مەملىكەتلىك 8 – نۆۋەتلىك ئادۋۇكاتلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىچىلدى
مەملىكەتلىك 8 – نۆۋەتلىك ئادۋۇكاتلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە پايتەخت بېيجىڭدا ئىچىلدى . ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئادۋۇكاتلار ۋەكىللىرىدىن جىنشەن ، ساڭ يۈن ، ۋۇبو ، مىجىت لىتىپ قاتارلىقلار يېغىندا قاتناشتى .
مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار قۇرۇلتىيى دۆلىتىمىز ئادۋۇكاتلار ساھەسىدىكى بىر قېتىمىلىق كاتتا يىغىن بولۇپ ، مەركەزنىڭ (2010) 30 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ چىقىرىلىشى بىلەن ئادۋۇكاتلار خىزمىتىنىڭ يۆلىنىشى ، نىشانى ۋەزىپىسى ۋە تەلەپلىرى يەنە بىر قەدەم ئېنىق بولغان .
بۇ قېتىملىق يېغىن «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتى نىزامنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزدى ؛ يېغىن بىر تۈركۈم مەملىكەتلىك مۇنەۋەر ئادۋۇكاتلار ۋە مۇنەۋەر ئادۋۇكاتلىق ئورۇنلىرىنى تەقدىرلىدى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى ؛ بۇ قېتىملىق يېغىن دۆلىتىمىزنىڭ ئادۋۇكاتلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ . ئەدلىيە مېنىستىرلىكىنىڭ مېنىستىرى ۋۇ ئەييىڭ قاتارلىقلار يېغىندا مۇھىم سۆز قىلدى .
ئاپتونۇم رايونىمىزدىن شىنجاڭ تيەنياڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن ئادۋۇكات جىنشەن ، شىنجاڭ بەيفىڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى ساڭ يۈەن ، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى مىجىت لىتىپلار يېغىندا نامسىز بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن مەملىكەتلىك 8 – نۆۋەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ئەزالىقىغا سايلاندى ، شىنجاڭ تيەنياڭ ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋۇكاتى جىنشەن يەنە بىر نۆۋەت مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ سايلاندى .
شىنجاڭ شىن لەنتيەن ئادۋۇكاتلار ئورنىدىن ۋۇبو ، شىنجاڭ لىخىلى ئادۋۇكاتلار ئورنىدىن جاڭ ۋىيمىن ، شىنجاڭ سودا ئىشلىرى ئادۋۇكاتلىق ئورنىدىن ئالىمجان ئەمەتلەر 2008 – 2010 – يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋەر ئادۋۇكات شەرىپىگە نائىل بولدى .
يېغىننىڭ يىپىلىش مۇراسىمىدا ، مەركىزى كومىتېىت دائىمى ئەزاسى ، مەركىزى سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ ، دۆلەت كومىسسارى مىڭ جيەنجۇ ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ۋىڭ شىڭجۈن ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ قاتارلىق يىغىن قاتناشچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئايرىم سۆھبەتتە بولدى .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 01:22 AM