پاناق بۇرۇن بىر ئوغۇل بالا ئىككى ياش ۋاقتىدا مېڭە ياللۇقى بولۇپ قالغاچقا ئەقلىي ئىقتىدىدارى توسالغۇغا ئۇچراپ ،ئۆگىنىشتە تولىمۇ قىينىلىدۇ.مەسىلەن:باشقىلار ئىككى –ئۈچ يۈز خەتلىك ماقالە يازغاندا ،ئۇ ئاران تۆت –بەش قۇرلا خەت يازىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ يازغان ماقالىسى كىشىنى بەكلا تەسىرلەندۈرەتتى.ئۇ بىر قېتىملىق يېزىقچىلىق دەرسى بولۇپ ،ماقالىنىڭ تېمىسى‹‹ ئارزۇ››ئىدى،ئۇ ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئويلىنىپ ،ئاندىن ئالدىرىماي يېزىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ يازغىنى بەكلا قىسقا ئىدى.يەنى پۈتكۈل ماقالە مۇنداق ئۈچ جۈملە بىلەنلا ئاياقلاشقان ئىدى:‹‹مېنىڭ ئىككى ئارزۇيۇم بار،بىرىنچىسى ،ئانام ھەر كۈنى ماڭا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :‹قوزام،سەن بەك ئەقىللىق ›دېسە،ئىككىنچىسى ،مۇئەللىم ھەر كۈنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ‹سەن ھەرگىز دۆت ئەمەس›دېسە.››
شۇنداق قىلىپ بۇ ماقالە ئۇنىڭ مۇئەللىمىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرىۋەتتى،مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئەڭ يۇقۇرى نومۇر بېرىپلا قالماي ،يەنە سىنىپتا ھېسياتلىق قىلىپ ئوقۇپ بەردى.مۇئەللىم ئۇنىڭ يازغان ماقالىسىنىڭ ئاخىرىغا مۇنۇ جۈملىلەرنى يېزىشنىمۇ ئۇنتۇمىدى:‹‹سەن بەك ئەقىللىق ،يازغان ماقالەڭ كىشىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ،ئىشىنىمەنكى ئاپاڭ سېنى ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى كۆرىدۇ،مۇئەللىملەرمۇ سېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ،باشقىلارمۇ ھەم شۇنداق. ››
ئۇ دەپتىرىدىكى مۇئەللىمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى.ئۇ دەپتەرنى ۋاقتىنچە ئاپىسىغا كۆرسەتمىدى.ئۇ مۇۋاپىق بىر پەيتنى كۈتىۋاتاتتى،ئۇ كۈتكەن پەيت ئاخىرى يېتىپ كەلدى.بۈگۈن قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ،بۇ كۈن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،ئۇ ئورنىدىن بالدۇرلا تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ،ھېلىقى ماقالە دەپتىرىنى ئۆزى ياسىغان يوغان كونۋېرتنىڭ ئىچىگە سېلىپ،ئاپىسىنىڭ ئويغۇنىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.ئاپىسى ئەمدىلا كۆزىنى ئېچىشىغا ،ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-ئانا ،بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە بىر سوۋغات تەييارلىغان ئىدىم،-دېدى ئۇ.
دەرۋەقە،بۇ ماقالىنى كۆرۈپ ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياشلار تاراملاپ ئاقتى.ئۇ بالىسىنى باغرىغا چىڭ باستى.
شۇنداق،ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىسىمۇ ،مۇھاببەتنى ھېچنىمە توسالمايدۇ.
مەنبە :شىنجاڭ مائارىپى
شەمشىنۇر تۇرغۇن تەرجىمىسى
ئۆزۈمنىڭ قىستۇرما سۆزلىرى:
ئاتا –ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى –مۇھاببەت چەكسىز ھەم بۈيۈكتۇر.ھەرقانداق بىر كىشى مەيلى مېيىپ بولسۇن ياكى يەتتە ئەزايى بېجىرىم بولسۇن قەلبى چىن مۇھاببەتكە،يۈرىكى ھەقىقىي ئىنسانىي خىسلەتكە ئىگە بولسۇن،ئىنسان روھىيىتىنىڭ مېيىپلىقى ئەڭ ئېغىر كېسەللىكتۇر....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 09:59 PM