ئىلىم ھەققىدە
ياشلىق ئۇ ئادەمنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى ،
ئۆگىنىش ئۆزىنى تۇنۇش مەزگىلى .
تىرىشقىن ھارماستىن بىلىم ئىگەللە ،
ئىلىمدا يۇرۇيدۇ، قارا دىل ئەسلى .
ئىلىم پەن ئىنسانغا بىر نۇرلۇق چىراق ،
ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىدىن يىراق .
ياشلىقتا ساقلىقتا پەن ئۆگەنمىسەڭ ،
بىر ئۆمۈر ھەسرەتتە چىكىسەن پىراق .
ئىلىمدە ئېچىلدى كائىنات سرى ،
يۇرۇيدۇ ئىنسانلار قاراڭغۇ دىلى .
ئىلىم ئۇ ئىنسانغا سۇنماس قاناتتۇر ،
ئىنساننىڭ ئايرىلماس مەڭگۈ ھەمراھى.
تىرىشقىن ياشلىقتا ھەم شىجائەتتە،
ئۆگەنگىن ساقلىقتا بۇ مۇھىم پەيتتە .
قۇياشتەك نۇر چاچار ئىلىم يۇلۇڭغا ،
قالمايسەن شۇندىلا سەن نادامەتتە .
مەن ئۆزەم يازغۇچى بولمىساممۇ قىزىقىشىم بويىچە يېزىپ باقتىم .تورداشلارنىڭ كۆرۈپ تەكلىپ -پىكىر بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
مەنبە : مەن، كومپىيۇتېر، كۇنۇپكا تاختىسى، قۇلۇم،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-9 12:21 AM