تۇغماسلىق ئاجرىشىش سەۋەبى بولالامدۇ ؟
دىلو ئەھۋالى :
2005 – يىلى قاسىم باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن رەيھان بىلەن تونۇشۇپ ، 2007 – يىلى 10 – ئاينىڭ 8 – كۈنى توي خىتى ئىلىپ قانۇنلۇق توي قىلغان . توي قىلغاندىن كېيىن قاسىم بىلەن رەيھان يۇرتىدىن ئايرىلىپ باشقا جايلارغا بىرىپ ئىشلەپ كۈن كەچۈرگەن . تويدىن كېيىن ئىزچىل پەرزەنت كۆرەلمىگەنلىكتىن ، تەرەپلەر ئۆز – ئارا دائىم جىدەللىشىپ ، ئۆز – ئارا بىر – بىرىگە بولغان كۆڭۈل بۆلىشى يىتەرلىك بولماي دائىم ئۇرۇشۇپ قالغان . 2010 – يىلى 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى قاسىم رەيھاننىڭ پەرزەنت كۆرەلمەيدىغانلىقىنى ئاساس قىلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزى سۇنغان . قاسىم سوت مەھكىمىسىگە دەلىل – ئىسپات قاتارىدا ئىككى پارچە كىسەل تارىخى تەمىنلىگەن بولۇپ ، بۇ ئارقىلىق رەيھاننىڭ تويدىن كېيىن تۇغمىغانلىقىنى ، شۇڭا باشقا جايلاردا دوختۇرخانىلاردا داۋالانغانلىقىدەك پاكىتنى ئىسپاتلىماقچى بولغان . بۇنىڭدىن باشقا تىببىي تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئۈچ پارچە تەمىنلەپ تەرەپلەرنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى سەۋەبى رەيھاننىڭ تىنىدىكى سەۋەپ تۈپەيلىدىن بولغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان .
دىلو تەھلىلى :
ئاجرىشىشقا ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاچقۇچ دەل ئەر – خوتۇننىڭ ھېسياتىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا بولۇپ ، مەزكۇر دىلودا ئايال تەرەپنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىكى تەرەپلەرنىڭ ھېسياتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ ئاساسى قىلىپ بىكىتىشكە بولامدۇ – يوق ؟ رىئالنى تۇرمۇشتا ، ئائىلىدە ئەر – خوتۇننىڭ تۇغماسلىقى سەۋەبىدىن ئەر – خوتۇنلاردىن بىر تەرەپ مۇشۇنى دەستەك قىلىپ ئائىلىدە زىدىيەت پەيدا قىلىدىغان ، قارشى تەرەپنى ھاقارەتلەيدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت . رىئالنى تۇرمۇش كۆپلىگەن كىشىلەر نىكاھ قانۇنىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلمەيدۇ . دۆلىتىمىز نىكاھ قانۇنىنىڭ 32 – ماددىسىدا : ئەر – خوتۇن بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بىرىپ مۇرەسسە قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزى قىلسا بولىدۇ ، دەپ بەلگىلىگەن .
بەلگىلىمىگە ئاساسەن خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلولىرىنى سوت قىلىپ قاراپ چىققاندا چوقۇم مۇرەسسە قىلىشى كېرەك . ئەگەر ھېسياتى بۇزۇلۇپ ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك :
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك :
(1) قوش نىكاھلانغان ياكى جۆرىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن بىرگە تۇرغانلار ؛
(2) ئائىلە زوراۋانلىقى قىلغان ياكى ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغان ، تاشلىۋەتكەن بولسا ؛
(3) قىمار ئويناش ، زەھەر چىكىش قاتارلىق يامان ئادەتلىرى بولۇپ تەربىيە قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتمىگەن بولسا ؛
(4) ھېسيات جەھەتتە كىلىشەلمەي ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان بولسا ؛
(5) ئەر – ئايالنىڭ ھېسياتىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بولغان باشقا ئەھۋاللاردا .
ئادەتتە بىر تەرەپنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلانغاندا ، قارشى تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ئاجراشتۇرۇش كېرەك .
يۇقارقى بەلگىلىمىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ، ئەگەر نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغان بىر تەرەپ ئەرز قىلىپ يۇقارقى قانۇندا بەلگىلەنگەن بەش خىل ئەھۋال بولماي ، ھېسيات بۇزۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە ئادەتتە سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش ھۆكۈمى چىقارمايدۇ . 1 – قېتىم سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا ئەرز قىلىپ ، سوت ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلماسلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغاندا ياكى سوتنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن يارىشىپ قالغاندا ، يېڭى ئەھۋال ۋە يىڭى سەۋەپ بولمىسا خەلق سوت مەھكىمىسىگە 6 ئاي ئىچىدە نىكاھتىن ئاجرىشىش توغرىسىدا ئەرز قىلىشقا بولمايدۇ .
يۇقارقى قانۇن بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەر – خوتۇنلاردىن بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تۇغماسلىقىنى ئاساس قىلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغاندا ، نىكاھ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن سوت مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 10:24 PM