تەلۋىلەرچە ئەسلىمە
گۆدەك ئىدىڭ ئەي يار كۆيگەندە،
يايرايتى تەن كۆزۈڭ كۈلگەندە.
پەرى كەبى ھۆسنۈڭ شۇنچە ئۇز،
شېرىن ئىدىڭ يار خىيال سۈرگەندە.
يىللارنىڭمۇ پەسلى بولغاندەك ،
تۇيۇقسىزلا كەلدى شىۋىرغان.
يىراقلاردىن كەپسەن ئۆزگۈرۈپ،
ئۆلدى شۇ چاغ مەندىكى ئارمان.
نەچچە رەت جاۋابسىز قالغان سوئالىم،
ئاخىرى سەن ئۆزۈڭ بەردىڭغۇ يېشىپ.
تىنىقلار قىينايدۇ كۆيدۈرۈپ تەننى،
دەسلەپكى ئەسلىمە كۆزلەردىن كېچىپ.
ساختىلىق تونىغا ئوراپ كىم سېنى ،
ھېسىيات كۆكىدە قىلدۇردى پەرۋاز.
چاچلىرىڭ چۇۋۇلغان كۆزلۈرۈڭ ئۆلۈك،
ياراشماي قاپتىغۇ ساڭا بۇ پەرداز.
كېچىمەن دېسەممۇ كۆيسە يۈرۈكۈم،
ئۆلىمەن دېسەممۇ ئۆلسە ئۈمۈدۈم.
ئاشىقنىڭ بايانى مۇشۇنداق بولسا ،
كېلىدۇ قاقاقلاپ ئۆزۈمگە كۈلگۈم.
تاماكا، ھاراقلار يالىڭاچ پېتى،
ياقماقتا لېۋىمگە تاتلىق لېۋىنى.
تەنھالىق قىينىماس بۈگۈن كېچىدە،
كۆرگۈم بار مېنىڭمۇ سېنىڭ چۈشۈڭنى.
ئاھ ئۇرۇپ نە قىلاي، قۇچقاچلىرىمغا ،
ياز كەلسە كەلمەمدۇ يەنە نەچچىسى.
ۋە بىراق نەچچە يىل تۇتقان ئەقىدە،
خارلانسا كەلمەمدۇ جاننىڭ ئاچچىقى.
ئەي قىزچاق دەپ چاقىراي ئەمدى،
ئىسمىڭنىڭ ھەرىپىنى يۇيۇۋەتكۈم بار.
بۇ ئالەم كام قىلماس كىشى رىسقىنى،
ياغمايدۇ دەمسىنا ماڭا بۇنداق قار.
ئەركيار
2010-8-12
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 10:02 PM