قاچاندا تۇنۇشتۇم گۈلۈم سەن بىلەن ،
شۇ كۈندىن باشلاپلا قەلبىم سەن بىلەن .
كۆيۈپ قالدىممۇ نىگارىم ساڭا
كۆڭلۈمدە ،قەلبىمدە پەقەت سەن بەلەن .
ئۆزۈمدىن سورۇدۇم قايتا -قايتىلاپ ،
ئاينۇرنى چىن دىلدىن سۆيەمسەن دېدىم .
بىر ئۆمۈر كۆيۈنۈپ ھەم سادىق بولۇپ ،
ئاينۇرنى بەختلىك قىلامسەن دېدىم .
ئۆزۈمگە سۆيىمەن دېگەن شۇ كۈنى ،
ئاينۇررۇم مەن سېنى سۆيىمەن دېدىم .
بەختلىك قىلىمەن سېنى بىر ئۆمۈر ،
ۋىژدانلىق يىگىتمەن ئىشەنگىن دېدىم .
كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قالدى ،
سورۇدۇڭ راستمۇ دەپ ئىشەنمىگندەك .
راست دېدىم قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ،
يۈرۈگۈم بولدى ھەم دۈپۈلدىگەندەك .
قولۇڭنى تارۋالدىڭ ئاستا ھەم كەسكىن ،
كۆزلىرىڭ يەنىلا كۆزۈمدە ئىدى .
كەچۈرۈڭ ئىشىم بار دەپ كېتىپ قالدىڭ ،
سورىغان سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى .
شۇ كېچە كۆزۈمگە كەلمىدى ئۇيقۇ ،
كۆزۈمنى يۇمساممۇ كۆزئالدىمدا سەن .
سورايمەن تۇلۇن ئاي يۇلتۇزلاردىن ھەم ،
ئېيتقىنە ئاينۇرۇم مېنى سۆيەمسەن .
كەلدىكىن قاچانلار كۆزۈمگە ئۇيقۇ ،
چۈشۈمدە ئايدىڭدا ئىككىمىز بىللە .
ئايرىلماي ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىشىپ ،
قۇرماقچى بوپتىمىز ئىللىق ئائىلە .
بىر نەچچە كۈن ئۆتتى جاۋاپ يوق سەندىن ،
كېتەلمەس بولدۇم مەن ئەگىپ ئۆيۈڭدىن .
بۈگۈنمۇ ئۈمىدسىز كېتىپ بارغاندا ،
ئالىم دەپ چاقىردى بىر قىز كەينىمدىن .
كەينىمگە ئۆرۈلدۈم شۇنچىلىك ئىتتىك ،
كۆرگىنىم سەن ئىدىڭ ئايدىنمۇ گۈزەل .
بارمۇ سەن دېدىم مەن بېرىپ ئالدىڭغا ،
كۆزلىرى خۇمالىق سۆزلىرى ھەسەل .
بىر دانە كىتابنى ئۇزاتتىڭ ماڭا ،
ئىچىدە خەت باركەن سېنىڭ سۆزۈڭچە .
ھېچنىمە دېمەستىن كېتىپ قالدىڭغۇ ،
مەن تۇرۇپ قالدىمغۇ قاراڭ يۈتكىچە .
كىتاپنى ۋاراقلاپ تاپتىم خېتىڭنى ،
ئوقۇشقا باشلىدىم ھاياجان بىلەن .
يەنىلا سۇئالىم قاپتۇ جاۋاپسىز ،
كۆرىشەيلى باغچىدا ساقلايمەن دەپسەن .
باغچىغا كەلسەم مەن كەلمەپسەن تېخى ،
ساقلىدىم بەك شىرىن خىياللار بىلەن .
قولۇمدا بار ئىدى بىر تال ئەتتىرگۈل ،
ساقلىدىم ئەتتىرگۈل پۇرىقى بىلەن .
كۆرەندى يىراقتىن سېنىڭ سىمايىڭ ،
قەلبىمنى بىر ئالدى يەنە ھاياجان .
تەمتىرەش ھۇدۇقۇش قىينىدى مېنى ،
تاپالماي گېپىمنى تۇردۇم خىيالچان .
قىزىل ئەتتىرگۈلنى ئۇزاتتىم ساڭا ،
قۇبۇل قىل كۆڭلىمنى گۈل بىلەن دېدىم .
گۈلنى ئېلىپ بەردىڭ ماقۇل جاۋاپنى .
پاك سۆيگۈ تەمىنى تۇنجى تېدىدىم .
كەلگەندە بىز بىلە كەلمىگەن بىلەن ،
قاتقاندا ئىككىمىز بىللە قايتىشتۇق .
