مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6852|ئىنكاس: 136

كەچۈرۈڭ، مەن دىگەن ھاراملىق‹ۋەتەن›   [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

بوينۇمنى كەسكەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68619
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6556
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 04:51:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

    سالام! ئانا يۇرت


     ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا مۇلازىمەتچىنىڭ < بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ تاقاڭلار! ئايروپىلان قونۇش ئالدىدا> دىگىنىنى ئاڭلاپ، يۈرۈگۈم ھازىرلا يىرىلىپ كىتىدىغاندەك گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ دەرىزىدىن ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر مەنزىرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ كۆزلىرىمگە ھاياجان يىشى لىققىدە يىغىلدى. ئايروپىلان ئون مىنۇت ئەتراپىدا شەھەرنى ئايلانغاندىن كېيىن <جاق> قىلغان ئاۋاز بىلەن يەرگە قوندى، ھەممەيلەن ئۆچىرەت بىلەن ئايرۇپىلاندىن چىقتۇق ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ ئون مېتىر نېرىدىكى توپىلىقتىن بىر ئوچۇم توپىنى ئىلىپ يۈزۈمگە سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن يۈرۈگۈم ئارامىغا چۈشتى، چېگرىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئالدى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، پاسپورتقا تامغا ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرسام توساتتىنلا بىر ئۇيغۇر ئاكاشنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ئۇيغۇرمۇ سەن ئۇكام؟
-ھەئە، ئۇيغۇرمەن.
-پاسپورتىڭنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا پاسپورتىمنى سۇندۇم، ئۇ بىردەم ۋاراقلىغاندىن كېيىن:
-قولۇڭدىكى سومكاڭنى تەكشۈرۈپ باقسام قانداق دەيسەن؟
ئۇ مىنى يان تەرەپتىكى بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ بىر ئىستاكان قىزىق چاينى بەرگەندىن كېيىن سومكىنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى، تەكشۈرۈپ بولۇپ:
-ئېغىر ئالمىغىن، خىروئىن سودىسى قىلىپ جانغا زىيان سالىدىغانلارغا قارشى تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.
-ياق ئاكا، جۇڭگو خەلقىنىڭ پايدا-مەنپەئەتى ئۈچۈن سىلەرمۇ باش تارتمايسىلەرغۇ.
-ماسلاشقىنىڭغا رەھمەت!
    ئۇ مىنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويدى، زالدىن سىرتىغا قاراپ ماڭغانسېرى قەدەملىرىم تىزلىشىپ كۆزلىرىمگە ياش تولدى، سىرىتقا چىقسام ئابدۇللا ئاتام بىلەن مېھرىبان ئاپام مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئابدۇللا ئاتامنىڭ بۇرۇنقى تىمەن كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ھالىدىن ئەسەرمۇ يوق، چاچلىرىنى ئاق قاپلىغان بەللىرى مۈكچەيگەن، مېھرىبان ئاپامنىڭ يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن كۆزلىرى خۈنۈكلەشكەن ئىدى. سومكامنى تاشلاپلا ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ باغرىغا ئىتىپ يىغلىشىپ تۇرۇپ كۆرۈشتۈم، ئابدۇللا ئاتام يېشىمنى سۈرتۈپ پېشانەمگە سۆيگەچ:
-ئوغۇل بالا دىگەنمۇ يىغلامدۇ ئەمدى، سۈننەت تويۇڭ بولمىغاندۇ سىنىڭ.
كۈلۈشۈپ كېتىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپلا ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق، يول بويى شەھەر كوچىلىرىغا تويماي قارايتتىم، بۇ ئالتە يىل جەريانىدا ناھايىتى تەرەققى قىلغان بۇ شەھەرگە قاراپ ھەيران قالدىم. بىردەم ماڭغاندىن كېيىن ئۆيگىمۇ يىتىپ كەلدۇق، ئىشىكتىن كىرىپ ھەممە يەرگە بىردىن كۆز سېلىپ چىقتىم، ھەممە نەرسە شۇ پىتى ئىكەن. ئارلىقتا نىگارە ئاشخانىدىن چىقىپ كەلدى، بۇ قىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، بۇرۇن بارمىقىنى چىشلەپ ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ قىز ئەمدىلىكتە شۇنداق نازاكەتلىك ۋە ئوماق چوڭ بولغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ ماڭا بىر قۇر سەپ سېلىۋىتىپ:
-ئاكا، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىماي قاپسىز جۇمۇ، بۇرۇت قويىۋاپسىز تېخى ھا ھا ھا ھا.
-ھوي، بۇ جىنتەك مىنى زاڭلىق قىلغىلى تۇردىغۇ ئەمدى، بارماق چىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قىز ئەمدى خىلى شوخ بولۇپ قاپسىزغۇ سىڭلىم.
بىردەم چاقچاقلاشقاندىن كېيىن نىگارە بىر پىيالىدىن چاينى ئىلىپ چىقىپ:
-تاماق پىشايلا دىدى، بىردەم تەخىر قىلىڭلار.
دەپ قويۇپ ئاشخانىغا يۈگرەپ كىرىپ كەتتى، مەن يۈزۈمنى بىر يۇيۇش ئۈچۈن تازلىق ئۆيىگە كىردىم، كىرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ئەينەككە قارىسام ئەينەكنىڭ بىر بۇلۇڭىدا قىستۇرۇلغان بىر پارچە رەسىمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، بۇ رەسىم ئەينى ۋاقتىدا ئەكبەر ئاكام،ئابدۇللا ئاتام ۋە مەن چۈشكەن سۈرەت ئىدى، ئۇ چاغلىرىم بىلەن ھازىرقى ۋاقتىمنى سېلىشتۇرۇپ ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم، ئورۇق، تېخى بۇرۇتنىڭ نىشانىمۇ يوق، كۆزلىرىم تەلمۈرۈش ئىچىدە تۇرغان بالىلىق ۋاقىتلىرىم رەسىمدە ئەينەن قالغان بىراق ھازىرقى ساقال-بۇرۇتلۇق ، گەۋدىلىك بولغان بىر يىگىت ئىككىسى ئىككى دۇنيا ئىدى. رەسىمگە قاراپ خىيالغا سىڭىپ قاپتىمەن، ئارىدا ئاتامنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، چىقىپ ھەممەيلەن جەم بولۇپ ئولتۇرۇپ كۈلكە-چاقچاق بىلەن تاماق يىيىشتۇق، بۇ تاماق ماڭا شۇنداق سىڭدىكى 6 يىلدىن بۇيان ھىچ نەرسە بۇنداق تەملىك تېتىمىغان ئىدى، تازا ئىشتاھا بىلەن يەپ بولۇپ مېھرىبان ئاپامنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپلا يىتىۋالدىم. مېھرىبان ئاپام بېشىمنى سىيلاۋېتىپ:
- ۋوي، ئوغلۇم!چېچىڭىزغا ئاق كىرىپتىغۇ.
- ئاپتاپتا تۇرىۋېرىپ ئاقارغان چاچلار ئاپا.
بۇ چاقچاقنىڭ ئاتامغا تېگىشىنى بىلەتتىم، ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن پىتى:
- ھوي، بۇنداق پۇتى بار گەپ قىلىشنىمۇ ئۆگەندىم دىگىنە ئەمدى، سەن مىنىڭ بېشىم بىلەن قالماي ئۇيقۇڭنى ئۇخلا.
كۈلۈشۈپ كېتىپ ئەكبەر ئاكامنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم:
-ئاپا، ئەكرەم ئاكام قانداقراق؟
-ئۇ ھازىر بىيجىڭدا ئىمتىھانغا قاتنىشىۋاتىدۇ، كىلەر ئايدا قايتىپ كېلىدۇ ئوغلۇم.
ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن سومكامنى ئىچىپ ئۇلارغا ئىلىپ كەلگەن سوۋغامنى چىقاردىم مېھرىبان ئاپام بىلەن نىگارەگە ئۆز لايىقىدا بىرىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇللا ئاتامنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ:
- ئاتا، سىز دېگەن نەرسىنى ئىلىپ كەلدىم، بىراق ماڭا يەنە قايتۇرۇپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
- ئۇ سەندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئوغلۇم، ئۇنى پەقەت كۆرسەملا كۇپايە.
سومكامدىن ئىككى قۇر كىيىمنى چىقاردىم، بۇ كىيىمنىڭ بىرى تۇنجى قېتىم ئابدۇللا ئاتام مىنى ئۆيگە ئەكىرگەن ۋاقىتتىكى مەن كىيىپ كىرگەن كىيىم، يەنە بىرى مەن ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا كىيگەن كىيىم ئىدى، ئاتام بۇنى كۆرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى، ئاندىن يىنىمغا كىلىپ:
- يارايسەن ئوغلۇم ئەمدى نېمىشقا بۇنى ساقلىغانلىقىڭ ۋە سورىغانلىقىڭنىڭ سەۋەبىنى ئىيتىپ بىرەلەمسەن؟
- مەن شۇ ۋاقىتنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ ئاتا، چۈنكى مەن بىر قېتىم ئۇنۇتتۇم ۋە نۇرغۇن جازاسىنى تارتتىم مۇشۇ ئىككى قۇر كىيىم ماڭا نەپرەت ۋە مۇھەببەت، ئاچلىق ۋە توقلۇق ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىنى ئەسكەرتىپ تۇردى.
ئاتام پېشانەمگە سۆيۈپ قويدى.
