سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدىغان ئەھۋاللار
ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ماشىنا سېتىۋالىدىغانلارنىڭ سانىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە . كۆپلىگەن يېڭى ماشىنا سېتىۋالغانلار پەقەتلا قاتناش ھادىسىسى چىقسىلا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بىرىدۇ ، دەپ قارايدىغان خاتا قاراش مەۋجۈت . ئەمەلىيەتتە بەزى ئەھۋاللاردا قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغاندا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار . ئۇنداقتا قايسى خىل ئەھۋاللاردا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بىرىشنى رەت قىلىدۇ ؟ ماشىنا ئىگىسى قايسى خىل ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىشى كېرەك ؟ تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ :
1. ھادىسە يۈز بىرىپ 48 سائەتتىن كېيىن دىلو مەلۇم قىلغان بولسا ؛ ئادەتتە سۇغۇرتا توختامىدىكى پۈتۈمگە ئاساسەن ھادىسە يۈز بىرىپ دەرھال قاتناش ساقچى مەمۇرى تارماقلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىنىشى ، سۇغۇرتا شىركىتىگە 48 سائەت ئىچىدە دىلو مەلۇم قىلىشى كېرەك . دىلو ۋاقتىدا مەلۇم قىلىنمىسا سۇغۇرتا شىركىتى ھادىسىدىكى سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتىنى بىكىتىشى ۋە زىياننى بىكىتىشى قېيىنغا توختايدۇ ، بۇنداق ئەھۋاللاردا سۇغۇرتا شىركىتى مۇشۇنى ئاساس قىلىپ شۇ قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى تۆلەپ بىرىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ .
2. شوپۇرلۇق پراۋىسى ۋە ماشىنا يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن ياكى شوپۇرلۇق پراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بىرىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىدۇ .
3. ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە ؛ بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە مەيلى قاتناش ھادىسىسى چىقسۇن – چىقمىسۇن بۇ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خېلاپ بولۇپ ، جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ھاراق ئىچىپ قاتناش ھادىسى چىققاندا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بىرىشنى رەت قىلىدۇ .
شۇڭا ماشىنا ھەيدىگەندە يۇقارقى ئەھۋاللارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
قانۇندىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز قانۇن بلوگىغا كىرىڭ !
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 12:34 AM