رەقەم تېخنىكىسى پليونكا كەسپىنى ئاخىرلاشتۇردى
ئامېرىكا << ۋال كۈندىلىك گېزىتى>> نىڭ 5- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامىرىكا castman kodak بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش ئىلتىماسىنى سۇنىدىكەن.ئەگەر بۇ فوتو-سۆرەت فىليونكا كەسپىدىكى چوڭ ماگنات راستىنلا ۋەيران بولسا،polaroid شىركىتى قاتارلىق داڭلىق ئامرىكا كارخانىلىرى دەۋرنىڭ شاللىشىغا ئۇچرايدىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە،131 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ كارخانا ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قىسمەن پاتنېت ھوقۇقىنى سېتىش شەكلى ئارقىلىق مەبلەغ توپلىماقچى بولغان،kodak ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىشقا تەييارلىق كۆرگەچ، بانكا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار مەبلەغ جۇغلاپ، كارخانىنىڭ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش مەزگىلىدە،داۋاملىق يۈرۈشىشىنى قوغدىغان. خەۋەر قىلىنىشىچە،kodak شىركىتى ئەڭ بۇرۇن بولغاندا مۇشۇ ئاي ياكى 2-ئاينىڭ باشلىرىدا ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش ئىلتىماسىنى سۇنىدىكەن،ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىش مەزگىلىدە،كارخانا داۋاملىق قەرزىنى قايتۇرىدىكەن ھەمدە نورمال ئايلىندىكەن،kodak سوتنىڭ نازارىتى ئاستىدا، تەخمىنەن 100 تۈرلۈك پاتنېت ھوقۇقىنى ساتىدىكەن.
چەت ئەل رىقابەتچىلىرىنىڭ پىليونكا كەسپىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا ئەگىشىپ،kodak ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 -يىللىرىدىن باشلاپلا كەينىگە چېكىنىشكە باشلىغان، ئارقىدىن kodak سىفىرلىق ئاپارات ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون پەيدا بولۇشتەك ۋەزىيەتكە ئامالسىز يۈزلەنگەن،2003 - يىلى kodak پىليونكا كەسپىگە مەبلەش سېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. kodak نىڭ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن،kodak نىڭ پاي چېكى باھاسى 4 -يانۋار %28 چۈشكەن. 1930-يىلى kodak دۇنيا فوتو-سۈرەت ماتىرىياللىرى بازىرىنىڭ %75 نى ئىگىلىگەن،1964-يىلى، ئاپتوماتىك فوتوئاپپاراتنى بازارغا سېلىپ، بىر يىلدىلا 7 مىليون 500 مىڭنى سېتىپ چىقىرىپ، فوتو ئاپاراتى سېتىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى رىكورت ياراتقان، 1966-يىلى kodak مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەت ئەللەردىكى سېتىلىش سوممىسى 2 مىليارد 150 مىليون دوللارغا يېتىپ، بايلىق ژورنىلىدا 34-ئورۇندا تۇرغان.1990-يىلى، 1996-يىلى داڭلىق ماركا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىدىكى 10 چوڭ داڭلىق ماركا ئىچىدە 4- ئورۇندا تۇرغان.
مەنبە | : | تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى |
http://www.xjtsnews.com/normal/content/bak/homepage/content/2012-01/06/content_186454.htm
|