قانۇن بلوگىغا :
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !ئۈرۇمچىدىن نىمكەش ماشىنا سېتىۋالغان،بۇ ماشىنا كېلونلىغان ماشىنا چىقىپ قالدى. ماشىنا ساتقۇچىغا پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام، قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ.قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدىم.
ساقچىغا دىسەك ،ماشىنا باشقۇرۇش ئورنى بىرتەرەپ قىلىدۇ دەيدۇ.ئۇيەرگە بارساق بۇيەرگە بار دەيدۇ قانداق قىلىمەن ئەمدى.مەن بىر دېھقان پۇل تاپماىنىڭ تەسلىكىدە.
قانۇن بلوگىدىن :
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! ئەگەر يۇقىردا بايان قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولسا تۆۋەندىكى مەسلىھەتنى بىرىمىز .
ئەگەر سىز يۇقارقى ماشىنىنى سېتىۋالغاندا شۇ ماشىنىنىڭ كلونلارغان ماشىنا (套牌) ئىكەنلىكىنى بىلمەي ، كېيىنچە بىلگەندىن كېيىن قارشى تەرەپ پۇلنى قايتۇرۇشغا قوشۇلمىغان بولسا سوتقا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ .
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى» نىڭ 52 – ماددىسىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، توختام ئىناۋەتسىز بولىدۇ :
(1) بىر تەرەپ توختامنى ئالدامچىلىق قىلىش ، مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ ، دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا ؛
(2) يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈپ ، دۆلەت ، كوللىكتىپ ياكى ئۈچىنچى بىر كىشىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا ؛
(3) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنى شەكىل بىلەن يوشۇرغان بولسا ؛
(4) جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن بولسا ؛
(5) قانۇن ۋە مەمۇرى نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك بەلگىلىمىلەرگە خېلاپلىق قىلغان بولسا .
كلونلانغان ماشىنىلار ئەسلىدىكى راست ماشىنىنىڭ تىپى ۋە رەڭگىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بولۇپ ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خېلاپ . شۇڭا يۇقىردا ئىيتىلغان بايانلىرىڭىز راست بولسا ، دەلىل – ئىسپاتىڭىزنى ئىلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ ھوقۇقىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ .
قانۇندىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز قانۇن بلوگىغا مەرھەمەت قىلىڭ .
http://www.kanunblog.com