سالامنىڭ كۈچى
ئەدەبنىڭ بېشى سالامدىن باشلىنىشى بارچىمىزگە ياد بولۇپ كەتكەن. لېكىن بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا سالاملىشىشنىڭ ھەرخىل كۆرۈنىشتىكى ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. كۈنىمىزدە، ياش بوغۇنلىرىمىزدا بۇ ئاجايىپ مىللىي ئادىتىمىز – سالاملىشىش تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەزمۇنى ۋە ئىجراسى ئۆزگەرگەن رەۋىشتە ئادا قىلىنماقتا. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ياشلار ئارىسىدا تېتىقسىز ئاھاڭدا : ‹‹ ياخشىمۇ؟ … ›› ، ‹‹ ئالو؟ … ›› ، ‹‹ ۋۇججۇ ئاداش تېنچلىقمۇ ؟ (قىزلار)… ››، ‹‹ بارمۇ سەن بالاڭزا ھېي ؟…›› ، ‹‹ سالامۇلەيكۇم …›› كەبىي تۇترۇقسىز سۆز ۋە خىتابلارنى ئىشلىتىپ سالاملىشىشقا ئوخشاش يامان ئادەتلەر ئومۇملىشىپ كېتىپ بارماقتا. شۇ قاتاردا قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز – ئارا سۆيۈشۈپ ( مەڭزىنى يېقىشىپ ئەمەس ) كۆرۈشىشى، يىگىتلەرنىڭ باشلىرىنى بىر- بىرىگە سوقۇشلىرى، بىر – بىرىنىڭ يەلكىسى ۋە كۆكسىگە مۇشتلاشلىرى، قىز – يىگىتلەرنىڭ قول تۇتىشىشلىرى ، ئاۋۋال ئالقانلىرىنى بىرى – بىرىگە شاپلاقلاپ، ئاندىن مۇشتۇملىرىنى تەگكۈزۈپ ، ئارقىدىن ‹‹ يې ! ›› دەپ توۋلاپ كۆرۈشىشلىرىگە ئوخشاش سالاملىشىشنىڭ ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنى ئۇچرىتىمىز. لېكىن بۇ كەبىي ھالەتلەرنى كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ خيالىدا ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سالاملىشىش يوسۇنى ئەسلى قانداق ؟ … دېگەندەك سۇئاللارنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي.
ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش يوسۇنى
سالاملىشىش- كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر پەزىلەت بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى. ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان سالاملىشىشقا يۈكسەك ئېتىبار بىرىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە تىلى چىققاندىن باشلاپلا سالاملىشىشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ . ئۇيغۇرلاردا سالام – سەھەتنى بىلمەيدىغانلارنى ئەيىپلەيدىغان ياخشى ئادەت بار .
سالاملىشىشنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ < قۇتادغۇبىلىك > دېگەن كاتتا ئەسىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان :
5055. سالامدۇر كىشىگە ئېسەنلىك يولى ،
سالاملە قويۇلۇر ئېسەنلىك ئۇلى .
5056. سالامدۇر كىشىگە ئەمىنلىك – ئامان ،
قىلىنسا سالام ، ساق بولۇر ئۇشبۇ جان .
4111. كۆرەڭلەپ قولۇڭنى سېلىپ كىرمىگىن ،
ئىلىك ئال سالامنى ، غاپىل بولمىغىن .
4154.كېرەكتۇر كىچىكتىن ئۇلۇغقا ھۆرمەت ،
ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر ئەينىنى .
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى كۆپ قاتلاملىق بولغاچقا ، ئەر – ئاياللاردىكى سالاملىشىش يوسۇنلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا بۇلارنى مۇنۇ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىپ بايان قىلىش مۇمكىن :
1. ئەرلەر ئارىسىدىكى سالاملىشىش
ھازىر بىزدە ئۆز – ئارا قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش بىر قەدەر ئوموملىشىپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش قائىدىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، سالاملىشىش ھاجىتى تۇغۇلغاندا سالام بەرگۈچى تەرەپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە (يۈرەك ئۇدۇلىغا) ئېلىپ ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن باشنى ۋە بەلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىگىپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دېيىشى ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپمۇ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېگىلىپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام – سەھەت يوللىنىپ بولۇپ ، ئاندىن ئۆز – ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار ئىدى.
