مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1158|ئىنكاس: 15

دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9421
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 12:09:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار !
تور بېكىتىمىز 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مائارىپ بايلىقلىرى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاپ - تارقىتىشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خاسلىقىمىزنى ساقلاپ، بۇ ساھەدە ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە قازاندۇق، 3 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغانروھلان تور بېكىتىدە مائارىپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ۋە كومپيۇتېر، تورغا ئائىت ئاز بولمىغان ماتىرىيال ۋە بىلىملەر يوللاندى، بۇنى تورداشلارنىڭ ئىزچىل روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، قوللاش ۋە ئىناقلىق بىزنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتقۇسى .
بىز بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا بىر سورۇن ھازىرلاش، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرماقچى .

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى

رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى مۇسابىقىسى لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .
        1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار
مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار
        2. مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپ
        1) تۈر تەسىس قىلىش
        (1) بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
        2) تۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تەلىپى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى بولسا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەسىم، تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مەلۇم بىلىم دائىرىسىگە، بىرەر سائەتلىك دەرسكە ياكى مەلۇم ئوقۇتۇش بۆلۈكىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلسىمۇ بولىدۇ. يەككە ھالدىكى ئوقۇتۇش كۆپ ۋاستىلىق بايلىقى دەرس دېتالى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
        ① لايىھەلەش تەلىپى : كۆرۈنمە چاستوتا، ئاۋاز، كارتۇن قاتارلىقلارنى لايىھەلەشتە ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows2000 مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى  ppt،  flash،  authorware، قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ، شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم .
        ② يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى قۇيۇپ تېما قىلىپ يوللايدۇ، تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن بۇرۇن توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
        ③دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم.
        3) باھالاش كۆرسەتكۈچى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى
        ئوقۇتۇش لايىھەسى (35نومۇر)
        ئوقۇتۇش نىشانى، ئوبېكتى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش تەدبىرى جايىدا بولۇش؛
        كۆرۈنمە يۈزنى لايىھەلەش جايىدا، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛
        يېزىقچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ياردەمچى ئارخىپلىرى ئېنىق بولۇش.
       رەڭ ۋە تەگلىكلەر، سۈرەتلەر ماسلاشقان بولۇش.
        مەزمۇنىنى بايان قىلىش (25نومۇر)
        مەزمۇنى مول، ئىلمىي، بايانى توغرا، سۈزى قېلىپلىق بولۇش؛
        تاللىغان تېما جايىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش؛
        تىلى ئىخچام، ئوبرازلىق، يېزىق ئۆلچەملىك بولۇش؛
        خام ماتېرىيال (يېزىق ھۆججىتى، ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوت، كارتۇن قاتارلىقلار) نى جايىدا تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش.
        تېخنىكا قوللىنىش (20نومۇر )
        سېستىمىنىڭ ئايلىنىشى  نۇرمال، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ھەم قۇلايلىق بولۇش؛
        يېتەكلەش لېنىيىسى ئىلمىي، يوللارنى تاللىغىلى بولىدىغان بولۇش؛
        يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك بولۇش؛
        يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش (20نومۇر )
        مەقسەت مۇددىئاسى يېڭىچە، تەپەككۈرى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇش؛
ئەمەلىي  ئوقۇتۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇش؛
4) ئەسەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكلەش كېرەك. ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
5) ئەسەر لايىھەلەش
(1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2) كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە.
4. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قۇيۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىش
1) باھالاش چارىسى: تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
(1) تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش: سالاھىيىتىنى دەسلەپكى باھالاش، ئەسەرلەرنى قاچىلاش، ئىجرا قىلىنىشىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەسەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
(2) مۇتەخەسىسلەر باھالاش: مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەجىربىلىك خادىملاردىن تەشكىللىنىدۇ. تېخنىكىلىق سىناشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، مۇكاپات دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ.
2) مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ۋە بىر قانچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى 600 يۇەن نەق پۇل
2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 نەپەر، مۇكاپاتى بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىن خالىغان 1 يۈرۈش
تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.rohlan.biz/thread-11920-1-1.html
3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى 1 دانە 4GB لىق بارماق دېسكا
مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 5 نەپەر، مۇكاپاتى 200 روھلان تەڭگىسى

2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلار پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، بارلىق پوچتا ھەققىنى روھلان تور بېكىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ .


7. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: rohlan@rohlan.biz

قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://soft.rohlan.biz/GetFile.asp?Id=120109222301ia89O  

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
مۇختار روزى رەسىم ئامبىرى
ئېتىقاد تورى
تىز يول تورى
بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز ، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، تېخىمۇ كۆپ مائارىپچىلار بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسۇن .

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان دەرسلىك دېتاللىرى روھلان تور بېكىتىگە يوللىنىدۇ.
يوللىنىدىغان سەھىپە: http://www.rohlan.biz/forum-165-1.html


ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى   


2012-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-17 11:20 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dihanogli1 + 97 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 97   باھا خاتىرىسى

ئۈزۈڭنى بىل . ئۆز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32625
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 651 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 12:57:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ئىشكەن بۇ  

مەنمۇ قابىلىيتىمنى سىناپ باقسام بولغۇدەك   

ياشلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل  ... كۆڭلۈڭ خالىغاننى قىل ....!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46378
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4586
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 517 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:17:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشكەن،مائارىپ بايلىقىنى ئېچىش ئۈچۈن ھەسسە قوشايلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9421
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 02:29:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپات بۇيۇمى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى، تېما مەزمۇنىدا بىر قىسىم كىچىك ئۆزگىرىش بولدى، باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار
روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 2798
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43341
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 6962 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 03:32:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللاڭلار ئىشلەيدىكەن..

كۈلۈپلا قويىمەن خالاس.....

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8287
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:46:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray121:qiray121

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43879
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8136 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:03:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلەپ قاتتىق، ئەمما مۇكاپات سوممىسى سەل ئاز بولۇپ قاپتىمۇ نىمە؟ ئويلىشىپ باقارسىلەر

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13926
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەلەپ  بەك يۇقىرىمۇ قانداق ... مەن تىخى  دىتال ئىشلىتىش دەرىسلىكىمىكى دەپ كىرسەم  تەلەپنى كۆرۈپ  بىشىم ئايلىنىپ كەتتى :qiray124

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26911
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9421
تۆھپە نۇمۇرى: 1047
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
irpan يوللىغان ۋاقتى  2012-1-10 01:03 PM
تەلەپ قاتتىق، ئەمما مۇكاپات سوممىسى سەل ئاز بولۇپ قاپت ...

سىز ئاۋۇ ئىنكاسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىر سائەتلىك دەرسلىك دېتالى تۈزۈشكە مۇشۇنچىلىك مۇكاپاتمۇ ئازلىق قىلامدىكەن؟ ئاپتۇ ۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن مۇسابىقىنىڭمۇ مۇكاپاتى بۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئىدى ئالدىنقى يىلى.
مۇكاپات بۇيۇمى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى، تېما مەزمۇنىدا بىر قىسىم كىچىك ئۆزگىرىش بولدى، باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويغان بولساڭلار
روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72501
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3874
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:57:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن، بۇ پائالىيەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايەن قىلىشىغا كاتتا سەھنە ھازىرلاپ بەرگىدەك. مەن قاتنىشىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش