ئۇيغۇر ئۆسمۈر بوكىس ماھىرى زۇلپىقار مەمەتئېلى
زۇلپىقار مەمەتئېلى 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكىت ناھيىسىدە بوكىس تىرنىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، زۇلپىقار ئاتا ئانىسىنىڭ كۈچلىك تەسىرى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىسىدا 2005-يىلى 10 ياش ۋاختىدا شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىغا تاللانغان، ئۈزلىكسىز جاپالىق مەشىق تۈرۈتكىسىدە 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسى 38 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ، بوكىس ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان. تەبئې بوكىس تالانتى بىلەن 2008-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ بوكىس كاماندىسىغا تاللانغان، زۇلپىقار ھارماي تالماي مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ 2010-يىلى شىنجاڭ 12-نۆۋەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر بوكىس تەنەركەت مۇسابىقىسى 60 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيۇن بولغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 8 دۆلەت تەكلىپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگۇ شىنجاڭ كاماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىپ 69 كىلو گىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا مىس مىدالغا ئىرىشكەن. 16 ياشلىق زۇلپىقارنىڭ بوكىس مەيدانىدىكى چاققانلىقى، ئىنكاسىنىڭ تىزلىكى، چىدامچانلىقىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرلىقى تىرنىرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى ھەم كەڭ تاماششىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.
تىرنىرلار زۇلپىقارغا چوڭ ئۈمۈت باغلاپ 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى قازاقستاننىڭ ئالمۇتا شەھرىدە ئۆتكۈزگەن خەلقارالىق 12 دۆلەت بوكىس مۇسابىقىسىگە جۇڭگۇ شىنجاڭ كاماندىسىغا ۋاكالەتەن قاتناشتۇردى، زۇلپىقار بۇ قېتىمقى خەلئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتكۈل ماھارىتىنى ئىشقا سىلىپ بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۇبا ماھىرىنى 12:6 نۇمۇر پەرقى بىلەن يېڭىپ چىمپىيۇنلىققا ئىرىشىپ 3-قېتىملىق ئالتۇن مىدالنى قولغا كەلتۇردى ھەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن ماھىر» دىگەن شان-شەرەپكە ئىرىشتى.
مۇسابىقىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ
1-مەيدان مۇسابېقسى ، 9 گە قارشى 11 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى
2-مەيدان مۇسابېقىسى ، 7 گە قارشى 10 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى
3-مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابېقە، كۇبا ماھىرىنى يېڭىپ چىمپىيون بولدى
ئالتۇن مېدال قولغا كەلتۈرگەن زۇلپىقارجان مۇكاپات تارقىتىش سەھنىسىدە
مۇسابىقە جەرياندىن كۆرۈنۈشلەر:
سەبداشلار خاتىرىسى
كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى تۈرۈتكىسىدە بوكىس ساھەسىگە قەدەم قويغان كىچىك ئەزىمەت-زۇلپىقار مەمەتئېلى
كىچىكىدە يېتىلگەن بوكىسقا بولغان ئىشتىياق
ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقسىدە مېدال قولغا كەلتۈرۈپ بوكىس ساھەسىگە قەدەم قۇيۇش
كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان ئۇيغۇر بوكىس ئەزمىتى
زۇلپىقار مەمەتئېلى ئېرىشكەن مىداللار
بوكىس ماھىرى زۇلپىقار مەمەتېلىگە مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر