قار لىرىكىسى
xohtekin
كۆك قەھرىدىن لەپىلدەپ لەرزان،
چۈشتى ئاپپاق قارنىڭ ئۇچقۇنى.
زىمىن باغرى كۈمۈش چاچقۇدەك،
ئويغاتماتتا قىزغىن تۇيغۇنى.
كەڭ كائىنات رەڭدار ئۆزگىچە،
ئاق پىرەنچە يېپىنىپ پۈتۈن.
تاڭ شەپىقى رەڭلەنمەس ئەسلا،
قار جىلۋىسى يالىلدار بۈگۈن.
بوشلۇق بويلاپ تۇمان پەرىىسى،
ئاققۇلاردەك ئوينار پەر قېقىپ،
ھېقىق چىراي نۇرلار شولىسى،
كۆز چاقنىتار دولقۇندەك ئېقىپ.
ئۇچسا قۇشلار دەرەخ شېخىدىن،
تۇزار باشقا قارلار ئۇنچىسى.
ئاق يۇلتۇزدەك ياساپتۇ چېچەك،
ھۆسۈن تۈزەپ لەيلى غۇنچىسى.
چوققىلاردا يۈكسەك گېدىيىپ،
ياتار قارنىڭ مەزمۇت ئىزناسى.
ئالەم ئاپپاق چېچىلدى پاكلىق،
قىش زىننىتى ئالتۇن سىماسى.
2011-يىل8-يانۋار (دىيارى كەلپىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-8 03:52 PM