ئەي قىز ، سىز ئۇنىڭ بىلەن دوستمۇ ياكى ئۇنىڭغا ئاشىقمۇ؟
ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن دوست بولسىڭىز
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا كۈنلىرىڭىز ناھايىتى خۇشال ئۆتىدۇ:قانداقلا جاي بولمىسۇن ئۇلا بولىدىكەن،سىزگە زىرىكىشلىك بىلىنمەيدۇ:سىز ئۈچۈن ئۇ بىر سىرداش،ئۇنىڭغا ئىچ قارنىڭىزدىكى بارلىق دەرد ئەلەملىرىڭىزنى تارتىنماي تۆكەلەيسىز:تولا چاغلاردا ئىككىڭلارنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدۇ،قىزىقىش ھەۋىسىڭلار ، ھېس-تۇيغۇ، چۈشەنچەڭلار كۆپىنچە ئوخشاش بولىدۇ؛ كۆپىنچە ھاللاردا بىر – بىرىڭلارغا ھەمدەمدە بولىسىلەر.
ئەگەر سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسىڭىز
سىز قەلبىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز،ئۇنى كۆرمىگەن چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز تېپىرلاپ، ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا بولىسىز:ئۇنى كۆرگەن چېغىڭىزدىلا كۆڭلىڭىز ئارامىغاچۈشۈپ،شادلىنىپ كېتىسىز،ئۇنىڭدىن ھەركۈنى تېلېفون كەلسىكەن دەپ تىلەپ كېتىسىز،تېلېۋىزور ، كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىسىز،كىيىنىش –ياسىنىشلىرىڭىزنى ، گەپ –سۆز، يۈرۈش – تۇرۇشلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ياققۇدەك قىلىپ ئۆزگەرتىسىز، ئۇنىڭ كەمچىلىك نوقسانلىرى سىزگە ئارتۇقچىلىق بولۇپ كۆرىنىدۇ،ئۇنىڭ خۇشاللىقى سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز،ئۇنىڭ قايغۇ –ئەلىمى سىزنىڭ قايغۇ ئەلىمىڭىز، ئۇسىزدىن باشقا قىزلار بىلەن ئارلاشسا ياكى ئالاقە قىلسا، ھەسەتخۇرلىقىڭىز تۇتۇپ ، يۈرەكلىرىڭىز مۇجۇلغاندەك بولۇپ كېتىسىز، ئۇنى ئۆزۈمگە قارىتىۋالسام،ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت مەنلا بولسام دەپ ئويلايسىز،ئۇ ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئاغرىق- سىلاق تارتىپ قالسا، تىت – تىت بولىسىز ۋە داۋاملىق يوقلاپ تۇرسىز.
ئۇنىڭ كۆڭلى سىزگە چۈشمىگەن بولسا
سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ئۆزىنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇچرىشىپ قالساڭلارمۇ گەپ –سۆزۇڭلار تېزىلا تۈگەپ ،سالام ساھەت قىلىش بىلەنلا تاماملىنىدۇ؛ تېلېفون نۇمۇرىڭىز ۋە ئادىرسىڭىز قاتارلىقلارنى سورمايدۇ،سورىغان تەقدىردىمۇ ئۇڭايلا ئونتۇپ قالىدۇ،تۇغۇلغان كۈنىڭىز ۋە باشقا مۇيىم بايراملارنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.سىزگە ئانچە بەك سوۋغات بېرىپ كەتمەيدۇ،بەرسىمۇ ئەرزان سوۋغات بېرىدۇ: ئاتا- ئانىسى ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى توغرۇلۇق سىزگە ئانچە كۆپ ئېغىز ئاچمايدۇ،سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەرگە، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ .
