ئۆتكۈنچى مۇھەببەت
رابىيە بىلەن ئايگۈل يېقىن دوستلاردىن ئىدى، ئۇلار كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىر-بىرىگە دەپ بىرەتتى، يېقىندىن بۇيان ئايگۈل بازاردا ئانىسى ئېچىۋاتقان دۇكانغا ياردەملىشىپ كۈندە دۇكاننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ لىكىن يەنىلا كەچ تەرەپلەردە رابىيەنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى، ئەمما رابىيە ئايگۈلنىڭ تۇرمۇشىدىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ھىس قىلغان ئىدى، رابىيە ئايگۈلنى دۇكان قوشنىسى ئەلى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىۋاتاتتى، چۈنكى ئەلى ئايالى ھەم ئىككى بالىسى بار توي قىلىپ بولغان ئەر ئىدى.
رابىيە بىر نەچچە قېتىم بۇ توغۇرلۇق ئايگۈل بىلەن پاراڭلىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا توختاپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ يۈرىۋاتقانلىقىغا پەقەتلا گۇمان بىلەن قارايتتى، ئىنىق بىلمەيتتى.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن رابىيە ئۇلارنىڭ يۈرىۋاتقانلىقىنى رەسمى بىلدى، لىكىن يەنىلا ئايگۇلغا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلمىدى، چۈنكى ئايگۈل رابىيەدىن قېچىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن رابىيەمۇ بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى ئويلىدى، چۈنكى ئۇ "ئايگۈلمۇ كىچىك بالا ئەمەس، نىمىنىڭ توغرا-خاتانى ئۆزى ئايرىيالايدۇ، يەنە كىلىپ ئۇ مەندىن يۇشۇرىۋاتقان" دەپ ئويلىدى.
بىر كۈنى سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، رابىيە ياتاق ئۆيىدە كىتاپ ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىزلا ئايگۈل ئۇنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن جىددىيلىك چىقىپ تۇراتتى.
-ئاداش، كىتاپنى قۇيۇپ تىز كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرغىن، بىر يەرگە بېرىپ كىلەيلى.
-نىمە بولدى، نىمىگە ئالدىرايسەن، نەگە بارىمىز، نىمە ئىشلىقىنى دىمەمسەن؟
-ۋايجان، نىمانچە تۇلا سۇئال بۇم قايسىغا جاۋاپ بىرىمەن.
-ھەممىگە جاۋاپ بىرىسەندە.
-جاۋاپ بىرەي، لىكىن ھازىر ئەمەس، تىز كىيىمىڭنى ئالماشتۇرغىن. مۇھىم ئىش ئىدى، بىللە بېرىشىپ بەرگىن.
-نەدە بارىدىغىنىمىزنى دىمىسەڭ بارمايمەن، دىگىنە نەگە بارىمىز.
ئايگۈل بىر ئىشتىن خىجالەت بولغاندەك بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن تەسلىكتە دېدى.
-سەندىن بىر ئىشنى يۇشۇرغان ئىدىم، مەن ئەلى بىلەن يۈرىۋاتقان، ئەمما ھازىر خاتا قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ ئۇنىڭغا ئايرىلىپ كىتەيلى دىسەم پەقەت قۇشۇلمىدى، مىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىنى، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كىتىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ.
-ھە، ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسەن؟
-بايا ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇندا كۈرۈشكەن ئىدىم، ئۆزىنى ناھىيەدە دەيدۇ، لىكىن بىرسىدىن ئاڭلىشىمچە ئۇ بىر ئولتۇرۇشتا ئىكەن، شۇڭا مەن شۇ يەرگە بېرىپ ئۇنىڭغا كۈرۈنۈپ قۇيۇپ چىكەتسەم ئۇ چۇقۇم كەينىمدىن چىقىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا، ماڭا گەپ قىلدىڭىز، مىنى ئالدىدىڭىز دىگەننى باھانە قىلىپ ئايرىلىپ كىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.
-ھەممىنى ئويلاپ بوپسەنغۇ، مەن قانداق ياردەم قىلىمەن.
-سەن شۇ يەرگە بېرىشىپ بەرسەڭلا بولىدۇ ئاداش. ئىچىگە ئۆزۈم يالغۇز كىرىمەن.
-بەك ئاددى ئويلاپ قالدىڭمۇ قانداق، سىنىڭچە ئۇ شۇ گىپىڭگە سەندىن ئايرىلىپ كىتەرمۇ؟ ئايرىلمايمەن دەپ يەنە چىڭ تۇرسىچۇ؟
-مەنمۇ ئايرىلىمەن دەپ چىڭ تۇرىمەن، ئۇمۇ ئامالسىز قالىدۇ.
-بوپتۇ ئەمىسە بېرىشىپ بىرەي.
ئايگۈل يەنە ھەيران بولغان ھالدا رابىيەدىن سورىدى.
-ئەجەپ ماڭا ئاچچىقلانمايسەنغۇ؟ مەن تېخى سىنى ئەلى بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىمنى بىلسە، دەسلەپ ھەيران قېلىپ كىيىن ئاچچىقلىنىپ كىتەمدىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.
-نىمىشقا ئاچچىقلىناتتىم، مەن بۇرۇنلا بىلىپ بولغان، دەسلەپ بىلگەندە راستىنلا ئاچچىقىم كەلگەن، لىكىن سىنى خاتا قىلغىننى ھىس قىلغاندا بۇ يولدىن يانىدۇ دەپ ئويلاپ گەپ قىلمىغانتىم. ئويلىغىنىمدەك بولدى، شۇڭا ئاچچىقىلىنىشنىڭ نە ھاجىتى ئاداش.
-مىنى يەنىلا سەن چۈشىنىسەن جۇمۇ ئاداش
-..................
-..................
رابىيە بىلەن ئايگۈل ئەلىنى بار دەپ ئويلىغان يەرگە كەلدى، لىكىن ئەلى ئۇ يەردە يوق بولۇپ چىققان ئىدى، شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىم ئايگۈلنىڭ ئەلىدىن ئايرىلىش خىيالى يوققا چىققان ئىدى.
شۇ كۈنى ئايگۈل رابىيە ئەلى بىلەن يۈرۈپ قېلىش جەريانلىرىنى سۆزلەپ بەردى، رابىيەممۇ ئايگۈلنى ئەلىدىن چۇقۇم ئايرىلىپ كىتىش توغۇرلۇق جىق گەپ قىلدى.
داۋامىنى يېزىۋاتىمەن........
ئىنكاس شەكلىدە تىز يوللىنىدۇ، ئەيىپكە بۇيرىماڭلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 11:56 PM