    ئۈرۈمچىدە كۈنلىرىم كومپىيۇتىردا خەۋەر ياكى بىرەر ئەسەر دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن بىكار بولالماي  ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە توردا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى توغرىسىدا يىزىلغان نۇرغۇن ماتىرياللارنى كۆرۈپ قالدىم، قىزلار ئوغۇللارنى ۋىجدانسىز دېگەن ئوغۇللار قىزلارنى نۇمۇسسىز دېگەن، پۈتۈن مۇنبەرلەردىكى تىمىلارنىڭ ئەڭ قىززىيدىغىنى قىزلار توغرىسىدىكى ۋە ئىپپەت تىمىسى ئىكەن، ئۇنىڭدىن ئىشىپ كەتكىنى قىزلارنى تىللاپ يازغان نەچچە پارچە شېئىر سەل قورساقنىڭ ئاغرىقىنى قوزغاپ قويدى، ئۇنداق ماقالىلەرنى جىق ئوقۇپ ئاخىرىدا چىقارغان خۇلاسەم، قىزلارنىڭ مەقسىدى بىزنى قوغدىسۇن، نۇمۇسىمىزنى قوغدىسۇن دەيدىكەن ئوغۇللار قىزلارنى شەرمى-ھايالىق بولسۇن، پۇلغا قىززىقمىسۇن دەيدىكەن ئىشقىلىپ بىر-بىرىدىن خوش بولمايدىغان جاھان بولۇپ قالغاندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. بۇ يەردە بىكار يۈرۈپ زېرىكىپ بىرەر ئىشنىڭ بىشىنى تۇتۇش خىيالىدا بولۇپ ئاتامغا ئۈرۈمچىدە بىر چېگرا سودىسى قىلىدىغان شىركەت ئىچىش ئويۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ بىشىنى قاشلىۋەتكەندىن كېيىن:
-مەن قېرىپ قالدىم ئوغلۇم، قانداق قىلىشنى ئۆزۈڭ قارار قىل.
-ئاتا بىرگە بىرنى چۈپلىسە ئون بىر بولىدۇ، ھىچ بولمىغاندا قۇرۇق تامدىن بولسىمۇ مەسلىھەت ئالغانغا يەتمەس.
-ئۇ دىگىنىڭ توغرا، ئەگەر باشقىچە ئويلىمىساڭ ئەكرەم ئاكاڭ كەلگەندە بىرگە مەسلىھەت قىلساڭلار قانداق؟
-ئەكرەم ئاكام كەلگۈچە مەن يېزىغا بىرىپ ئانامنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كىلەيمۇ ئەمسە؟
-مىنىڭ ھازىرقى قارارىم! سەن تېخى ئۇ دەرىجىگە بىرىپ يەتمىدىڭ.
-ھە؟ چۈشەنمىدىم.
-كېيىن چۈشىنىسەن، سەن ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭنىڭ ھەممە يىرىنى بىر ئايلىنىپ چىق.
- بىراق،،، نېمىشقا؟
- قالغىنىنى ئۆزۈڭ چۈشۈنۈپ قالىسەن ئوغلۇم، بىراق ماڭا ھازىر قەبرە بىشىغا بارماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەر!
ئاتام شۇ كۈنىلا مىنى خۇددى قوغلاۋاتقاندەك قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۈچتاش بېكىتىدىن ئاۋۋال قەشقەرگە يولغا سالدى ۋە قولۇمغا ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ خەرىتىسى ۋە ئادىرىسىنى بىرىپ:
- ياخشى ئايلان ئوغلۇم، بەلكىم ماڭا پايدىلىق بىرەر نەرسە ئالغاچ كىلەرسەن.
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپلا قەشقەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم، ماشىنا توقسۇندىن ئۆتكەن ۋاقتىدا ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ياتسام، بىرسىنىڭ ئوردۇچە قىلغان گىپىگە قۇلىقىم چۈشۈپ قالدى، قارامتۇل، ئىگىزرەك ھەم چىچىنى شارۇلخاندەك تارىۋالغان بىرسى كارۋاتتىن پەسكە چۈشكەچ كارۋاتتا ياتقان بىرىگە:
-ئاداش، ئالدى تەرەپتە ناھايىتى ئىككى ئوماق قىز ياتىدۇ، بىرىپ ئۇلارنى گەپكە سىلىپ قەشقەرگە بارغاندا كۆڭۈل ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئالىمىز دەپ قويۇپ كۆڭۈل خوشى قىلىپ كەتمەمدۇق؟
- ئەمسە بىرىپ سەن كەلتۈر، ھېلى ماشىنىدىن تاماققا چۈشكەندە قالغىنىغا ئۆزۈم بار.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ غەزەپتىن چېچىم تىك تۇردى دىسەممۇ بولىدۇ، ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ بېشى تەرەپتىكى < مەندىن ئىككى كارىۋات ئالدىدا> كارۋاتتا ياتقان قىزنىڭ يىنىغا بىرىپ ئىنگىلىزچە سۆزلەشكە باشلىدى:
-قىزچاق، ياخشىمۇسىز؟
-ياخشىمۇسىز؟
-سىزمۇ قەشقەرگە بارامسىز؟
-ھەئە.
-مەن بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلگەن ئىدىم، قايتاشىمدا يول ئارقىلىق قايتاي دەپ بۇ تەرەپكە قاراپ مېڭىشىم يېتىۋىرىپ زېرىكىپ قالدىم.
-ھە، سىز پاكىستانلىقمۇ؟
-ھەئە، ئىسمىم ئەھمەد، سىزنىڭچۇ؟
-مىنىڭ ئىسمىم پەرىدە.
-ھىلى تاماققا چۈشكەندە بىرگە ئولتۇرۇپ يىسەك قانداق؟
قىز كۈلۈمسىرىگەن پىتى ماقۇل بولدى، ئۇ پاكىستانلىقمۇ بىشنى لىڭشىتىپ قويۇپ ھېلىقى دوستى تەرەپكە كەلگەچ:
-ئاداش، ئىش پۈتتى، ھىلى تاماق يىگۈچە بىر نەرسە دىيىشىمىز ئەمسە.
-ئىككىمىكەن؟
-يەنە بىرنى ھىلى تارتىمىز، ئۇيغۇر قىزلىرى بىزنى كۆرسە ئۆزلىگىدىن چاپلىشىدۇ، ھىلى تاماقتىن كىيىنلا ئىشنى........ ھاھاھاھاھاھا.
ئۇ شۇنداق دىيىشىگە ئاپتۇبۇسنىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ گىلىدىنلا ئىلىپ ئۇرۇشۇپ كەتتىم، يولۇچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى بىلەن شوپۇرمۇ ماشىنىنى توختاتتى، مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى ئاپتۇبۇستىن سۆرەپ چۈشۈپ ئۇرۇپلا كەتتىم، ئۇنىڭ قول ياندۇرغىسى يوقمۇ ياكى ياندۇرالمىدىمۇ ئۇ تاياق يەپ جىملا تۇرغان ئىدى، باشقىلارنىڭ ئاجراتقىنىغا قارىماي قوللىرىم ئاغرىپ ھالىمدىن كەتكۈچە ئۇرىۋەردىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن قاننى كۆرۈپ قىزنىڭ ئىچى ئاغرىدى بولغاي،  قىز كىلىپ مىنى سىلكىشلەپلا كەتتى ۋە چالۋاقاپ تۇرۇپ:
- بىر ئىنساننى مۇشۇنداق ئۇرامدۇ؟ بىكاردىن بىكار نىمىگە ئۇرىسىز بۇ بالىنى.
ئاچچىقتا كۆزلىرىم قىزارغان چىرايلىرىم كۆكەرگەن ھالدا، ئۇ قىزنىڭ كاچىتىغا بىرنى ئۇرۇپ يىقىتىۋىتىپ كاكىراشقا باشلىدىم:
-ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ خىنىم؟ ھە؟ ياخشى ئاڭلاڭ ئەمسە، ئۇ بايا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلگەندە سىزنى بىر جا،،،،، ئوخشاتتى، ھەم ئۇيغۇر قىزلىرىنى چۈشۈردى، تېخى سىلەرنى ئالىمىز دەپ قويۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپ سىلەرنى مۇشۇ يېشىڭلاردا ئانا قىلىپ قويۇپ بۇ يەردىن كەتمەكچىمۇ بولۇشتى، مۇشۇ پىلاننى تۈزۈپلا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەلسە سىزمۇ ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپلا تۇردىڭىز، ئۇيغۇر چىقمامدۇ سىزگە، بىر كېچە مۇشۇلار بىلەن بىرگە بولۇش بەدىلىگە ھاياتىڭلارنى نابۇت قىلىپ ئاندىن يەنە بىزنى ۋىژدانسىز دەيسىلەر، ئەگەر مۇشۇ پاسكىنا خۇمسى ئۆز يۇرتىدا بىرەر قىزغا سىزگە گەپ قىلغاندەك گەپ قىلالىسا چوڭ گەپ، تېخى مىنى سىلكىشلەمسىز؟ شەخسى مەنپەت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قىزلىرىمىز ئۈچۈن قىلىنغان جەڭدە بىز قىزلىرىمىز تەرىپىدىن مۇشۇنداق ھۇجۇمغا ئۇچرىساق بىز خۇمسى بولماي نېمە قىلىمىز ھە!!!!
