكەن، خەنزۇلار ئەمەس، ئۇ كۇلۇبنىڭ ئادەملىرىگە ئارقا ئىشىككە كېلىدىغان پۇلنى خېلى خېلى ئادەملەر تەييار قىلىپ بولالمايدۇ، مەن ۋەندا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ شىنجاڭلىق باللا نىڭ تىزىملىتىشى ھەققىدە سوراپ باقتىم، ئۇلار تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى ۋە تالانتى بار بولسا، شۇ چەتئەللىكلەتگە يارىسا چوقۇم تاللىنالايدىغىنىنى ئېيتتى.
شۇڭا ھەممە ئىشقا ئۈمىدسىز قارىماي تالانتى بار باللىرى بارلار بېرىپ سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇنداق باللىرى يوقلار بۇ يەردە ئىنكاس يېزىپ باشقىلارغا سوغۇق سۇ سېپىپلا ئولتۇرماي شۇنداق شەرتكە چۈشىدىغان باللىرى بارلارغا خەۋەر قىلىڭلار، بىلمىگەنلەر بىلسۇن، مىللىتىمىز پۇتبولچىلىقى گۈللەنسۇن. پۇرسەت كۈتۈۋاتقانلارغا ئەمەس بەلكى پۇرسەتنى بېرىپ ئىزدىگەنلەرگە مەنسۇپ
بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى : پۇتبول كۇلۇبى
http://bbs.putbol.cn , ئەسلى يازما ئادرىسى :
http://bbs.putbol.cnread.php?tid=23579
ئەسكەرتىش : بۇ يازما تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكىدىم ... ئىلمىي ئىنكاس يېزىپ ، مۇمكىن ئەمەس دېمەي سېناپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا esyankar75 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 05:49 PM