كېتۋىتىپ كۆزۈڭگە قارىدىم سېنىڭ ،
سەنمۇ ھەم قارىدىڭ قىيا بېقىشتۇق .
شاد-خورام ئۆتمەكتە بۇ گۈزەل كۈنلەر ،
سەن بىلەن كۆرۈشكۈم كېلەتتى دائىم .
ئانامغا بەزىدە ماختايمەن سېنى ،
بولغۇسى كېلىنىڭ بەكمۇ مۇلايىم .
توي قىلايلى دېدىم ئاينۇرۇم ساڭا ،
كۆزۈمگە قارىدىڭ ئىشەنمىگەندەك .
بولمايدۇ دېدىڭ ھەم يىراقلاپ كەتتىڭ ،
ئاشىقىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىگەندەك .
شۇ چاغدا كۆزۈڭدىن كۆرۈنۈپ قالدى .
مەن چۈشەنمەيدىغان ئازاپلىق تۇيغۇ .
نىمىشقا ئازاپلىق كۆزلىرىڭ سېنىڭ ،
بۇ كېچە كەلمىدى كۆزۈمگە ئۇيقۇ .
ئالىمجان سىز مېنى كەچۈرەلمىەيسىز ،
مەن دېگەن ئۇنچىلىك ياخشى قىز ئەمەس .
ئايرىلىپ كېتەيلى كەچۈرۈڭ مېنى ،
مەن دېگەن ئالدامچى ياخشى قىز ئەمەس ،
ياق دېدىم مەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ ،
جۆيلىمەڭ دېدىم ھەم باغرىمغا باستىم .
ئايرىلىپ كەتمەيمەن سېنىڭدىن مەڭگۈ ،
كۆڭلۈمگە ياققانى مەن ئاران تاپتىم .
سۆزلىدىڭ كۆزۈڭنى سەن ياشلاپ تۇرۇپ ،
سۆزلىسەم مەن سىنى ئالداپلا كەلدىم .
سىزدىكى پاك ۋىژدان غورۇرنى كۆرۈپ ،
قىلغان سۆز ئىشىمغا پۇشايمان قىلدىم .
سىز بىلەن يۈرمەستە ياق تۇنۇشماستا ،
مەنمۇ ھەم ئويۇنچى بىر قىزچاق ئىدىم .
بىر نەچچە يىگىتىم بار ئىدى مېنىڭ .
دېسكوخانىلاردا ئۆتەتتى كۈنۈم .
بىرىدىن بىرى شوق يىگىتلەر ئىدى ،
ئويۇنچۇق قاتارى كۆرىشتى مېنى .
سۆزلىرى ۋەدىسى يالغانكەن ئەسلى
ئاخىرى تاشلاپلا كېتىشتى مېنى .
ساددا يىگىتلەرنى ئىزدەپ يۈرەتىم ،
شۇنداق كۈنلەردە ئۇچىراتتىم سىزنى .
چىرايلىق نازخۇلقۇم كۆز لىرىم بىلەن ،
ئەركىلەپ مەنمۇ ھەم كەلتۈردۈم سىزنى .
تىگۋالاي دېگەنتىم ئارلىشىپ يۈرۈپ ،
قارىسام ۋىژدانلىق يىگىت ئىكەنسىز .
ئالدىغىم كەلمىدى ئالىمجان سىزنى ،
بىلسىڭىز مەن دېگەن ئىپپىتى يوق قىز .
ھوشۇمدىن كەتتىكىلى تاس قالدىمغۇ مەن ،
سۆزۈڭگە بىر تۇرۇپ قالدىم ئىشەنمەي .
بىر كاچات سالدىم ھەم يۈزۈڭگە سېنىڭ ،
دەماللىق سۆزۈڭنى ئانچە چۈشەنمەي .
خوش دەپلا مېنىڭدىن كەتتىڭ يىراقلاپ ،
مەن قالدىم يىگانە كۆڭلۈم يىگانە .
<<بىلسىڭىز مەن دېگەن ئىپپىتى يوق قىز >>
بۇ سۆزۈڭ جاراڭلار قۇلاق تۈۋۈمدە .
نەچچە ئاي ئۆتىكىن كۆرۈشمىدۇق بىز ،
خىيالىم يەنىلا پەقەت سەن بىلەن .
سېغىنمەن ،ئەسلەيمەن سېنى ئاينۇرۇم ،
ئايدىڭدا كۈلگەننى گۈلۈم سەن بىلەن .
كەچۈر دەپ بىر سادا چىققتى قەلبىمدىن ،
بىلسەڭ ئۇ ئالدىماي راستىنى ئېيتتى .
