ئەسەر ھوقۇقى ماجرالىرىدىكى ئادۋۇكاتلىق ھەققى توغرىسىدا
ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە دەۋالاشقۇچىلار دەۋا ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن بويىچە ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ . بىراق ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش قانۇندا بەلگىلەنگەن زۆرۈر شەرت ئەمەس . ھەر قانداق دەۋالاشقۇچى ئادۋۇكات تەكلىپ قىلماي تۇرۇپمۇ دەۋا پائالىيىتىنى ئۆزى ئىلىپ بارسىمۇ بولىدۇ .
داۋالاشقۇچىلار دەۋا پائالىيتىدە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلسا بولىدۇ . بۇ جەريانىدا ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھەققى ئالدىن تاپشۇرىلىدۇ . ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھەققى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن ئادۋۇكاتنىڭ شۇ دەۋالاشقۇچىغا بولغان قانۇندىن قىلغان مۇلازىمىتى باشلانغان بولىدۇ .
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ 48 – ماددىسىدا : ئەسەر ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغانلار ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي زىيىنى بويىچە تۆلەم تۆلەيدۇ . ئەمەلىي زىياننى ھېسابلاش قېيىن بولسا ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خېلاپ تاپاۋىتى بويىچە تۆلەم تۆلىتىدۇ . تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەخلى – تەرۈز قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مۇۋاپىق خىراجەتنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئىلىشى كېرەك ، دەپ بەلگىلەنگەن . بۇ يەردە قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۈز قىلغاندا ئۈستىگە ئىلىشقا تېگىشلىك جاۋاپكارلىق بولسا :
(1) ئەمەلىي زىيانغا ئاساسەن تۆلەم بىرىدۇ ؛
(2) ئەمەلىي زىياننى ھېسابلاش قېيىن بولسا ، ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خېلاپ تاپاۋىتى بويىچە تۆلەم تۆلىتىدۇ
(3) ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەخلى – تەرۈز قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مۇۋاپىق خىراجەتنىمۇ تۆلەپ بىرىدۇ .
بۇ ماددىدا تىلغا ئىلىنغان «ھوقۇق ئىگىسىنىڭ دەخلى – تەرۈز قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلغان مۇۋاپىق خىراجەت» بىر تۈرلۈك مۇئەييەن بولمىغان دائىرە بولۇپ ، بۇنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق قىلىش ئۈچۈن « ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەسەر ھوقۇقى ماجراسى ھەق تەلەپ دىلولىرىغا قانۇننى تەدبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئېزاھات » دا تۆۋەندىكىدەك ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان :
1. ھوقۇق ئىگىسى ياكى ھاۋالە ۋاكالەتچىسى ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ھەقلەر ؛
2. ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشىنىڭ شەكللىنىشىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل – ئىسپات ئېلىشتىكى ھەقلەر ؛
3. دەۋادىكى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ تەلىپى ۋە كونكېرت دىلو ئەھۋالىغا ئاساسەن ، دەۋادىكى تەلەپ قىلغۇچى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھەققى .
يۇقارقى بەلگىلىمىلەردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، ئەسەر ھوقۇقى ھەق تەلەپ ماجرالىرىغا ھۆكۈم ، كېسىم چىقىرىشتا ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيىلىك ئېزاھات شەكلىدە خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋادىكى تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىش ھەققىنىمۇ ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلغۇچىنىڭ ئۈستىگە ئىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم ، كېسىم چىقارسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن . بۇ بەلگىلىمە ھوقۇق ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/