|
|
|
|
2012-يىلىنىڭ1- كۈنى تولى ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر خەلقى <<مەشرەپ>> ئۆتكۈزدى . ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئىستانىسى قىسقا خەۋەر قىلىپ تارقاتتى. يەنە بىر سۆھبەتداش بىلەن ئاپپاراتنى كۆتۈرۈپ مەشرەپنى باشتىن -ئاياق سۈرەتكە ئالدۇق.
مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتتىن-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان،ناخشا ئېيتىش،ئۇسۇل ئويناش،مۇقام.. قاتارلىق مەزمۇنلىرى بىلەن خەيىر -ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى ئىلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن بولۇپ ئۆتتى.
مەشرەپكە تولى ناھىيەسىدىكى خەلىق ئىچى سەنئەتچىلەردىن باشقا،غۇلجىدىكى ھېسام ئاكىنىڭ شاگىرتلىرى تارغاباتاي رايونىدىن كەلگەن سەنئەتچىلەر ئىشتىراك قىلىشتى.مەشرەپتە يىغىلغان 25 مىڭ يۈەن ناھىيەمىزدىكى قازاق،ئۇيغۇر،خەنزۇ ،موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى قىيىنچىلىقى باركىشىلەرگە تارقىتىپ بىرىلدى.
|
|
|
|
|
|