    ئاچچىقىمدا يەرگە قاراپ تۇرغان قىزنى يەنە بىر شاپىلاق ئۇرۇپ قويدۇم، بۇنى كۆرگەن شوپۇر دەرھال يىنىمغا كىلىپ مىنى تارتىپ ماشىنىغا ئىلىپ چىقتى ۋە باشقا يولۇچىلارنىمۇ ماشىنىغا چىقىشقا بۇيرۇپ ھەممەيلەننى يىغدى ۋە ھېلىقى ئىككى پاكىستانلىقنى ماشىنىنىڭ ئەڭ كەينى تەرىپىگە ئاپىرىپ قويۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ ماڭدى، ماشىنا ئۇزۇن ماڭمايلا مەن ئىككى شاپىلاق سىلىۋەتكەن ھېلىقى قىز يىنىمغا يۈزىنى تۇتقان پىتى كىلىپ:
- مىنى يەنە ئىككىنى ئۇرسىڭىز قانداق؟ بۇ كاچات مىنى خىلى بەك سەگىتىپ قويدى، بىزنىڭ مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يىگىتى مۇشۇ پاكىستانلىقلار ، سىز دىگەندەك ئىشلارنى مەن تولا ئاڭلىغان بولساممۇ بىراق يەنە ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
ئازراق خىجىل بولدۇم، نىمىشقىمۇ بىر ئاجىز قىزنى بۇنچە ئۇرغاندىمەن دىدىم بىچارىنىڭ يۈزىدىكى قولۇمنىڭ ئىزىغا قاراپ، ئاجايىپ قىزىرىپتۇ. ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ پىتىنالماي:
- كەچۈرسىز، بايا ئىتتىكلىك قىلىپ سالدىم، ئەسلى توغرا چۈشەندۈرسەم بولاتتى.
ئۇنىڭ بىلەن بىر ھازا ئۆزرە قىلىشقاندىن كېيىن ئۇ قىز كارۋىتىغا قايتىپ قالدى، باشقا يولوچىلار يولدا كەلگۈچە ھېلىقى ئىككى مەينەتنى توختىماي تىللاپ كەلدى. ماشىنا قەشقەردىكى بىكەتكە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشۈپ دۇنياغا ئەڭ داڭلىق بولغان جايلارنىڭ بىرى قەشقەر ھىيىتگاھ جامەسى ئەتراپىدىكى بىر ياتاقتىن ئورۇن ئالدىم سومكامنى قۇيۇپ يۇينۇپ تارىنىپ خام بازىرىدىكى كەچلىك ئاتاملار بازىرىنىڭ قىززىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىپ كەتتىم، قايناق بازار ئىچىگە كىرىپ قۇلاقنى يارغۇدەك بىر چاڭ ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم:
-گۆش يەيلا 30 كوي!! مەنە مە ئەنجۈر بىژ كويغا 3!!! قۇم تاۋۇز يەيلى!! تۈگەپ كەتسە قالمايدۇ!!!!!!!!!!!!!
بۇنداق بازارنى ھاياتىمدا تۇنجى كۆرىشىم بولغاچقا بازار تۈگەپ كىشىلەر قايتقۇچە بولغان ئارلىقتا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن يەپ بازار ئايلىنىپ يۈردۈم. ئەتىسى جۈمە بولۇپ قالغاچقا ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇپلا يىڭى بازارنى ئايلىنىپ كىلىپ، جۈمە نامىزى ئۈچۈن ھېيتگاھ مەسچىدىگە ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەلدىم، ھەرخىل-ھەرياڭزا كىشىلەر باي بولسۇن، نامرات بولسۇن ياكى قىرى بولسۇن، ياش بولسۇن ھەممىسى ياراتقۇچىغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر چىرايلىق سەپ تىزىشىپ تەبلىغ ئاڭلاپ ئولتۇراتتى، نامازدىن كىيىن قەشقەرنىڭ ساھايەت مەنزىرىسى بولغان شەرقى كۆل باغچىسىغا يىتىپ كىلىپ ئايلىنىشنى باشلىۋەتتىم، بىراق چىملىقتىكى پىۋا پوتۇلكىسى، زاڭپىزا خالتىسى ياكى قۇيۇق ئۆسكەن چىملىقنىڭ ئارىسىغا كىرىۋىلىپ يالىشىۋاتقان قىز-ئوغۇللار كۆڭلۈمنى سەل غەش قىلىپ قويدى. ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ خۇۋەنجىياڭ دەپ ئاتايدىغان بىر چوڭ تىپتىكى سودا بازىرى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم، بۇ بازاردىكى ئۇششاق-چۈشەك ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ بازارنى قىزىۋىتىپ بولۇپ سىرىتقا چىقىپلا چىراقلىرى پارقىراپ تۇرغان (خانتاجى ناخشا-ئۇسۇل كۇلۇبى) دىگەن ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئايلىنىپ بىقىش ئۈچۈن قەدەم باستىم، ئىككىنچى قەۋەتكە چىققانسىرى ناخشا ئاۋازى شۇنچە چىڭ چىقىۋاتاتتى، مەن ئۇ يەرگە كىرەي دەپ بولغىچە ناخشىمۇ توختاپ قالدى، ھەممە يەر جىمجىت، باشقىلار بولسا قاراڭغۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئىچىملىك ئىچىشىۋاتقان ئىدى، مەن باشقىنى ئويلىمايلا بۇ يەرنى پاكىستاندىكىدەك كىچىك تىپتىكى ئويۇن قويۇش زالى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يان تەرپتىن ئورۇن ئىلىپ ئولتۇردۇم، توساتتىنلا يەرنى تىترەتكۈدەك ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم:
-ھە،،،، 14-ئۈستەلدە ئولتۇرغان دوسلىرىمىز ئارىسىدا ئائىشەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ دوستلىرى ئۇنىڭغا ھىندىچە ناخشە تەلەپ قىپتۇ! ھوزۇرلانغايسىلەر.
    ناخشا باشلىنىشىغا مەيدانغا ئات-ئىشەكتەك توپلانغان قىز ئوغۇللارنى كۆرۈپ ھۇشۇمدىن كىتەيلا دىدىم، ناخشىغا كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن تەڭكەش قىلىپ تولغىنىۋاتقان قىزلارنىڭ ساغرىسى، ئوغۇللارنىڭ ساراڭلاردەك سەكرەشلىرى ۋە بىشىنى چايقاشلىرى، كىم نېمە قىلۋاتىدۇ؟ كىم نېمە قىلمايۋاتىدۇ؟ بىلگىلى بولمايدىغان بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ھالىغا قاراپ ئەپسۇسلاندىم، بىراق ئىچىم ئاغرىمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئەمەس، ئۆز ئىززىتىنى ساقلىغانلارمۇ ھەم مۇشۇنداق يىرىم يالىڭاچ كىيىملىك قىزلار بىلەن تەڭ تولغانغانلارمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىسى. بۇلارنىڭ قىلىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇزۇتۇش ناخشىسى دەپ بىر خەنزۇچە ناخشا قويۇلدى، ئارىغا قىزلار بىلەن ئوغۇللار قول بىلەن بەل تۇتۇشۇپ ئەمەس قۇچاقلىشىپلا تانسىغا چۈشۈپ كەتتى، ئارىدا قارىسام بىر يىگىتنىڭ قولى قىزنىڭ بىلىدە ئەمەس كاسسىسىدا تۇرىدۇ، قىزنىڭ قولى بولسا يىگىتنىڭ بوينىدا. ئۇ يەردىن بېشىمنى ساڭگىلاتقان پىتى قايتىپ چىقىپ خىياللارغا تولۇپ كەتتىم، قاياقلارغا ماڭغىنىمنى بىلمەي قالغاچقا ئاسانلا بىر كوچىغا كىرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇ كېچىدە ئىزىپ قاپتىمەن، يولنى تاپالماي يۈرسەم ئالدى تەرەپتىن موتىسىكىلىت مىنگەن بىر كىشى كېلىۋىدى، ئۇ كىشىگە ئىشارە قىلىپ توختىتىپ:
- ئاكا، مەن ھىيتگاھ تەرپكە بارماقچى ئىدىم، قايسى يول بىلەن چىقىمەن؟
- بۇ يەرلىك ئەمەسكەنلا ئۇكام ھە.
- ھەئە،
- دەپ بەسەم يانا تاپالماي قالىلا مىنسە موتوغا، ئۆزەملا ئاپىرىپ قوياي قەشقەر باللىرى بوزەك قىلمىسۇن يانا سىلنى.
ئۇ چاقچاق قىلىپ قويۇپلا مىنى ئىلىپ بىردەمدە ھىيتگاھقا ئاپىرىپ < ئاللاغا ئامانەت> دەپلا كېتىپ قالدى، بۇ كىشىنىڭ ياخشى كۆڭلىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپلا تاكسىدىن بىرنى دىيىشىپ قەشقەرنىڭ ئوپال يىزىسىدىكى مەھمۇد قەشقەرى مازارىغا قاراپ ماڭدىم، ئىككى سائەت ئەتراپىدا ماڭغاندىن كېيىن باغچىغا ئوخشايدىغان بىر يەرگە يىتىپ كەلدۇق، ئىشىكتىن كىرىشىمگە بىر كىشى يولۇمنى توسۇپ:
- ئۇكام، بېلەت ئىلىپ چىسىلە.
- بېلەت؟ نېمە بېلەت ئۇ؟
- ئىشىكتىن كىرىش بىلىتى.
