ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
مەن ئۆزەم سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن ،بۇ يىلى 8-ئاينىڭ ئالدى كەينىدە پۈتكۈل سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش سېستىمىسىدىكى 8000غا يېقىن كادىرلارغاu8800华为 تېلىفۇنى تارقىتىلدى ،شۇ باھانىدا مەنمۇ بىر ئاندرويد تېلىفۇنلۇق بولۇپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن قولۇمدىكى نوكىيا تېلىفۇنىنى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا توختىماي تالاشقان سىڭلىمغا بېرىۋىتىپ ،بۇ ئەزەلدىن ماركىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بۇ دۆلەت مېلىنى ئىشلىتىشكە باشلىدىم ۋە ئىنتايىن تىزلا بۇ ناتونۇش سېستىمىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.بۇرۇنقى نوكىيا تېلىفۇنىمغا 5 مېگابايتلىق يۇمشاق دېتال قاچىلىسام ئىنجىقشىپ ئاران قالاتتى،لىكىن بۇ ئاندرويد تېلىفۇنغا GameLoftنىڭ 400 مېگابايتلىق ئويۇنلىرىنىمۇ ئوبدانلا سۆرەۋاتمامدا !شۇنىڭ بىلەن ئاندرويدقا ئاشىق بولدۇم،دائىم 5irom ,安智网,安卓网 مۇنبەرلىرىگە چىقىپ سېستىما رۇتلاش،سېستىما يېڭىلاش دىگەندەك ئىشلارنى ئۈگەندىم. بىر كۈنى 淘宝تورىى ئارلاۋېتىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچقان دۇكانلىرى بارمىدۇ دەپ ،ئىزدەش ئىستۇنىغا uyghur نى كىرگۈزۈپ ،ئىزدەش نەتىجىسىدىن Uyghur Andorid 谷歌 Nexus One دېگەن قۇرغا كۆزۈم چۇشتى.dongkowruk دۇكىنىدىن Nexus One تېلىفۇنىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سېستىما قاچىلانغانلىغىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم،شۇنىڭ بىلەن كاللامغا مىنىڭ تېلىفۇنۇممۇ ئۇيغۇرچە تونۇرمۇ؟دىگەن ئوي كېلىپ قالدى،بۇ ئۇيغۇرچە رومنى چۈشۇرىۋالدىم. كىيىن قۇتيار،ئۇيغۇريانفۇن تورىدىن بىرەيلەننىڭ libicuuc.so ھۆججىتىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ،ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىغانلىغىنى بىلدىم،قاراسام Nexus One تېلىفۇنى بىلەن مىنىڭ تېلىفۇنۇمنىڭ 4 مەۋھۇم كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئوخشاش ئىكەن،مەنمۇ ئالدى بىلەن libicuuc.so ھۆججىتىنى ئالماشتۇردۇم ،كىيىن ئۇيغۇرچە فونتنى قاچىلاپ چوقۇق بەردىم،تورغا چىقىپ ئىنتايىن خوش بولدۇم،ھەممە ھەرىپلەر نورمال كۆرۈندى. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئۈچۈن ھەممە باپ كىرگۈزگۈچنى ئىشلەتتىم،شۇنداق قىلىپ u8800华为 تېلىفۇنى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىدى.ئىدارىدىكى ياش بالىلارنىڭ ھەممىسىگە قاچىلاپ بەردىم،ھازىر بىز ئۆز-ئارا ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىمىز.تۆۋەندىكى ئىكراندىن تارتىۋېلىنغان رەسىملەرگە قاراپ بېقىڭلار.
مانا ماۋۇ قىسقا ئۇچۇردىكى كۆرۈنۈش
مانا ماۋۇ تېلفۇن دەپتىرىدىكى كۆرۈنۈش
جاھاننامىدىكى كۆرۈنۈش
8 s$ [. a# O, `+ R' Y5 [' ~
15 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (190.28 KB)
ئەركىن سىدىقنىڭ ماقالىسىدىن بىر كۆرۈنۈش
سېستىما تەڭشىگىدىكى كۆرۈنۈش
ئۈستەل يۈزىدىكى كۆرۈنۈش
رومنىڭ ئالاھىدىلىگى
1.روم نەشىرى ئەڭ يېڭى cm7 2.3.72
2. رومدا GOOGLE يارمىقى سەپلەنگەن،GOOGLEنىڭ بارلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايسىز
3.تېلىفۇن تىپى HTC Desire Sقىلىپ ئۆزگەرتىلگەن GameLoftنىڭ چوڭ ئويۇنلىرىنىمۇ ئوينىغىلى بولىدۇ.
4.ھەممە باپ كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان،ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ
5.قىسقا ئۇچۇر ۋە ھۆججەت باشقۇرغۇچ 疯子 نىڭ ZM 4.6 رومىدىن ئېلىنغان،ئىنتايىن كۆركەم
قول چىراق ۋە قايتا قوزغاتقۇچ قاچىلانغان، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن قولاي.
9 .يەنە ......... ئىشقىلىپ ،بىر قاچىلاپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ
چۈشۈرۈش ئادېرسى
مەنبەسى:
ئالپ تورى