ئۇيغۇرلار سالام – سەھەتتە ئالدى بىلەن كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بىرىشكە ئادەتلەنگەن . ياشانغانلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا بولسا ، ياشلار ئولتۇرغان بولسۇن ، ماڭغان بولسۇن (ئۇلاغلىق ياكى پىيادە) ياشانغانلار ئۇچراپ قالغان ئەھۋالدا چوقۇم ياشلار ياشانغانلارغا ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دەپ سالام بىرىدىغان ، ياشانغانلار < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ياشانغانلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ، تېنىچ – ئامانلىق سوراشتەك ئادەتلەر ساقلانغان . بۇ ، ياشانغانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى .
بىرەر ئىش سەۋەپلىك ئۇزاق مەزگىل كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان ئۇرۇق – تۇققانلار ، دوست – بۇرادەرلەر ئۇچراشقان چاغدا سېغىنىش ھېسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قۇچاقلىشىپ ، مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىشىدۇ . ھەتتا ئۇرۇق – تۇققانلار ياكى دوست – بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدا ، بىرەرسىنى سەپەرگە ئۇزىتىش ياكى سەپەردىن كۈتۈۋىلىشقا توغرا كەلسە ، يەنىلا يۇقىرقىدەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ . بۇمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى ئەنئەنىنىڭ بىرى .
2. خوتۇن – قىزلارنىڭ سالاملىشىشى
ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى بار . ئومومەن ، خوتۇن – قىزلار ئۆز – ئارا ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولنىڭ پەنجىسىنى كۆكرەك ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ ، بىشىنى ۋە بىلىنى يەڭگىل ئېگىپ ئېھتىرام بىلەن < ئەسسالام > دەپ سالام بىرىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆز – ئارا قۇچاقلىشىپ بىر – بىرىنىڭ سول مەڭزىگە ، كىچىك قىز بولسا پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ . بۇمۇ سالاملىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ .
سالامنىڭ كۈچى
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇقراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى يېتىلەپ ئېكىنزارلارنى ئارىلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېھقان ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىمۇ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپتۇ. شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىلغان، قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ. قايتاشىدا نەۋرىسى شاھ بوۋىسىدىن:
–– بوۋا، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ، ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟ – دەپ سوراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانىي تەربىيىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
–– ئەي، ئەزىز پۇشتۇم، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ….
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە پەيلى بۇزۇق يالماۋۇز كەمپىر سالام بەرگەن قىزچاققا ‹‹ ئەگەر سالىمىڭ بولمىغاندا ئىدى، سېنى ئىككى يالماپ، بىر يۇتار ئىدىم … ›› دەپ، قىزنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە غەزىپىگە ھاي بېرىپ ، يامان غەرىزىدىن يانىدۇ. بىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش سالامنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان ھېكايەتلەر تولا.
دېمەك، سالامنىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ قارشى تەرەپتىن ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئېرىشىدىغان مۇئامىلىمىزنى بەلگىلەيدۇ. قايسى رەۋىشتە سالام قىلساق شۇ رەۋىشتىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىز ئېنىق. ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولغان سالاملىشىش بىزنى قارشى تەرەپكە ئەدەبلىك ، ھايالىق كۆرسىتىپ، باشقىلاردا ئۆزىمىز ھەققىدە ياخشى تەسىرات، گۈزەل تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. ئىشلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا لايىق ئىلگىرى باسىدۇ، ئەل ئىچىدە ئىززەت – ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ. ئەكسىچە، مىللىي يوسۇنلىرىمىزغا يات بولغان سالاملىشىش باشقىلاردا بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزگە پايدىسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. ئىشلىرىمىز قونجىغا دەسسەپ، ئەل ئارىسىدا كۇرسىمىز چۈشىدۇ.
بىزدە‹‹ سالام بېرىش قەرز، ئىلىك ئېلىش پەرز›› دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن – تونۇشمىسۇن، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ، بىر – بىرىنىڭ كۆيۈنۈشى، ھۆرمىتى، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىز، سالاملىشىش يۇسۇنىمىزغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئۆزئارا تەمەنناسىز، سەمىمىي سالاملىشىشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق! بۇ تولىمۇ ئاددىي، ئەمما بەكمۇ مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-10 03:06 AM