ئۇ يان تەرەپتىكى بېلەت سىتىش ئورنىنى كۆرسەتتى، ئارتۇق گەپمۇ قىلماي 30 يۈەنگە بېلەتتىن بىرنى ئالدىم ھەم ئىچى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەننى يادىكارلىق بولغان ساياھەت رايۇنىنى پۇل تېپىش ئوبىكتى قىلىۋالغان بۇ كىشىلەر كۆزۈمگە شۇنداق سەت كۆرۈنۈپ كەتتى، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ تارىخىغا قىززىقىدىغان ياۋرۇپالىقلار كۆرسە ئىچىدە مەسخىرە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى پەس كۆرىدىغان ئەھۋال ئېنىقلا كۆرىنىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ قىلىقىدىن ئىچىمگە ئوت كەتتى، جىم بولۇپ ئىچى تەرەپكە قاراپ مىڭىپ قېتىق سىتىۋاتقان بىر ئاپاشتىن بىر پىيالە قېتىق ئىلىپ ئىچىپ بولۇپ پۇل بىرەي دەپ يىنىمغا قارىسام ئەللىك يۈئەنلىك پۇل قاپتۇ، ئۆزۈم خىجىل بولغان ھالدا پۇلنى سۇندۇم، ھەم يىنىمغا قارىمايلا قىلغان ئىشىمدىن كەچۈرۈم سورىدىم، ئۇ ئاپاش پۇلغا قارىۋىتىپ:
- بولدى قىلىڭە بالام، مەندىمۇ پارچىسى يوق، ھېلىغىچە بىرەرسىز بولمىسا مەيلى ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسى بۇ، سىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بالىسى.
بۇ ئاقكۆڭۈللۈك مىنى ناھايىتى سۆيۈندۈرۋەتتى ھەم تا مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىش خىيالى تۇغۇلمىغان بولسا بۇ خىيالنى مۇشۇ ئاپاشنىڭ گىپى رىئاللىققا ئايلاندۇردى< سىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ بالىسى> نىمىدىگەن ئېسىل گەپ ھە. يول بويىغا ئىسىلغان بەلگىلەر بويىچە قاراپ مىڭىپ مەھمۇد قەشقىرى تارىخغا ئائىت ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ چىقىپ ھاي-ھاي تىرەك دېگەن يەرگە كىلىپ قارىسام ساقاللىق بىر كىشى قىرائەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ، ئون نەچچە كىشى بىر دەرەخنى چەمبىرەك شەكلىدە قورشاپ تۆمۈردە ياسالغان بىر يەرگە كىرىپ جىم ئولتۇرۇپ قىرائەت ئاڭلاۋىتىپتۇ. مەنمۇ ئەگىشىپ كىرىپ ئاڭلاپ ئولتۇردۇم، قىرائەتتىن كېيىن ھەممە كىشى كىلىپ دەرەخنى سىلاپ باللىرىنى سۈركىگىلى تۇرۇپتۇ، مەن ھەيران بولغان ھالدا ھېلىقى ساقاللىق كىشىنىڭ يىنىغا بىرىپ:
- تاغا، بايا نىمە ئۈچۈن قىرائەت قىلدىڭىز؟
- مۇشۇ دەرەخ ئۈچۈن.
- سەۋەپ.
- بۇ دەرەخ بىر مۆجىزە.
- دەرەخكە ئاتاپ قىرائەت قىلغانمۇ سىز؟ بۇ دەرەخ قانداقسىگە مۆجىزە بولىدۇ؟
- مۆجىزە بولمىسا سىزمۇ قويۇپ بىقىڭە قولىڭىز بىلەن، مۇشۇنداق دەرەخ پەيدا قىلالامسىز؟
- ئۇنداق دىيىشكە توغرا كەلسە ماڭا ئاتاپ قىرائەت قىلىڭ ياكى ئالدىڭىزغا بىر قاچا سۈت ياكى تۇخۇم ياكى ھەسەلنى قويۇپ قىرائەت قىلىڭ، ھەربىر دەرەخ ياكى ھەر قانداق بىر مەۋجۇداد بولسۇن بىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن بولىدۇ.
- لىكىن بۇ دەرەخ باشقىغا ئوخشىمايدۇ.
- ئاۋۇ دەرەخچۇ؟< يان تەرەپتىكى باشقا دەرەخنى كۆرسۈتۈپ>
- ئۇ دىگەن كىچىك.
- بۇنداق ئاتالمىش قۇرۇق مۆجىزىلەرنىڭ بارلىقىنى سەپسەتە قىلىپ چىقىپ ئىسلامنى ئىسلاھ قىلمىساڭلار قانداق؟
ئۇ كىشى ئالدى تەرەپكە قاراپ غىڭشىپ ئولتۇردى، يان تەرەپتە بالىسىنى دەرەخكە سۈرتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىنىغا كىلىپ :
- ھەدە، بالىڭىزنى نىمە دەپ سۈرتىسىز، جاھالەتنىڭ ھۆۈمىدىن قۇتۇلمىغانلارنىڭ قىلىقىنى قىلىۋاتىسىز.
- ئۇكام بۇ دىگەن ئۆرىپ-ئادەت، سىز ئىشڭىزنى قىلىڭ كىچىك بولغاندىن كىيىن.
    تىخىچە مۇشۇ گۇمراھلىقتىن قۇتۇلالماي ياشاپ كىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە قاراپ ئىچىمدە ئاللاھقا ئاھ ئۇردۇم، ئۇ تەرەپتىن قايتىپ چۈشۈپ كىتىۋاتسام ئەسىر نامىزىغا ئەزان توۋلاندى-يۇ بىراق قۇلىقىمغا دۇتتار بىلەن ئىيتىلىۋاتقان ناخشىمۇ تەڭ كىردى، قارىسام مەسچىددىن سەل نىرىدا بىر توپ كىشىلەر ئالدىغا ھاراقنى تىزىۋالغان ھەم ناخشا توۋلاپ ئولتۇرغان، ئاچچىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بولساممۇ ئىچىمدە ئىمان ئىيتىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. پەسكە چۈشۈپ تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇ ئىزدەپ تاپالماي بىر قۇدۇق بىشىدا قۇدۇقنىڭ ساپ سۈيىنى پوتۇلكىغا قاچىلاپ سىتىۋاتقان ئىككى كىچىك بالىغا كۆزۈم چۈشتى ھەم ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىپ سۇدىن بىر پوتۇلكا ئىلىپ:
- ئۇكام، بۇ سۇدا تاھارەت ئالغىلى بولامدۇ؟
- ئەلۋەتتە ئاكا، سىز تاھارەت ئالماقچىمۇ؟
- ھەئە.
- ئەمسە پۇلىڭىزنى ئىلىڭ، تاھارەت ئىلىپ بولغاندا پوتۇلكىنى بەرسىڭىزلا بولدى، بىز ئەسلى مۇشۇ بوتۇلكىنى ساتىمىز، سۇ ئەمەس.
ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى، مەن تاھارەت ئىلىپ بولۇپلا بوتۇلكىنى ئاپىرىپ بىرىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارسام ئۇ بالىلار يوق ئىزدەشكە ۋاقىت يەتمىگەچكە نامازغا ماڭدىم، نامازدىن كىيىن ئىككى بالىغا دۇئا قىلىپ ھىلىقى ساقاللىق كىشىگە ھىدايەت تىلىدىم، نامازدىن كىيىن يەنە قۇدۇق بېشى تەرەپكە بارسام ھىلىقى ئىككى بالا يەنە پەيدا بوپتۇ، ئۇنىڭغا بوتۇلكىنى بىرىپ بولۇپ:
- بايا نەگە كەتكەن ئىدىڭ ئۇكام ، سىنى تاپالماي قالدىم.
- بايا بۇ يەرگە مۇشۇ يەرنىڭ ئامانلىق خادىمى كىلىپ بىزنى قوغلىۋەتتى ئۇ كەتكەندە بىز يەنە كىلىمىز شۇ.
- ئۇ نىمىشقا قوغلايدۇ سىلەرنى؟
- بىزنى بۇ يەرنى قالايمىقان قىلدىڭ دەپ شۇ، ئۇلارنىڭ قوغلىغىنىغا بىز كەتمەيمىز، كەتسەك قانداق جان باقىمىز.
كەسكىنلىك ھەم مەردانىلىق بىلەن ئىيتىلغان بۇ سۆزدىن خىلى ئۇزۇن بولغان بىر كەلگۈسىگە كۆزۈم يىتىپ بولدى، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەچ بولغاندا شەھەرگە قاراپ يول ئالدىم، ئەتىسى قەشقەردىكى خەلقارالىق بىكەت يىنىدىكى سودا بازىرىغا كىرىپ ئايلانماقچى بولۇپ چىقتىم، بۇ يەردىكى قايناق بازارلار كىشىنى ئۆزىگە رام قىلاتتى، بۇ بازاردىكى كىيىم-كىچەكلەر ئۇنچە ئىسىل بولمىسىمۇ لىكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە ئەپلىك ھەم ئەرزان ئىدى، بازارنى ئايلىنىپ كىتىۋاتسام كونا كىيىمنى كىيىۋالغان ياشقا چوڭراق بىر ئايال تىلەمچىلىك قىلغىلى تۇرۇپتۇ، ئالدىغا كىلىپ ئاتىغىنىمنى بىرىپ كەينىمگە ياندىم-يۇ پاكىستاندىكى ۋاقتىمدا بىر ئايالنىڭ كىچىك بالىنى كۆتۈرىۋىلىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىدا 10 رۇپىيە پۇلنى بەرگىن دەپ كەينىمگە بىر سائەت كىرىۋالغىنى، قارىماي تۇرىۋالسام بىلىكىمدىن نەچچە رەت تارتقىنى ئىسىمگە كىلىپ قالدى، ھەم مۇشۇ تىلەمچىلىكتە بولسىمۇ خىلى بىر ئىنساپلىق نۇمۇسچان غورۇرلۇق مىللەت ئىكەنلىكىمىزدىن خوشال بولدۇم. كەچكىچە بۇ ئەتراپنى ئايلىنىپ ئەسىر ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن بازاردىن سىرىتقا قايتىپ چىقىپ يىڭى بازار تەرەپكە قاراپ پىيادە ماڭدىم، يولدا كىتىۋاتقۇچە كارامەت ئىسىملارنى قويۇپ ئارقىسىغا قاۋاقخانىسى دىگەن قاۋاقخانىلانى كۆرۈپ قىززىقىش بىلەن ئىچىگە قاراپ يول ئالدىم، بىر قاۋاقخانىغا كىرىشىمگە بىر ئوغۇل بالا ئۇچراپ :
- بىژ ئەدەمما؟
- ھەئە.