ئەگەر ئۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان بولسا
ئۇ ئەتراپىڭىزدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇلا ئۇچرىشىپ قېلىشىڭىز ھەرگىزمۇ تاسادبىلىق بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ مەقسەتلىك ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىدىن بولغان .پۇرسەت بولسىلا ئۇ سىزنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ،سىزنىڭ تېلېفون نۇمۇرىڭىزنى، ئادىرسىڭىزنى بىلىشكە بەك قىزىقىدۇ ، سىزنىڭ يۈرۈش –تۇرۇش كېيىنىشلىرىڭىزگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ،بۈگۈن چېچىڭىزنىڭ پاسۇننى ماختىسا ، ئەتىسى كېيىمىڭىزنى ماختايدۇ،باشقا ئوغۇللار بىلەن قويۇقراق ئارلىشىپ ئۆتىسىڭىز ، ئۇنىڭ ئىچىنىڭ ئاچچىق بولۇۋاتقانلىقى مانا مەن دەپلا بىلنىپ قالىدۇ ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مۇئامىلىڭىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ سىزگە چىرايلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى تېخىمۇ تۈزەپ يۈرۈيدىغان بولىدۇ.ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن سىزگە سوۋغات بېرىپ تۇردۇ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ۋە ئىككىڭلار تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان كۈننى ھەرگىزمۇ ئونتۇپ قالمايدۇ.سىزنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بەزىبىر كىچىك ئارزۇ- تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزۈپ، سىزنى تۇيۇقسىز خوش قىلىۋېتىدۇ.بىرەر ئىش بىلەن باشقا يەرگە كەتكەندە ،سىزگە ھەركۈنى دېگۈدەك تېلېفون بېرىپ تۇرىدۇ ۋە سوۋغات ئالغاچ كېلىدۇ.
(يىگىتلەرگە نىسىبەتەن ) ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى بارمۇ – يوق؟
ئەگەر ئۇ سىزنى دوست دەپ قارىغان بولسا
سىزنىڭ يېقىنچىلىقلىرىڭىز ۋە ماختاشلىرىڭىزدىن ئۇ ئانچە ھەيران قالمايدۇ،سىز بىلەن بىرگە تاماققا چىققاندا ياكى باشقا ئىشلاردا پۇلنى ئۆزى تۆلەيدۇ.سىزنىڭ سوۋغىڭىزنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ،ئۇنىڭغا كۆڭلىڭىز بارلىقىنى بىلىدۈرمەكچى بولغىنىڭىزدا ، ئىككىمىز ياخشى دوست دېگەندەك گەپلەر بىلەن تېمىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىدۇ ، ئۇنىڭغا قىلغان ئۇچرىڭىز سۇغا چۈشكەن تاشتەكلا يوقاپ كېتىدۇ،ياكى قايتا كۆرۈشىشكە چاقرىسىڭىز پەقەت ئۇنمايدۇياكى ئۆزىنى سىزدىن قەستەن قاچۇرىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغان بولسا
سىزنىڭ ئىش ھەركەتلىرىڭىز ئۇنىڭ كەيپىياتىغا تەسىركۆرسىتىدۇ.ئۇنى بىر ماختاپ قويسىڭىز، ، بىر كۈن كەچكىچە خۇشال يۈرگنى يۈرگەن .ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە سوۋغا قىلسىڭىز ، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە سوۋغىڭىزنى سوۋغا بىلەن قايتۇرىدۇ.ئولتۇرۇش دېگەندەكلەرگە تەكلىپ قىلسىڭىز تارتىنىپراق ماقول بولىدۇ.ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئەھۋالدىن سىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىدۇ،خىزمىتىڭىزگە ، ئۆيىڭىزدىكىلەرگە باشقا ئىشلىرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپلا تۇرىدۇ.بەزى ئىشلارنى دېمىسىڭىزمۇ سىزگە ياردەملىشىپ قىلىشىپ بېرىدۇ،سىز بار سورۇنلاردا دائىم رەتلىك، چىرايلىق كىيىنىدۇ، ئىككىڭلار بىر يەردە بولغان چاغلاردا ، ھەر ئىككىڭلارنىڭ قەلبى شېرىن ۋە گۈزەل ېس تۇيغۇغا چۈمىدۇ.
قىسقىسى؛ دوستلۇق بىلەن مۇھەببەت ھەم بىر –بىرىگە باغلىنشىلىق ، ھەم بىر –بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل ھېسسىيات.قىز ئوغۇللار ئارسىدىكى دوستلۇق بەزىدە تەرەققىي قىلىپ مۇھەببەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقلا، پاراللېل تۈز سىزىقلار مەڭگۈ بىر –بىرى بىلەن كېسىشمىگەندەك ، قىز –ئوغۇللار ئارسدىىكى دوستلۇق مەڭگۈ مۇھەببەتكە ئايلانماسلىقىمۇ مۇمكىن.
شىنجاڭ ياشلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nadira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-8 01:30 PM