بىر نەچچە كۈندىن بېرى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتىنىڭ مۇۋەپپەققىيەتكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندۇق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە بۇ ئالىمىمىزغا بارىكاللا ئېيتتۇق.
شۆھرەت مۇتەللىپ باشچىلىقىدىكى بۇ تەتقىقاتتا ،ئوخشىمىغان ئالتە مايمۇننىڭ تۆرەلمە ھۈجەيرىسىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ،ئۈچ تال گېنى ئۆزگەرگەن مايمۇننى يىتىشتۈرۈپ چىققان . بۇنىڭ ئىچىدە Roku ۋەHexدىن ئىبارەت ئىككى قوشماق مايمۇندا ئالتە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېنى بار.ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان Chimero دىمۇ ئىككىدىن ئارتۇق مايمۇنننىڭ گېنى بارئىكەن.
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ دىيىشىچە :<ئەمەلىيەتتە، ئوخشىمىغان تەندىن كەلگەن ئېرىسى گېنلارنى بىرىكتۈرگىلى بولمايدۇ،ئەمما ئۇلار بىر ھۈجەيرىدە ئورتاق بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ،ھەمدە بۇنىڭدىن توقۇلما ۋە ئەزالارنى تىتىشتۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز چاشقان ،توشقان ۋە ئۆي ھايۋانلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.ئەمما پرىماتلاردا بۇنداق تەجىربىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋاپىقىيەت قىلىنىشى ،بۇ بىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور .
دېمەك بۇ ئالىمىمىز دۇنيا بىيولوگىيە پېنى ساھەسى ۋە مېدىتسىنا ساھەسىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. بىز بۇ ئالىمىمىزدىن ئالەمچە پەخىرلىنىمىز ۋە ئۇنىڭغا يەنىمۇ زور بولغان ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
شۆھرەت مۇتەللىپ 1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالما-ئاتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكۋا تېببىي ئىلىم گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ، يېتىلىش-گېنېتىكا تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكۋا تېببىي ئىلىم گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزى يېتىلىش-گېنېتىكا تەتقىقات ئىشخانىسىدا ياردەمچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلى گېرمانىيە مۈنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانىيەت گېنېتىكىسى تەتقىقات ئورنىدا زىيارەتچى ئالىم بولغان. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا يۇتاھ ئىشتاتى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتورئاشتىلىق تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى ساغلاملىق-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئورېگون ئىشتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكىلەر تەتقىقات مەركىزى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمىدە تايانچ تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى ساغلاملىق-پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمىدە، ئورېگون ئىشتاتى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى جانلىقلار يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى — غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولغان. 2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى ساغلاملىق-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى كۆپىيىش ئىلمى بۆلۈمى ۋە ئورېگون ئىشتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) يادرو كۆچۈرۈش تېخنىكىسى — غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
تۆۋەندىكىلىرى بولسا بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قىسقا فىلىملەر.
ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9-يۈرۈش قانىلىدا
مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدىكى زىيارىتى
ئامېرىكا CNN نىڭ ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ تەتقىقاتى توغرىسىدىكى فىلىمى
ئامېرىكىدىكى تۇرسۇنجان ( Jeck بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ) قاتارلىق بىر قىسىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئالىمىمىز توغرىسىدىكى قىلغان زىيارەت فىلىملىرى
1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم ( A )
6-قىسىم ( B )
6-قىسىم ( C )
6-قىسىم (D )
فىلىمنى تەپسىلىي كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىز شۇنى ھېس قىلالايمىزكى شۆھرەت مۇتەللىپ ھەقىقەتەن بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە لايىق بولغان ئالىمىمىزدۇر. بۇ ئالىمىمىزدىكى كەمتەرلىك، ئۆز مىللىتىنى، ئۆز قېرىنداشلىرىنى سۆيۈشتەك ئېسىل پەزىلەتلىرى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئاخىرىدا بۇ ئالىمىمىزغا چەكسىز بەخىت تىلەيمەن. ھەمدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك نامنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مەنبە: تور دۇنياسىدىن يېغىپ رەتلىگەنلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا narkos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 07:54 PM