بالىلار
ئويلىغىنىڭ ئەكسىنى قىلىدىكەن بالىلار،
دەرد-ئەلەمدە باغرىڭنى تىلىدىكەن بالىلار.
يېگۈزسەڭمۇ يېمەستىن، كىيگۈزسەڭمۇ كىيمەستىن،
ئۆزىنى شاھ، سېنى خەس بىلىدىكەن بالىلار.
ئۆمىلىسە ئۆمىلاپ، ئوت-سۈيىدە يۈرسەڭمۇ،
خىجىل بولماي شىللەڭگە مىنىدىكەن بالىلار.
تۇغدۇڭ، باقتىڭ، چوڭ قىلدىڭ، خىراجىتى سېنىڭدىن،
موزاي ئىنەك ئەمگەندەك ئىمىدىكەن بالىلار.
قاغا بىلەن دوستلاشساڭ يەيدىغىنىڭ نىجاسەت،
كىملەرنىدۇر دوستۇم دەپ يىغىدىكەن بالىلار.
نەپسى ئۈچۈن ساتمىغان بىساتلىرىڭ قالمىدى،
گېزى كەلسە تېرەڭنى شىلىدىكەن بالىلار.
يۈرىۋەرسەڭ بىر كۈنى يول تاپىدۇ بالام دەپ*،
پۇت-قولۇڭنى ئىلمەكتە ئىلىدىكەن بالىلار.
كىرپىگىمۇ مامۇقتەك يۇمشاق بولغاچ بالىسى،
رەنجىتسىمۇ كۆزلەرگە سىغىدىكەن بالىلار،
بالام ئۈچۈن دەپ ياشاپ كەتتۇق بەكمۇ ھالسىراپ،
ۋاي تاڭ، قاچان ئەقىلگە كېلىدىكىن بالىلار!؟
___________
* بۇ مىسرا شائىر م.راشىدىن مىسراسىغا يانداش يېزىلدى
2012-يىل 8-يانۋار، كەچ
( مەنبەسى: ئەركزات نەزمىلىرىدىن )