    ئۇ مىنى بىر ئايرىمخانىغا باشلاپ قويۇپ چىقىپ كىتىپ قالدى، بۇ يەردە تىلىۋۇزۇردىن بىرسى قويۇلغان يوغان ياڭراتقۇدىن ئىككىسى ۋە بىر مىكروفۇن بار ئىدى، قاراڭغۇلۇق تولغان بۇ ئۆيدە بىردەم ئولتۇرسام ھىلىقى بالا بىر تىزىملىكنى ئەكىرىپ بىرىپ بىرەر نەرسە بۇيرۇتىشىمنى ساقلاپ تۇردى، مەن ئۇنىڭغا كۆرۈپ بولۇپ چاقىراي دەپ چىقىرىۋەتتىم، قارىسام تىزىملىكتە نۇرغۇن ئىچىملىكلەرنىڭ تىزىملىكى بار، مەن بىر نەچچە قۇتا سوغۇق ئىچىملىك بىلەن ئۇششاق يىمەكلىك بۇيرۇتۇش ئۈچۈن ئۇ بالىنى چاقىردىم ئۇ بالا كىرىپ:
- نىمە ئەكىلەي؟
- ماڭا قىزىل كالا ئىچىملىكىدىن بىرنى، كۆك چايدىن بىرنى ۋە بىر تەخسە بادام ئەكىلىپ بەرگىن.
- پىۋا ياكى ھاراقچۇ؟
- مەن ئۇنى ئىچمەيمەن.
- بۇ ئۆينىڭ سائەتلىكى 25 كوي.
- قانچە ئالساڭ شۇنچە بىرەي ئاۋال مەن دىگەن نەرسىلەرنى ئەكىرگىن.
ئۇ بىرئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇ نەرسىلەرنى ئىلىپ كىردى ھەم ناخشا قويۇپ بىرىپلا ئارقىسىغا بۇرۇلدى مەن ئۇنى چاقىرىپ:
- بايا تىزىملىكنى كۆرسەم نۇرغۇن ھاراقلارنىڭ تىزىملىكى بار ئىكەن، ئامال بولسا مەن شۇ ھاراقلارنى كۆرۈپ باقسام قانداق دەيسەن؟
- ئىچسىڭىز ئەكىرىپ بىرەي.
- ئىچمەيمەن، پۇل دىسەڭ بىرەي بىراق كۆرۈپ باققۇم بار.
- ئەمسە مەن باشلىققا دەپ باقاي.
ئۇ چىقىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي كىرىپ مىنى باشلاپ يەنە مۇلازىمەت ئورنىغا ئىلىپ چىقتى، قارىسام تام ئىشكاپىغا مىراس بويۇملىرىدەك تىزىلغان ھاراقلارنى كۆرۈپ ھەممىنى بىردىن سوراپ چىقتىم، ئۇ بالىمۇ تەمتىرىمەي جاۋاپ بىرىپ تۇردى، قارىسام ئارىسىدا < مۇقام> دىگەن بىر ھاراققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. مەن ئۇ پوتۇلكىنى ئىلىپ يەنە سوراقنى باشلىۋەتتىم:
- بۇ قانداق ھاراق؟
- بۇ بازارغا يىڭىدىن كەلتۈرۈلگەن ھەم قوللاشقىمۇ ئىرىشكەن مۇكاپاتلىق ھاراق.
- نىمە مۇكاپات چىقىدۇ؟
- بەش يۈۋەندىن تارتىپ مىڭ يۈۋەنگىچە مۇكاپات چىقىدۇ.
- نىمىشقا مۇقامنى قوللانغاندۇ بۇنىڭغا؟
- بىلمەيمەن.
يەنە بىر پوتۇلكا ھاراقنى قولۇمغا ئىلىپ قارىسام ئۈستىگە چاپلانغا قەغەزدە < گۇچۇڭ ھارىقى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھارىقى> دىگەن خەت تىخىمۇ ئىچىمنى ئىچىشتۇردى، مەن ھاراقنى جايىدا قويۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا پۇلنى بىرىپلا چىقىپ كەتتىم، يولدا ماڭغۇچە نۇرغۇن خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى. مۇقام ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتقان بىر مەدىنىي مىراس ئىدىغۇ، ئەمدى نىمە بولۇپ ھاراقنىڭ ماركىسى بوپ قالدى؟ ئاۋۇ گۇچۇڭ دىگىنىچۇ تىخى شىنجاڭلىقلارنىڭ ھارىقىمىش! قاچاندىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھاراقشۇناس بوپ قالدى؟
مۇشۇ خىياللار ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويغاچقا ئۇيغۇر دىگەن ماركا ھوقوقىنى سىتىۋىلىشقا بولسا شۇنى ھازىرلا ئىلىۋىلىش قارارىغا كەلدىم. ئالدى تەرەپكە ئازراق مىڭىپ قارىسام <قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستوتى> دىگەن مەكتەپ ۋىۋىسكىسى ئىسىلغان بىر ئىشىككە كىلىپ، ئىچى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. ئارىدا سويىۋەتكەن پىيازدەك پارقىرايدىغان پادىچى ئىشتىنىنىڭ تىزىنى يىرتىۋالغان بىر بالا غىڭشىغان پىتى بىر ناخشىنى ئىيتىپ ماڭدى:
سىپەن شۆيەن تىرەكلىك جىنىم جومباق،
كىرەمباققا يۆلەكلىك جىنىم جومباق.
قىلتاقچىنىڭ دەدىدە جىنىم جومباق...........
سۆيەلمەيمىز يۈرەكلىك جىنىم جومباق.
    بۇنى ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈلۈپ تاشلىغىلى تاسلا قالدىم-يۇ كۈلكەمنى ئىچىمگە يۈتتۈم، بۇ بالىنىڭ مىڭىشىغا قاراپ تۇرۇپ سەل غەلىتە ھىس قىلدىم، خۇددى ھىندىستاندىكى مودا خنىملاردەك بەللىرى بىلەن يان پىشى بىر-بىرىگە ماس كەلگەن ھالدا تولغىنىپ تۇراتتى، ئىچىمدە توۋا دىدىم ھەم يولۇمغا راۋان بولدۇم.  يىڭى بازارنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئەتىسى قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسى يەنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ روناق تاپقان زىمىنىغا قاراپ ئاتلاندىم، ئەتىسى قەشقەردىن يەكەنگە بارىدىغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتىم، نەچچە سائەتتىن كىيىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ بىكىتىدە ماشىنىدىن چۈشۈپلا يىقىن ئەتراپتىكى ياتاقتىن بىرنى ئىلىپ سومكامنى تاشلاپلا داڭلىق بولغان ئاشخانىلارنىڭ بىرى ئانا دەريا تاماقخانىسىغا قاراپ يول ئالدىم ئاشخانىغا كىرىپ تىزىملىككە قاراپ يەكەننىڭ ئالاھىدە تائاملىرىدىن بىرى بولغان چامغۇر لەغمەن بىلەن ئانا دەريا كاۋاپلىرىدىن بۇيرۇپ ئىشتاھا بىلەن يەۋىتىپ سىرىتقا ئاتلاندىم، كەچقۇرۇن سائەت 9 لار ئەتراپى بولغاچقا يولدا ئادەممۇ كۆپ ئەمەس ساناقلىقلا ئادەملەر بار ئىدى، بۇ ساناقلىق كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يولدا مەس بولۇپ يىتىپ قالغانلار بولسا، يەنە بەزىسى بىر مەس ئوغۇلنى يۆلەپ مىڭىۋاتقان قىزلار ئىدى، پەرىزىمچە ئەڭ چوڭى 25 ياش كىچىكى 18 ياشقۇ بۇلارنىڭ، خىلى ئۇزۇن ئايلانغاندىن كىيىن يول بويىدىكى بىر توخۇ قورىمىسى تاماقخانىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قىلىپ تەم تىتىش ئۈچۈن ئىچىگە قاراپ ماڭدىم، كىرىشىمگە شىن-كاستىيۇمنى قاتۇرۇپ كىيگەن ھەم ئازراق ساقال قويىۋالغان بىر كىشى مەيدىسىگە قولىنى ئىلىپ تۇرۇپ سالام قىلدى:
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
- يالغۇز ئوخشىمامسىز ئۇكام؟
- ھەئە.
- قارىسام تۇرقىڭىزدىن خىلى مەردتەك كۆرىنىسىز، سىزنى ئۆزۈم ئالاھىدە مىھمان سۈپىتىدە بىر كۈتەي، قىنى مەن بىلەن مىڭىڭ.
ئۇ مىنى ساپا قويۇلغان بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ بىر پىيالە چاينى تۇتقاندىن كىيىن:
- پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي خەجلىيەلىسىڭىز بۈگۈن سىز پۇخادىن چىققۇدەك مىھمان قىلىپ قوياي.
- قىنى قانچە ھەم قانداق مىھمان قىلىسىز؟
- بۇ ئۆيگە كام بولغاندا 200 يۈۋەنلىك تاماق بۇيرىسىز، ھاراق-شاراپ، قىز-پىز،دۇتتار-تەمبۇر،ئۇسۇل-پۇسۇل دىگەندەك ھەممە نەرسە بار.
بۇ كىشىنىڭ گىپىگە بىرنى كۈلىۋىتىپ يانچۇقتىن 2000 يۈۋەننى چىقىرىپلا ئۈستەلدە قويدۇم:
- مانا بۇ پۇل، يەتمىسە يەنە بار.
