باھار بايراملىق ترانسپورت يېقىندا رەسمىي باشلىنىدىكەن
باھار بايراملىق ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا،تۈنۈگۈندىن باشلاپ،يولۇچىلار ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفون سىستېمىسى ئارقىلىق 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى پويىز بېلىتىنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا باشلىغان.بۇ باھار بايراملىق ترانسپورتنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.ئەتە،2012-يىللىق باھار بايراملىق ترانسپورت رەسىمى باشلىنىدىكەن،بۇ ۋاقىت 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.بېلەت سېتىش جەھەتتە يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى بولغان مۇلازىمەت يارىتىلىدىكەن،شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى تۈنۈگۈن باھار بايراملىق بېلەت سېتىش ئەھۋالىدىن تولۇقلىما دوكلات بېرىپتۇ.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا،1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۆمۈر يول باھار بايراملىق بېلەت سېتىشىنى باشلىۋېتىپتۇ،شۇ كۈنى،شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى ھازىرغىچە 1 مىليون 568 مىڭ بېلەت ساتقان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە،تورى ئارقىلىق سېتىلغان بېلەت 230 مىڭ 900 گە بارىدىكەن ۋە ئومۇمى بېلەت سېتىش مىقدارىنىڭ %15.2 نى ئىگىلەيدىكەن؛تېلېفون ئارقىلىق سېتىلغان بېلەت 68 مىڭ بولۇپ،ئومۇمى بېلەت سېتىشنىڭ %4.3 نى ئىگىلەيدىكەن.1-ئاينىڭ 5.كۈنى،شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى بەش كۈن ئىچىدە ساتقان بېلەتنىڭ سانى 6 مىليون 373 مىڭغا يەتكەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە تور ئارقىلىق ساتقان بېلەت سانى 1 مىليون 217 مىڭغا بارىدىكەن ۋە ئومۇمى بېلەت سېتىش سانىنىڭ %19.1 نى ئىگىلەيدىكەن؛تېلېفون ئارقىلىق زاكاز قىلىنغان بېلەت 678 مىڭ بولۇپ ئومۇمى بېلەت سېتىش سانىنىڭ %10.6 نى ئىگىلەيدىكەن،تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق بېلەت سېتىش ۋە ئالدىن زاكاز قىلىش كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىكەن بولۇپ،ئومۇمى بېلەت سېتىش سانىنىڭ %29.7 نى ئىگىلەپتۇ.
تور ئارقىلىق بېلەت سېتىش ۋە تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىش ئەھۋالىغا قارىغاندا،تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە،چوقۇم ھەر قايسى رايونلاردىكى ئوخشاش بولمىغان بېلەت سېتىش ۋاقتىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇش كېرەك ئىكەن،مەسىلەن،جېنجىياڭ رايونى 10 دا بېلەت سېتىشنى باشلايدىكەن،ئەمما يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندا شاڭخەي رايونلۇق بېلەت سېتىش ئورنىدىن ئالدىكەن،سىستېمىنىڭ كۆرسىتىشىچە بېلەت يوق بولۇپ،پەقەت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا شاڭخەي رايونىدىكى بېلەت سېتىش ئورنىدا بېلەت سېتىش باشلىنىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ،باھار بايراملىق ئوقۇغۇچىلار بېلەت سېتىش ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىش قاتارلىق ئىككى مۇھىم بولغان بېلەت سېتىش نۇقتىسىغا نىسبەتەن،1-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شاڭخەي تۆمۈر يول ئىدارىسى ساتقان ئوقۇغۇچىلار بېلىتىنىڭ سانى 1 مىليون 275 مىڭغا يېتىدىكەن،ئىشچى خىزمەتچىلەرگە سېتىلغان بېلەت سانى 514 مىڭغا يېتىدىكەن.يېقىندا،يولۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە ئۇلارنىڭ 95105105 تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىشى ناھايىتى تەسكە توختايدىكەن،شۇنداقلا تېلېفون قىلغاندا رايون نومۇرىنى بېسىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ،تېلېفونى لىنىيىسىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن قايتا-قايتا ئۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىم تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە،تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىشنىڭ ئالدىدا،كەڭ بېلەت سېتىۋالغۇچى ئاممىدىن رايون،پويىز لىنىيىسى شۇنداقلا چېسلانى تۇللۇق يېزىش تەلەپ قىلىنىدىكەن،ھەمدە ئالدىن تەييارلانغان كىملىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار تۇلۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ،بۇ ئارقىلىق بېلەت سېتىش جەھەتتىكى تور جىددىي بولۇش ئەھۋالىنى ئاز مىقداردا پەسەيتكىلى بولىدىكەن.
تۆمۈر يول مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىن قاتتىق تەكىتلىشىچە،بېلەت سېتىۋېلىشتا چوقۇم ئالدى بىلەن تور ۋە تېلېفون نۇقتىسى ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىپ بولغاندىن كېيىن،بېلەتنى تىزدىن تاپشۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىنىپتۇ
توردىن بىلەت سىتىۋىلىش تور ئادىرسى.
توردىن بىلەت سىتىۋىلىش
كەڭ دوسلارغا ئەسكەرتىش --بىلەت ئالغاندا ئالدىنىڭ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
.مەنبە---شاڭخەي خەۋەرلەر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يىشيۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-8 10:56 PM