1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 2011 - يىللىق ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمى شىۋىتسارىيەنىڭ سىيۇرىخ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . نەتىجىدە مېسسى 2011 - يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ، شۇنداقلا پىلادىنى ساقلاپ كىلىۋاتقان ئۇدا 3 قېتىم ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئىرىشىش رىكورتىغا يىتىشىۋالدى . مېسسى 44.78% بېلەت بىلەن 1 - بولدى ، رونالدو 21.6% بېلەت بىلەن 2 - بولدى ، خاۋى 9.23% بېلەت بىلەن 3 - بولدى . گۇئاردىئولا يىللىق ئەڭ ياخشى تېرىنېر بولۇپ باھالدى ، فۇرگۇسىن يىللىق رەئىس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . نېيمارنىڭ توپى 2011 - يىللىق پۇسكاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ياپۇنىيە ئاياللار دۆلەت كوماندىسىدىكى Homare Saw بۇ يىللىق پۇتبول خانىشى بولۇپ باھالاندى .
ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە ئىگە مۇكاپاتنى ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە كىشىلەر تارقىتىشى كېرەك ئەلۋەتتە.رونالدو ئۆز قولى بىلەن ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى مېسىنىڭ قولىغا بەردى، ئىككى ئەۋلاد پۇتبول شاھلىرى بۇ پەيتتە تارىخىي خاراكتېرلىك كۆرۈشۈشنى تاماملىدى.
دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 21 يىل جەريانىدا زېدانى بىلەن رونالدو بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولغان گىگانت چولپانلار. زېدانى 1998-يىلى، 2000-يىلى، 2003-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالاندى، رونالدو بولسا، 1996-يىلى، 1997-يىلى، 2002-يىلى 3 قېتىم بۇ تۈردىكى شەرەپكە نائىل بولدى. مېسى بۇ قېتىم بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قېتىم سانى 3 كە يېتىپ، يۇقىرىدىكى ئىككى مۆجىزىلىك پۇتبولچىلارغا يېتىشىۋالدى. بەلكىم خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى زامانىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتنى تارقىتىشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن رونالدو بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات بولۇپ قالدى، زېدانى بولسا خان جەمەتى مادرېدنىڭ باش نازارەتچىسى بولغاچقا مۇكاپات تارقىتىشقا تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
خانلىق مادرىد تىن مورىنخو ۋە 2- بولغان س. رونالدو مۇراسىمغا قاتناشمىدى، سەۋەبى مالاگا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان شاھلىق لوڭقىسىنىڭ 2- قېتىملىق مۇسابىقە ئويناش سەۋەبلىك.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيىدىغىنى شۇكى، گەرچە رونالدو پەقەت مۇكاپات تارقاتقۇچى مېھمان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى تاشقى پلانېتا ئادىمىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلىرى توپلانغان سىن لېنتىسىنى كۆپچىلىك ئالدىدا قويۇپ بەردى، ئۇنىڭ سىن ماتېرىيالى 90 سېكۇنت داۋاملاشقان بولۇپ، ۋاقتى 1 سائەت بولغان مۇكاپاتلاش يىغىنىدا fifa ئۇنىڭغا 90 سېكۇنت ۋاقىت بەردى، بۇنىڭدىن رونالدونىڭ تارىخىي ئورنىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا atilla705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 05:29 PM