- يەتمەمدىغان، قىنى بۈگۈن ياشاڭ ئەركەك.
ئۇ چىقىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چوڭى 23 ياش كىچىكى 17 ياشلىق تۆت قىزنى باشلاپ كىردى ئۇ قىزلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرغاندىن كىيىن قىزلار ئۈچۈن دەپ نەچچە پوتۇلكا پىۋا كەلتۈردى، مەنمۇ ھەممە ئىشلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەندىن كىيىن باشقا ئىشلارنى ئويلاپمۇ قويماي خاتىرجەم ھالدا ئۇلارغا تەڭلا سىڭىپ كىردىم، ئۇلار بىرىنجى قەدەھنى سوقۇشتۇرۇشنى باشلىۋەتتى مەن ئاۋال ئەسكەرتىش بىرىپ ئىچمەيدىغانلىقىمنى ھەم زورلىماسلىقىنى ئىيتىپ تاماشا كۆرۈپ ئولتادىم، ئۇ كىشى بىر رومكىدىن سوقۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چىقىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈستەل لىق تولغۇدەك قورىمىلارنى ئىلىپ كىردى ھەم گىلىنى قىقىۋىتىپ:
- قىنى ئەمسە قىزلىرىمىز! مەن دۇتتارغا قول سوزاي ھەر قايسىلىرى ئۇسۇلغا چۈشكەچ ئۈمۈدجاننىڭ كۆڭلىنى بىر ئۇتۇپ بىقىشسىلا!
بىر چاڭ ماز كۈلكە كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن خوجايىن دۇتتار چىلىشنى باشلىۋەتتى قىزلار بولسا بۆرىدىن ئۈركىگەن كالىدەك سەكرەپلا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، ناخشا ئارلىقىدا ناخشا تىكىستىغا ئەگىشىپ دۇتتارنىڭ مۇزىكىسىمۇ ئۆزگىرىپ خۇددى ھىندىستاننىڭ مۇزىكىلىرىدەك سىزىم بىرىپ قويدى ئۇنىڭدىن ئۆتە ھىلىقى جاپى دىگەن ئۇيغۇرچىمۇ ياكى ھىندىچىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىرنىمىنى ناخشا دەپ ئاجايىپ بىر كاكىراپ ئىيتىپ كەتتى، قىزلارنىڭ تولغىنىشىنى كۆرۈپ ئاجايىپ بولۇپ قالدىم، ئارىدىن خىلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ ئۈستەل قۇرۇقدىلىنىپ ھەممىسىگە ھاردۇق يەتتى بولغاي بىردەم جىم بولۇشتۇق بىردەمدىن كىيىن قىزلارغا تىلىفۇن كىلىشكە باشلىدى ھەممىسىنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان جاۋابى < ھازىرلا بارىمەن> ئىدى قىزلارنىڭ تىلىفۇنى توختىماي تۇرۇپلا خوجايىن ساقىلىنى سىلىغان پىتى:
- ئۈكەم، گەپنى ھازېرلە ئايرتمايمىزما؟
- چۇشەنمىدىم.
- قىزلاردىن قايسى قالىدۇ قايسى كىتىدۇ؟
- ئوچۇق دىمەمسىز؟
- كەچتە ياتاقتا يالغۇز ياتمايلا ھەقەچان.
ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ بىشىمنى قاشلىۋەتكەندىن كىيىن:
- ھەممىسى قىپ قالسۇن، ھەممىنى ئەكىتىمەن.
ئارىدا قىزلارنىڭ ئىككىسى بارالمايمىز دەپ ئۇنىماي كىتىپ قىلىشتى يەنە ئىككىسى بولسا مەن بىلەن بىرگە ياتاققا قايتىپ كەلدى، ياتاققا كىرىپ ھىرىقچىلىقتا كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم بىر مىنۇت سوزىلىپ ھادۇقۇمنى چىقارغاندىن كىيىن قىزلارغا قاراپ:
- ھە! نىمە ئىش قىلىمىز ئەمدى؟
- بىزنى بۇ يەرگە تامغا قارىتىپ قويغىلى ئەكىرمىگەن بولغىيتىڭىز.
- ئۇنداققۇ ئەمەس، ئاۋال ئۆزۈمنى بىر تونۇشتۇراي ھە، ئىسمىم ئۈمۈد مەن ئۈرۈمچىدىن بۇ قىتىم مەخسۇس ئوينىغىلى كەلدىم.
ئارىدىن ئورۇق ھەم ئىگىز كەلگەن بىر قىز:
- مىنىڭ ئىسمىم رەيھان، ئۇنىڭ ئىسمى ئايگۈل بىز سىزدەك سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەر جاھان كىزىپ ئويناشقا كەلگەندە ھەمرا بولۇشقا يارالغان.
- بۇ نىمە گەپ ئەمدى، ئۇنداق دىسىڭىز گۇناھ بولىدۇ جۇمۇ.
- گۇناھ! نىمە گۇناھ ئىكەن ئۇ؟
- بولدى قىلىڭە، گەپنى ئوچۇقلا ئىيتاي، مەن ئۇنداق قالايمىقان ئىشلارغا قىززىقمايمەن بۇ يەردە تونۇشلىرىم بولمىغاچقا سىلەر بىلەن پاراڭ قىلاي دەپ ئىلىپ كەلدىم.
- ئەمسە ئىشتانغا خاتىرجەم بولساقمۇ بولىدىكەندە، ھاھاھاھاھاھا.
- مەنمۇ قالايمىقان ئىش قىلمىغاندىن كىيىن تۈزلا ئولتۇرۇڭلار، ئاۋال نوقتىلىق بىر گەپنى سوراپ باقاي ، سىلەر تىنىڭلارنى ساتامسىلەر؟
- ھەئە.
ئەيمەنمەي ئىيتىلغان بۇ گەپتىن ئۆزۈم بىر خىل بولۇپ قىلىپ ئۇلارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن پاراڭغا چۈشتۈم:
- بۇنداق قىلغۇچە بىرەرسىگە ئىككىنجى خوتۇن بولساڭلار ياخشى ئەمەسمۇ ياكى بولمىسا مەن بىلەن كىتىڭلار ئۈرۈمچىدىن ئىش تىپىپ بىرەي قىلساڭلار قانداق؟
- ھاھاھاھا، كىم ئالىدۇ بىزنى، ئەمسە سىز ئالامسىز؟ سىز نىمە دىسىڭىز شۇنى قىلايلى ئالالامسىز زادى؟
- ماڭا ئىغىر توختاپ قالىدۇ.
- ئۇنداق بولغاندىن كىيىن كۆڭلىڭىزنى خوش قىلىپلا بىزنى كەتكۈزۋەتسىڭىز بولمىدىمۇ؟
- ئازراق خىجىل بولمامسىلەر؟
- پاھ،،، ماۋۇ گەپنىڭ ئىسىللىقىنى، قاراڭ ئۇكام سىزدەك ياخشى نىيەتلىك ئوغۇللار كۈندە دىگۈدەك بىزگە نەسىھەت قىلىپ تۇرىدۇ سىزلەرگە ئەگىشىپ ماڭساق ئالتە كۈندە يەنە بىزنى ئاچ-يالىڭاچ پىتى تاشلايسىلەر ئاندىن كىيىن بىز يەنە ئىش ئورنى تاپالماي نەدە يۈرىمىز.
- دىگىنىڭىز توغرا، ئەمسە سىلەر بۇرۇندىنلا مۇشۇ يولنى ئۆزۈڭلار خالاپ مىڭىپسىلەردە، سىلەرگە دادا بولغۇچى نىمە ئازاپلارنى تارتىۋاتقاندۇ ھازىر ھە.
- دادا!!! - كۆزلىرى چەكچەيگەن پىتى.
- ھەئە.
- بىزمۇ شۇنداق ئاجىز قىز ئىدۇق، ئوغۇللارغا، دادىلارغا مۇھتاج قىز ئىدۇق بىراق شۇ دادىلار بىلەن ئوغۇللار بىزنى مۇشۇ يولغا سۆرەپ كىردى.
- قانداق؟
- تارىخ ئاڭلامسىز؟
-ھەئە، چۈنكى مەنمۇ بىر ئەر ھەم دادا بولىدىغان ئادەم شۇڭا ھەممە نەرسىنى بىلۋالسام كىيىن مەنمۇ قىزلىرىمنىڭ مۇشۇنداق يولغا مىڭىپ قىلىشىدىن ساقلىنالايمەن.
- ئاڭلاڭ يىگىت! مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدا دادام تۈگەپ كىتىپ ئىككى يىلدىن كىيىن ئانام باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى مىنىڭ ئۆگەي دادامنىڭ يەنە بىر ئوغلى بار ئىدى دىمەك مىنىڭ ئۆگەي ئاكام دىسەممۇ بولىدۇ مەن بۇ ئائىلىدە 7 يىل ياشىدىم مەن 15 ياشقا كىرگەندە ئانام قاتناش ۋەقەدىسە قازا قىلدى مىنىڭ ئانامدىن باشقا ھىچ قانداق ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بولمىغاچقا ئۆگەي دادامنىڭ يىنىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم ئانام ئۆلۈپ كىتىپ ئالتە ئايدىن كىيىن بىر كىچە دادام قايتىپ كەلمىدى ئۇ كۈنى ئاكام مەن ئۇخلاۋاتقاندا يىنىمغا كىرىپ ماڭا قول سوزدى، مەن كىچىكلىكتە ھىچ قانداق ئىشنى بىلمەي ئۇنى ماڭا كۆيۈنۈپ يالغۇز قورقۇپ قالمىسۇن دەپ كىرگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن بىراق كىيىملىرىمنى يىشىشتۈرۈشكە باشلىغاندىن كىيىن مەن قاچماقچى بولدۇم بىراق تۇتۇلۇپ قالدىم، جىنىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم بىراق مىڭەم تەرەپكە قاتتىق تەككەن مۇشنىڭ دەستىدىن ھۇشۇمدىن كەتتىم، سەھەردە قارىسام ياتقان يىرىم قان ، قورقۇپ كىتىپ ئاخشام ئاكامنىڭ قىلغانلىرىنى دادامغا دىدىم دادام ئۇيان-بۇيانغا قارىۋەتكەندىن كىيىن:
- بۇ گەپنى ئەمدى ئىغزىڭدىن چىقارغۇچى بولساڭ سىنى ھەيدەپ چىقىرىمەن!!!
