ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مىسرانىم توربېتىدىكى تورداشلار ، دېھقان ئوغلىدىن بارلىق تورداشلارغا سالام !
مەن بۈگۈن مىسرانىم توربېتىگە بىلىم ئېلىش ، تورداشلار بىلەن دوستلۇشۇش ، ئورتاقلىشىش .... مەقسىتىدە dihanogli1 نامى بىلەن تېزىملىتىپ كىردىم .
بىلمگە تەشنا قەلبىمگە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۇستازلارنىڭ ، دوستلارنىڭ ، تورداشلارنىڭ شۇنداقلا مۇنبەر باشقۇر غۇچىلارنىڭ بىلىم بۇلاقلىرى مەلھەم بولالىسا - دېگەن ئۆمۈتتەمەن.
مەن گەرچە يېتىلگەن پروگراممىر بولمىساممۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمەيمەن . مىسرانىم توربېتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتقانلىقىمنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ، ئۆزۈم ياسىغان <<ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى يۇمشاق دىتالى1.1 نەشرى >> نى مىسرانىم توربېتىدىكى بارلىق تورداشلارغا سوۋغات قىلماقچىمەن
سوۋغات چۈشەندۈرىلىشى:
ماتىماتىكا مەشىق باغچىسى1.1 نەشرى
بۇ دىتال گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر دىتالچىلىقى ۋە مائارىپ ماتىماتىكا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ئازراق بولسىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرەلىسە دېگەن ئۈمىدتە تارقىتىلدى .
دىتالنىڭ بۇنەشرى تورداشلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ، مەدەت - ئىلھاملىرى نەتىجىسىدە كۆپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىرىشتى.
دىتالغا ھازىرچە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان مەزمۇنلار كىرگۈزىلدى .
دىتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
دىتال يىشىل دىتال بۇلۇپ بىۋاستە قوزغاتساق بولىدۇ . ئىكراننى مۇمكىن قەدەر 1024-768 قىلىپ تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . دىتال قوزغالغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ دىتالغا كىرىشكە بولىدۇ . مەسىلەن : ئىسمى : dihanogli 1- يىللىق 1- سىنىپ okuguqi دىگەندەك .
ئۇچۇرلار تولدۇرۇلۇپ ‹‹ مەرھەمەت›› نى چىكىپ مۇندەرىجىگە كىرىمىز . مۇندەرىجىدە سانلارنى تونۇشۇش ، قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيتىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى ، قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، تەقلىدى ئىمتىھان ، ‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› ، قىزىقارلىق ئويۇن ، قاتارلىق سەھىپىلەرنى خالىغانچە ئاچساق بولىدۇ .
سانلارنى تونۇشۇش سەھىپىسىدە
سانلارنى تونۇش ، 1 دىن 5 كىچە سانلارنى تونۇش ، 1دىن 5 كىچە سانلارنى ساناش ،1 دىن 5 كىچە سانلارنى يېزىش ، 6دىن 10 غىچە سانلارنى تونۇش ، 6دىن 10 غىچە سانلارنى ساناش، 6دىن 10 غىچە سانلارنى يېزىش ، . . . . قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .مەزمۇنلار ئاممىباب ، ئىخچام ، چۈشىنىشلىك قىزىقارلىق بولۇپ مەىشق قىلغۇچى ھەرگىز زىرىكىش ھىس قىلمايدۇ.
قوشۇش ۋە ئېلىش جەدۋىلى ، كۆپەيىش ۋە بۆلۈش جەدۋىلى سەھىپىسىدە ماتىماتىكىنى ( 1 دىن 9 غىچە بولغان سانلارنى )رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىشكە ، بولىدۇ .
قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش سەھىپىسىدە رەسىمگە قاراپ قوشۇشنى ئۆگىنىڭ ، رەسىمگە قاراپ ئېلىشنى ئۆگىنىڭ ، قوشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ، ئىكرانغا قاراپ ئۆگىنەي ، قىزىقارلىق قوشۇش ، مۇسابىقە مەيدانى ، قوشۇش ۋە ئېلىش . . . قاتارلىق تۈرلەر بار.
خالىغان تۈرگە كىرىپ مەشىق قىلساق بولىدۇ مەسىلەن:
تەقلىدى ئىمتىھان سەھىپىسىدە 1 دىن 20 گىچە بولغان سانلاردىن ئىمتىھان ئىلىنىدىغان بۇلۇپ ،
ئۇمۇمى 6بەت ئىمتىھانغا 103 نۇمۇر بىرىلىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكى ( نەتىجەمنى كۆرۈپباقاي ) دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ ، نەتىجىڭىزنى سۈرۈشتىرسىڭىز بولىدۇ.
‹‹ دېھقان ئوغلىنىىڭ ھىساب ئۆگىتىشى›› سەھىپىسى 2 گۇرۇپپىغا ماسكىلىدىغان بۇلۇپ ، 12 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ . مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا قايسى گۇرۇپپىنىىڭ ئالغان نۇمۇرى كۆپ بولسا غەلبەقىلغانلىق ئۇچۇرى بىرىلىدۇ .
قىزىقارلىق ئويۇن سەھىپىسىدە سانلارنى تونۇش ، قۇشۇش ، ئېلىش ، كۆپەيتىش ، بۆلۈش ۋە ئارىلاش ئەمەللەر نى ئاساس قىلغان قىزىقارلىق ماتىماتىكا مەشىق ئويۇنلىرى سىز گە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە بىلىم ئاتا قىلىدۇ . بۇ سەھىپىگە قىزىقارلىق ئويۇن، سان زاۋۇتى ، 5قوي ، 2-سان زاۋۇتى ، مۆكۈشمەك ، باي بولۇش ، سۇدىن ئۆتۈش ، سان ئۇلاش ، سان ئېتىش . . . قاتارلىق ئويۇنلار كىرگۈزىلدى .
‹‹سان زاۋۇتى ›› ۋە ‹‹قىزىقارلىق ئويۇن›› دىن بىر كۆرىنىش
دىتال بار مۇندەرىجىگە 125-138 چوڭلۇقتىكى ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى dihanogli.jpg نامىدا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ .
دىتالغا داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار تولۇقلىنىدۇ. (اللە خالىسا )
تەكلىپ - پىكىر لىرىڭىز بولسا :
دىتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
?㻷??Ԙ??matimatika_1.1.rar
http://kiyas.org/Download.asp?Action=Download&GetId=dihanogli&Id=245
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 09:11 AM