تىلسىمات
ئەي ئىنسان ،كۆتۈرگىن باشىڭنى يەنە،
سېنىڭ قەدىرىڭ بار يۇلغۇن قوينىدا.
يېتىمسىراپ تۇرغاندىن كىشى يانىدا،
تارىمنىڭ باغرىدا قىلغىن تەنتەنە.
بىلمىدىم نەسەۋەب تۇرىسەن مىسكىن،
بىر كۆرسەم كۆزدە ياش ياشلار ئاقىدۇ.
قېرىنداش بولغاچقا كۆز ساڭا باقىدۇ،
ئالامدۇ قوينىغا سېنى بۇ زېمىن .
بەلكىم سەن يۇرتنى چۆل -جەزىرە بىلىپ،
كەلگەنسەن بۇ يۇرتقا ئارزۇيۇڭ بىلەن.
تۇردۇڭمۇ كەلگەندەك يەنە ساق-تېمەن،
راۋاجىڭ نەھالدا بۇ يەرگە كېلىپ.
بوۋاڭنىڭ ئىزى بار ئاشۇ قۇملۇقتا،
ئاناڭنىڭ سەن ئۈچۈن بەرگەن دۇئاسى.
ئاتاڭنىڭ ئۈمۈدلۈك كۆزى-سىماسى،
ئەل-قەۋم ياندۇرغان مەشئەلى يولدا .
يالغۇزلۇق ئۆچىرەر روھنى ئادەمدىن،
قۇشمۇ ئۇ سېغىنار جۈپتىنى ھەر چاغ.
شۇڭىمۇ يارالغان تۈمەن گۈزەل باغ،
تەنھالىق ئازدۇرار سېنى خىيالدىن.
ئوخشىماس باشقىلار ھەرگىزمۇ ساڭا،
سەندە بار شاھ تارىخ مەڭگۈلۈك ئىجاد.
سەن ئىزى شۇ تاپتا سەنمۇ ئاڭا قات،
باش تارتساڭ بۇ يولدىن ئەل كۆرمەس راۋا.