دەپ ھەيۋە قىلدى، مەن ئىغىزمۇ ئاچالمىدىم شۇ كۈندىن باشلاپ ئاكام ھە دىسىلا ماڭا قارا قولىنى سوزىدىغان بولىۋالدى، ئاكامنىڭ بۇنداق قىلىۋىرىشى ماڭا بىر خىل ئىغىر كەلدى ھەم ماڭا ئىپپەت دىگەن نەرسىنى مەندىن مەڭگۈلۈك يوقالغان ۋاقتىدا ئىنىق بۈلدۈردى، خىلى مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى چۈشتە دادام مەس ھالدا كىرىپ ئۇمۇ مىنى كارۋاتقا بىسىپلا چۈشتى ئىشىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ھىچ ئىش بولمىغاندەك چىقىپ كەتتى ئىككى يىل ئۇلار مىنى شۇنداق قىلىپ يۈردى ئىككى يىلدىن كىيىن قورسىقىم يوغىناپ قالدى، بۇنى كۆرگەن دادام ئاچچىقلاپ:
- نەدىدىن تاپتىڭ بۇ ھاراملىقنى! قەيەردىن تاپقان بولساڭ شۇ يەرگە يوقات!
شۇ كۈنى ئۇ مىنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى، مەن سەرسانە بولۇپ يۈردۈم دەردىمنى ھىچ كىشىگە ئىيتالمىدىم ئاخىرى دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتتۈم، دوختۇرغا بالىنى ئالدۇرۋىتىش خىيالىمنى ئىيتسام دوختۇر بۇنىڭغا 3000 يۈۋەن كىتىدىغانلىقى دىدى، مەندە ئۇنچە پۇل نىمە قىلسۇن، ئامال يوق سىرىتقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىشقا باشلىدىم تىلەمچىلىك كۈنلىرىم داۋاملىشىۋاتقان نەچچىنجى كۈنى ئوتتىرا ياش بىر كىشىنىڭ ئالدىغا باردىم ئۇ كىشى ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
- قىزچاق، سىزگە 1000 يۈۋەن بىرەي بۈگۈن ماڭا خوتۇن بولۇڭ.
مەن باشقا ئىشلارغا چىداپ بولالمىغاچقا ئامال يوق ئۇ كىشى بىلەن بىرگە بولدۇم ئۇ كىشى ماڭا پۇلنى بەردى مەن تىلەمچىلىكتىن ۋاز كىچىپ تىنىمنى سىتىپ يۈرۈپ پۇل تىپىپ بالىنى ئالدۇرۋەتتىم، ئاندىن ھالال ياشىماقچى بولۇپ ئاشخانىدا ئىشلىدىم بىراق ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يۇقرىسى خوجايىن كىچىكى تاڭجاڭغىچە ماڭا قول سوزۇش ئۈچۈنلا ئولتۇردى، ئۇ يەردىنمۇ چىقىپ كەتتىم، بىرەر يەردە ئىشلەي دىسەم مەن ئوقىمىغان شۇڭا قارا ئىش بىلەن تەن سېتىشقىلا يارايدىكەنمەن، قانداق يەرگە بارسام باشقىلار شۇ ئىشقا قىستىغاچقا مەنمۇ باشقا يولنى تاللىماي مۇشۇ ئىشنى قىلىپ ياشاپ بىقىش يولىنى تاللىدىم. قانداق؟ ھاياتىم قىززىقمىكەن؟ كىملەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەربىيەسى ئىكەن؟
- ھىم،،،، ياخشى ھىكايە ئىكەن بۇ، ئەمسە سىزچۇ ئايگۈل؟
- مەن ئۇ ئىشلارنى ئويلىسام خىجىل بولىمەن، دىمىسەم قانداق؟
- دەپ بىرىگە. - ئەركىلەپ تۇرۇپ.
- ئەركىلەشلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي ، بوپتۇ ئاڭلىسىڭىز ئاڭلاڭ- مەن قەشقەرنىڭ مارالبىشى ناھىيەسىدىن بولىمەن، مەنمۇ 18 ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك كىيىم تىكىش دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلەيتىم، ئائىلىمىز دېھقان ئائىلىسى بولغاچقا تۇرمۇشىمىزمۇ باياشات ئەمەس ئىدى. بىزنىڭ دۇككانغا مەندىن ئىككى-ئۈچ ياش ئەتراپىدا چوڭ بولغان گۈلمىرە ئىسىملىك بىر قىز كىرىپ چىقىپ تۇراتتى، بۇ قىزنى ھەر قىتىمدا ئوخشاش بولمىغان ئىسىل ماشىنىلار ئەكىلىپ قوياتتى، كىيىنىشلىرىمۇ ئىسىل ئىدى بۇ قىز دۇككانغا كىرىپ چىقىپ يۈرگەچكە ئۇ قىز بىلەن تونىشىۋالدىم. ئۇ قىزنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئىلىۋىلىپ بىكار بولساملا كۆرۈشۈپ تۇردۇم، كىيىن .ئۇ قىزنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن دۇككاندىن چىقىپ كىتىپ بارا-بارا ئۇ قىز بىلەن بىللە يۈرىدىغان بولدۇق، ئۇ قىز ماڭا نەچچە قۇر مودا كىيىمنى ئىلىپ بەردى ھەم ئۆزى ساقلىدى بىز ئوينىغىلى بارماقچى بولساق شۇ كىيىملەرنى كىيىپلا چىقاتتىم بولمىسا ئۆزۈمنىڭ كىيمىنى كىيىپ ئۆيدە جىم ئولتۇراتتىم يەنە كىلىپ بىز بارىدىغان يەرلەردە چوقۇم ئوغۇللار بار ئىدى بولغاندىمۇ باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن پۇلدارلار ئىدى، نەچچە قېتىم قەشقەرگە بىرىپ دىبالاردىمۇ ئويناپ كەلدۇق، شۇنداق يۈرۈپ مەن ئۈرۈمچىلىك ئابلىكىم دەيدىغان بىر بالا بىلەن يېقىن بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى ئۆيدىكىلەرگىمۇ دىمەيلا ئۈرۈمچىگە گۈلمىرە ۋە بىر نەچچە ئوغۇل باللار بىلەن بىرگە كەتتىم، يەتتە كۈندىن كېيىن قايتىپ كەلسەم ئۆيدىكىلەر مىنى قاتتىق ئۇرۇۋەتتى ھەم نەگە بارغانلىقىمنى سوراپ تۇرىۋالدى، ئەگەر دىسەملا ئۇ كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھىچ نەرسە دىمىدىم. ئۆيدىكىلەر مىنى ئون كۈن ئۆيدىن سىرىتقا چىقارماي سولاپ قويغاندىن كېيىن چىدىيالماي ئاخىرى تامدىن ئارتىلىپ قىچىپ چىقتىم ھەم ئابلىكىمگە تېلېفون قىلىپ مىنى ئىلىپ كىتىشنى ئېيتتىم، ئۇ ئىككى كۈندە بارىدىغانلىقىنى ئىيتىۋىدى مەن شۇ ھامانلا قەشقەرنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىدىكى بىر ياتاققا چۈشۈپ ئابلىكىمنى ساقلىدىم، ئۇ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مىنى ئىلىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر ئايدەك خاتىرجەم ئويناپ يۈردۈم بىر ئايدىن كىيىن ئابلىكىم سىز بىلەن توي قىلىمەن دەپ قويۇپ مىنىڭ ئىپپىتىمگە چىقىلدى نەچچە ئاي مۇشۇنداق ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ مىنى تاشلىۋەتتى، ئۇنداق ئويۇنغا كۆنگەن قىز بولغاندىن كىيىن باشقىنى ئويلىماي ئۈرۈمچىنىڭ دىبالىرىدا ۋە مەييوۋبالاردا يۈرۈپ باشقا ئوغۇللار بىلەنمۇ تونۇشتۇم تۆت ئاي ئىچىدە بىللە بولمىغان ئادىمىم قالمىدى ھەممىسى مىنى تونۇپ كەتتى، كېيىن بۇنداق قىلىپ ياشاشقا كۆز يەتمەي ئۆيگە قايتىپ كەلسەم دادام ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ قوغلاپ يۈردى، شۇڭا قىچىپ چىقىپ باشقا ئىش قىلىشقا خوش ياقماي مۇشۇنداق يۈردۈم.
- پاھ،،،، سىزنىڭ تارىخىڭىز ھەممىدىن ئىسىل ئىكەنغۇ، دىمەك مۇشۇنداق تارىخلار بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئويۇنچۇق،، ئوغۇللار بۇزغۇنچى بولۇپ ئەمدى پۈتۈن مىللەت ھالاك بولۇش گىردابىغا يىتىپتۇدە.
ئايگۈل_ ھاھاھاھا، قاراڭ! ئاپپاق قەغەزنى ئورۇندۇققا قويۇپ باسۇرۇپ ئولتۇرۇپلا قۇلاقنى ئىتىپ تۇرۇپ بىرنى ئوسۇرۇپ شىنجاڭ گىزىتى قىلىپ چىقىرىدىغان بەزى ئوغۇللارنىڭ كۆزىگە بىزدەك قىزلارلا كۆرىنىپ قىلىپ شۇ قىزلارنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر مىللتى تۈگىدى دەپ جار سىلىۋاتىدۇ.
- جار سالمىسىمۇ يۈرۈپسىلەرغۇ مانا.
- سىرىتقا چىقىپ كۆزگە كۆرۈنگەن قىزلىرىمىز پەقەت ئاز ساندىكى قىزلار خالاس، ئۆزىنى مىللى قەھرىمان چاغلاپ بۇزۇلغان،،،،، يامايمەن دەپ چىققان ئوغۇللار تىخى ھەقىقى قىزلارنى كۆرمىدىڭلار، ئۇ قىزلار ئۆي ئىچىدە ياكى ئىپپەت ئىچىدە، مانا بىز ھەممە نەرسىنىڭ سىرتىدا ، ھە راس! ھىلىقى پاھىشە قىزنىڭ ھەسىرىتى دىگەن ئاۋازلىق ئەسەر چىققاندىن كىيىن نۇرغۇن يىگىتلەر ھاياجانلىنىپ ساڭنالارغا كىرىپ يىگىرمە كويلۇق قىزلارنى سۆرەپ چىقىپلا شۇلار بىلەن توي قىلدى، تويدىن كىيىن زاغرا يەپ مەيدىسى ئىچىشسا ۋىژدانىم قاينىدى دەپ قىلىپ قويغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلدى-يۇ بىراق بۇ يولدىن يانالماي ئۆمرى پۇشايماندا ئۆتىۋاتىدۇ، بىراق سىز ئۇنداق قىلىپ قالماڭ ھە. بىزدەك قىزلار بۇ يولدىن مەڭگۈ قايتالمايمىز، شۇڭا ساق قىزلارنى قوغداپ ئۇلارنىڭ ئىپپىتىگە ھۇجۇم قىلماي مىللەتنى قوغداش ئۆزىڭىزگە قالدى يىگىتنىڭ كاتتىسى.
تاماكىدىن بىرنى ئىلىپ تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق شورايتى، ئۇنىڭ بۇنداق كەسكىن جاۋاپلىرىدىن سەل ئەنسىرەپ ھىرىپ قالغانلىقنى باھانە قىلىپ ئۇخلىۋالدىم.
     ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ قارىسام ئىككى قىز كارۋاتتا سوزۇلۇپ يىتىپتۇ، ئۇلارنى ئۇيغۇتۇپ چىرايلىق خوشلىشىپ يولغا سىلىۋەتكەندىن كىيىن يۈزۈمنى يۇيۇپ پىچەت پارقىراپ  يەكەننىڭ داڭلىق بولغان جايلىرىدىن بىرى ئالتۇن دەرۋازا تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم، قەشقەردىكى يىڭى بازارغا ئوخشاپ قالىدىغان بىر قايناق بازارنى ئايلانغاندىن كىيىن مەشھۇر سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان،ئابدۇرىشىتخان ۋە يەنە داڭلىق مۇقام ئۇستازى ئاماننىسا خىنىم قەبرىسىنى ئايلىنىپ چىقتىم، راستىنى دىسەم بىر ئىش مىنى سەل ئەجەپلەندۈردى، مەن ياۋرۇپالىقلارنىڭ تارىخىنىمۇ ئازراق ئوقۇپ باققان ھازىرقى ئۇلارنىڭ ھەيكەل ئوبرازى بولۇپ تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چوقۇم كىتاپ تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى ياكى بولمىسا ئۇزۇنغا كۆزىنى تىكىپ تۇرغان ھالىتى بار، بىراق ئاماننىسا خىنىم بىر غىجەكمۇ ياكى خۇشتارمۇ ئىنىق بىلەلمىدىم، شۇنداق بىر نەرسە تۇتۇپ تۇراتتى. بىر مىللەتنىڭ سەنئەتكارى ئۇرۇشنى كۈيلىسە قەھرىمان كۆپ چىقىدۇ، بىلىمنى كۈيلىسە ئالىم، مۇھاببەتنى كۈيلىسە ئاشىق جىق چىقىدۇ دېگەن گەپ بار ئەمما شۇ چاغدا ئاماننىسا خىنىم نېمە كۈيلىگەن بولغىيتى؟ ھازىرقى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى نېمە ۋەجىدىن ئاتا-ئانىسىنى بىلمەيدىغان مۇھاببەتنى كۈيلەپ قالغاندۇ، تولىمۇ كۈلكىلىك يىرى بەزى سەنئەتكارلىرىمىز ئالتە كۈن دىسكوخانىدا ناخشا ئىيتىپ پىلاستىنكا چىقىرىپ جاھانغا پاتماي يۈرۈپ قويۇپ تۆت كۈندە دەسمى غالتەككە چىقسا جىم بولىدىغان شاپالداق نوچىلارمۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر سەنئەتكارى سۈپىتىدە چاغلاپ ھەممىگە تەسىر يەتكۈزدى. كەچكىچە ئۇ يەرنى ئايلىنىپ قاراڭغۇ چۈشۈشتىن بۇرۇن خوتەنگە قاراپ ماڭدىم، خوتەندە بارغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى پەقەتلا چۈشۈنەلمەي پەقەت ئۈچ كۈن تۇرۇش جەريانىدا بازارلىرىنى ئايلىنىپلا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ساياھەتنى داۋاملاشتۇرۇۋەردىم، ئىككى يىرىم ئاي جەريانىدىكى بۇ سەپەردە ھىلى ئۇنداق، ھىلى بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ بۇ زىمىندىمۇ خىلى چوڭ بولغان ئىدىم. ئىككى يىرىم ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم.
ئاخىرى جىددى يىزىلىۋاتىدۇ...........................................
چەتئەلدە خىزمەت ئىشى بىلەن بولغاچقا ۋاقتىدا يوللاشقا ۋاقىت يار بەرمىدى، دوستلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.
1-بۆلۈم، بالىلىقتىكى كەچمىش، مىسىر، تۈركىيە،پاكىستان،ئافغانىستان، ھىندىستان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-9 01:08 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
غەنىشاھ + 10 ياخشى تېما ئكەن
altun + 100 سىز خوتەنگە كەپ باقما.
fatima + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 410   باھا خاتىرىسى

توپىنى ئالتۇنغا ئالتۇننى توپىغا پەقەت بىرلا نەرسە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1143 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى قېنى ئاۋۇ ئادرىسنى چەكسەك چىقمىدىغۇ؟

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6005
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋال بىرىنچى بۆلۈمىنى ئوقاي.

Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 1899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41538
تۆھپە نۇمۇرى: 859
توردا: 13524 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋەككۇلچىلەر ____ بىرى ئەڭ يەڭگىلتەك ، يەنى بىرى ئەڭ يۈرەكلىك ئادەملەردۇر....
كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن ئوپالغا قەدىم تەشرىپ قىلىپ ،تاتلىق ھەم ئاچچىق ئەسلىمە قالدۇرۇپسىز ~~~~~~~~

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

كۈزگە ئايلانغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29575
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2511
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 3537 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي

قابىلىيەت بىلىم ئىچىدە،بىلىم ئۇگنىش ئىچىدە،ئۇگىنىش تۇرمۇش ئىچىدە،تۇرمۇش كۈرەش ئىچىدە،كۈرەش ۋاقىت ئىچىدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11488
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5229
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 4742 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:52:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60720
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 741
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2011-10-16
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 05:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياردەم   ... مەن 7-چىسلادىكى مەملىكەت خەۋەرلىرىنى كۇرمەكچى ئىدىم تۇردىن شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم ماڭا لازىم ئىدى دۇسلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى سۇرايمەن قايسى تۇردىن تاپقىلى بۇلىدۇ ؟ سىن ھۇججىتى لازىمتى -- رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72309
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 06:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.لىكىن داۋامىنى تىزراق يازغان بولىسڭىز.ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرى ياخشى چىقۋاتىدۇ.خوتەننىڭ تەلەپپۇزىنى چۈشۈنۈش سەل تەسرەك.مەنمۇ ئوقۇشقا بېرىپ ھەپتگىچە ئۇلارنىڭ گىپىنى پەقەت بىلەلمىگەن.سىزمۇ ماڭا ئوخشاش بوپسزدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7055
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 4893 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 06:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوپمۇ مىنى بەك ساقلىتىۋەتتىڭىز جۇمۇ  ،بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى دەپ كۇنىگە 15 ۋاق ئاچىىمەن كومپىيوتورنى ،داۋامى بەك ئىسىل چىقىپتۇ ،ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ يەنە نىمە ئىشلارنى قىلىدىغىنىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىپسىز ،ئەركەكتەك گەپ قىپسىز ،پاسكىنىستانلىقلارنى ئوبدان جايلاپسىز تازا ،مەينەت سىسىقلارنىڭ ،تۇزىڭنى يەي تۇزلۇقۇڭغا سىيەي دىگەندەك قىلىپ يۇرىشلىرىنى ،ئىپلاس ئىشەكلەر....بەك خۇشام يوق بۇ قاسمالار بىلەن ...

ھەقىقەت__جاپا چە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14920
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13537
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 06:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز...  بۇنى  ئۇقۇپ  بېشىنىمۇ  ئۇقۇپ  بېقىش  خىيالىغا  كەپ  قالدىم....  رەھمەت....

توغراق چىچىكى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش