تەلۋىنىڭ تەلەپ خېتى
قەدىم-قەدىم زاماندا بىر مەملىكەت بولغانىكەن.بۇ مەملىكەتتە بالىلارنىڭ تىلى قوشاقچە چىقىدىكەن.شاھىدىن تارتىپ پۇخرالىرىغىچە ھەممە ئادەم قوشاقچە سۆزلەيدىكەن.مەسىلەن: شاھى يىغىن ئېچىۋېتىپ ھاجەتخانىغا بارغۇسى كېلىپ قالسا ۋەزىرلەرگە:
مەن يول ئالدىم ھاجەتكە،
بىر دەم تەخىر قىلىڭلار.
بايام قىلغان سۆزۈمنى،
بىر دەم تەھلىل قىلىڭلار.
دەپ ھاجەتكە ماڭسا:
ۋەزىرلەر تەڭلا مۇنداق جاۋاپ قايتۇرىدىكەن.
خوش خوش خوش ئالىلىرى،
خاتىرجەم يول ئالغايلا،
شاھانە تەرەت قىلىپ،
شاھچە ھوزۇر ئالغايلا.
پۇخرالار ئۆيلىرىدە كىچىك تەرىتى قىستاپ ھاەتخانىغا بارغاندا ،ھاجەتخانىدا ئايالى بولۇپ قالسا مۇنداق دەيدىكەن.
ئېتىلاي دىدى دوۋسۇن،
جېنىم خوتۇن ئىتتىك چىق.
چىقمىساڭ ھېلى ئىشتان،
بولىدۇ چىلىق -چىلىق.
ھاجەتخانىدا ئولتۇرغان خوتۇنى ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدىكەن.
تەخىر قىلىڭ دادىسى،
مانا ھازىر چىقىمەن.
بىكار ئىشتان ھۆل بولسا،
يەنە شۇ مەن يۇيىمەن.
قىسقىسى بۇ مەملىكەتنىڭ تىلى قوشاقچە ئىكەن.ئەمما بۇ مەملىكەتتە بىر تەلۋە بولۇپ، ئۇ بۇ قائىدىگە پەقەتلا ئۇنىمايدىكەن.ئۇ ھەممە گەپنى قالايمىقان قىلىپ سۆزلەيدىكەن.باشقىلار نىمىشقا تىلىمىزنى بۇزىسەن دەپ سورىسا ئۇ:
چۈشەنسەڭلار ئالىممەن،
ياراتتىم يىڭى ئۇسلۇب.
ئۇسلۇبۇمغا نام قويدۇم،
‹‹قوشاق››دەپ قاملاشتۇرۇپ.
دىمەي ئۆزى قوشاق دەپ ئاتىۋالغان پەدىدە قالايمىقان سۆزلەپ: ‹‹چۈشەنسەڭلار مەن ئاراڭلاردىن چىققان ئالىم.چۈنكى مەن يېڭى بىر ئۇسلۇب ياراتتىم.بۇ ئۇسلۇبۇمنى‹‹قوشاق››دەپ ئاتىدىم.قانداق ئىسىمى چىرايلىقمىكەن؟››دەيدىكەن.ئوردا كېڭىشىپ قارار چىقىرىپ نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا جەرىمانە قويسىمۇ،ئۇ يەنىلا ئاشۇنداق قوشاقچە سۆزلەۋېرىپتۇ.جەرىمانە قويۇپ ئۇنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغاندا پادىشاھمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولۇپ، بولدى ئۇ سۆزلىسۇن دەپ رۇخسەت قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ تەلۋىگە ھېچكىم ئامال قىلالماپتۇ.ئۇ ھاياجانلىنىپ،ئاشۇنداق قالايمىقان سۆزلەپ يۈرىۋېرىپتۇ.ھازىر تېخى بۇ لۈكچەك يېنىغا دەپتەر –قەلەم سېلىۋېلىپ،تۇيۇقسىز ئىسىگە :‹‹مەن سىلەر ئويلىغاندەك تەلۋە ئەمەس.مىنىڭ قەلبىمنى پەقەت ئىجادىيەتلىرىملا چۈشۈنىدۇ››دىگەندەك يا قاپىيەسى يوق ،يا بوغۇم سانى ئوخشىمايدىغان بۇ خىل نەرسلەر ئىسىگە كېلىپ قالسا دەپتىرىگە يېزىۋالىدىكەن. بۇنداق يېزىۋالغان نەرسىلىرىگە ئۇ تېخى ‹‹شېئىر ›› دەپ ئىسىم قويۇۋاپتۇ.شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ لۈكچەك بىر قىزغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.ئۇ قىز قىزلار مەكتىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.ئۇ تەلۋەھەتتا تەلەپ خېتىنىمۇ ئاشۇنداق قوشاقچە يېزىپتۇ.
قىز ئۇنىڭ ‹‹شېئىر››لىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا مۇنداق خەت قايتۇرۇپتۇ.
ئۆزىڭىزچە شېئىر دەپ
يازغىنىڭىز نىمە بۇ؟
ساراڭغا ھېچ مەيلىم يوق،
ساراڭ كۆرمەڭ مىنىمۇ.
ئىستىسىڭىز رايىمنى،
يېزىڭ قايتا تەلەپ خەت.
قاپىيە گە بوغۇمقا،
قاتتىق قويۇلسۇن تەلەپ.
يىگىت بۇنى كۆرۈپ يا سۆزىدىن يا جاناندىن كىچەلمەي ،نەچچە كىچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەندىن كىيىن مۇھەببىتى ئىشىقى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ
تەلەپ خېتىنى قايتىدىن مۇنداق يېزىپتۇ.
ئاھ جانانىم مەن سىزنى،
چىن دىلىمدىن سۆيىمەن.
سىزلا ماقۇل بولسىڭىز،
ھەر تەلەپكە كۆنىمەن.
شاھ ئالدىدا كەچمىگەن،
ئىجادىيەت يولۇمدىن.
ئۇنىڭ ئۈچۈن قورقمىغان،
خېلى-خېلى زۇلۇمدىن.
لىكىن ئايىم سىز ئۈچۈن،
مەن ھەممىدىن كىچىمەن.
سىزسىز ياشىيالمايمەن،
بۇنى ئوبدان بىلىمەن.
شەرتىڭىز ئادا بولدى،
قېنى جاۋاپ قايتۇرۇڭ.
سىزگە چاڭقاق دىلىمنى،
شەربەت بىلەن قاندۇرۇڭ.
كۈتۈپ نەچچە ئاي بولغاندا،ئۇ قىز جاۋاپ خەتنى ئاخىرى قايتۇرۇپتۇ.خەت مۇنداق يېزىلغانىكەن.
ياخشىمۇسىز.....
ماڭا 2-قېتىم يازغان تەلەپ خېتىڭىزنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىنكى ئازابىمنى قەلەم بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. مەن خەقلەرنىڭ سىز توغۇرلۇق دىگەن بەزى سۆزلىرىنى پات-پاتلا ئاڭلاپ قالاتتىم.شۇنىڭ بىلەن مەن سىزگە قىزىقىپ قالدىم.سىزنىڭ قوشاقلىرىڭىزغا،شېئىرلىرىڭىزغا دېھقەت قىلدىم.سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ماڭا بارغانسىرى توغرا بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.سىزنىڭ ‹‹سىلەر چۈشەنمەيسىلەر بۇ دىگەن ئىجادىيەت››دىگەن سۆزىڭىز قولىقىمغا ئاڭلىنىپلا تۇراتتى.مەن ئىجادىيەتكە ۋە سىزگە ئاشىق بولدۇم.لىكىن مەن بىر ئاجىزە بولغاچقا يا سىزگە كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلالماي،ياسىزگە ئوخشاش ئىجادىيەتلىرىمنى ئاشكارە قىلالماي قىينىلىپ يۈردۈم. شۇنداق ئازاپلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىن كەلگەن تەلەپ خېتىنى تاپشۇرىۋالدىم.خېتىڭىز پۈتۈن شېىرى ئۇسلۇپتا يېزىلغانىكەن.پۈتۈن خەتتە يا بىرەر جۈملە قاپىيىداش بولۇپ قالماپتۇ،يا بىرەر جۈملىنىڭ بوغۇم سانى تەڭ بولۇپ قالماپتۇ.ئىشقىلىپ ئىجادىيەت سەۋىيىڭىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.خوشاللىقتىن يۈرۈگۈم يېرىلىپ كىتەي دىگەن بولسىمۇ ،سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى بىر سىناپ بېقىش مەخسىتىدە شۇ تەلەپنى قويغانىدىم..ئەپسۇسكى سىز ، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنىڭ سەۋەبى بولغان ئىجادىيەتكە ئاسىلىق قىلدىڭىز. سەۋەپ ئۆلگەن ئىكەن، نەتىجىمۇ ئۆلدى....ئۆزىڭىزنىمۇ مىنىمۇ ئازاپتا قويدىڭىز....كەچۈرۈڭ بۇ خەتنى مۇشۇ كۈنلەرگە گۇۋاھ بولۇپ قالسۇن دەپ پۈتۈن شېئىرى يازدىم.شۇڭا خەت كىچىكىپ قالدى....ئامان بولغايسىز.
تەلۋە بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن،باشقىلارغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماس بولۇۋاپتۇ.ئاساسەن ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ سىرتقا ئىنتايىن ئاز چىقىدىكەن. شۇنداق قىلىپ مەملىكەتتىكىلەر ئۇنىڭ ‹‹ئىجادىيەت››لىرىدى ۋە شۇ توغرىسىدىكى سەپسەتىلىرىدىن قۇتۇلۇپ،ھەممە ئىش جايىغا چۈشۈپتۇ.پادىشاھتىن پۇخراغىچە ھەممەيلەن خوشال بولۇپ كۈلۈپتۇ............
مايماق ئىجادىيىتى