ئەگەر ئۇ سۆيمىسە سېنى دىلىدىن ،
راست ئېيتماي بىر ئۆمۈر ئالداپ يۈرەتتى .
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ئىزدىدىم سېنى ،
ئۆيۈڭگە بارغانتىم يوق دېدى ئاناڭ .
ساقلىدىم ئۆيۈڭنىڭ ئالدىدا سېنى ،
كۆرۈندى ئاخىرى يىراقتىن قاراڭ .
كەچۈردۈم دەپ سېنى باردىم ئالدىڭغا ،
قايتىدىن ئېرىشەي مۇھەببىتىڭگە .
ئەزىز سەن جېنىمدىن ئاينۇرۇم مەڭگۈ ،
دەرمانە بولاي مەن سېنىڭ دەردىڭگە .
ئېيتىڭ سەن كۆزۈڭدىن ياش سىرغىپ تۇرۇپ ،
ئورنىغا كەلمەيدۇ مەن قىلغان گۇناھ .
دېدىڭ ھەم كۈتكىنىم ئاخىرى كەلدى ،
يەتتىم مەن تىلىكىم ، ئارزۇ ئارمانغا .
مەن سىزنى سۆيىمەن لېكىن تەگمەيمەن ،
ۋىژدانىم يول قويماس بۇنىڭغا ئەسلا .
ناپاك تەن ،ناپاك روھ ،ناپاك لەۋ بىلەن ،
قانداقمۇ قوشۇلاي، قوشۇلاي تويغا .
مېنىڭدەك ئەسكىنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىز ،
تەغدىرگە تەن بېرىڭ ئەمدى ئىزدىمەڭ .
كەچۈرمەي ياشايمەن مەڭگۈ ئۆزۈمنى ،
ئۆتۈنەي سىزنىڭدىن مېنى ئىزدىمەڭ .
تەغدىرگە تەن بەرگىم كەلمىدى مېنىڭ ،
نەچچە رەت توسۇدۇم ئالدىڭنى قايتا .
ئۆزۈڭنى كەچۈرگىن ،كەچۈرگىن ئەمدى ،
ئېيتقىنە ئازماس كىم بار جاھاندا .
كەچۈرمەي ئۆزۈڭنى تەگمىسەڭ ماڭا ،
كۈنلۈرۈم ئۆتىدۇ ھەسرەت -ئازاپتا .
ئۆزۈڭنى كەچۈرگىن ،كەچۈرگىن ئەمدى ،
پاك سۆيگۈ قەلبىڭگە ئېرىشەي قايتا .
كۈن ئۆتۈپ ،ئاي ئۆتۈپ قايىل بولدۇڭ سەن ،
قايتىدىن باشلىدۇق ھايات يولىنى .
ئايرلىماي ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىشىپ ،
قايتىدىن باشلىدۇق ھايات يولىنى .
ئاغىنەم ، دوستلۇرۇم ئاڭلاپ بۇ ئىشنى ،
ماڭغۇسىز قىلۋەتتى مېنى مەھەلدە .
ئالماقچى بولغىنى بۇزۇق قىز ئىكەن ،
ياخشى قىز يوقمىكەن ؟ يوقمۇ ئالەمدە .
ئاتاممۇ ، ئاپاممۇ قارشى چىقىشتى ،
ئۇلارمۇ ئاڭلاپتۇ كەچۈرمىشىڭنى .
دېدىم مەن ئاپامغا كۆز يېشى قىلىپ،
ھېچكىمنى ئالمايمەن ئاللىمىسام شۇنى .
ئاتاممۇ، ئاپاممۇ قوشۇلدى ئاخىر ،
ھەتتاكى تەييارلىق قىلشتى تويغا .
ئەمما سەن تويغا ئاز ، ئاز قالغان چاغدا ،
نىمىشقا ئۆزۈڭنى ئاتتىڭ دەرياغا .
ئۆلۋالدىڭ نىمىشقا ئېيتقىن ئاينۇرۇم ،
ئىشەنسەڭ ھەممىسى كەچۈرگەن سېنى .
ئۆزۈڭنى كەچۈرمەي كەتتىڭغۇ تاشلاپ ،
ئەلەمدە ، ھەسرەتتە قالدۇرۇپ مېنى .
باشقىلار سۆز چۆچەك قىلشىپ يەنە ،
قورىدى ئاينۇرۇم سېنىڭ روھىڭنى .
قەبرەڭگە كېلىمەن ھەركۈنى گۈلۈم .
قەبرىدە ياتقىنى ۋىژدان قۇربانى .
ئاپتورى: مىليونىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-11 01:13 PM