noriya يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 05:22 PM
جىنىمغا تەككەندە نەشتەر سۆزلىرىڭ،
چىقىلدى ئەينەكتەك چ ...
نۇرىيە سىزگە ئەگەشتىم .
مۇھەببەت سەن نىمە جاۋاپ بەرگىنە؟
كۆڭۈلنىڭ بىردەملىك خوشلۇقىمۇسەن؟
ياردەمدەك دىللارنى مەھلىيا قىلغان،
پەدەزخور سەتەڭنىىڭ قاشلىقىمۇ سەن؟
مۇھەببەت سەن نىمە جاۋاپ بەرگىنە؟
بىر ئەرنىڭ قىرىق قىز ئېلىشىمۇ سەن؟
ئاشىقلار يىتەلمەي مەشۇق ۋەسلىگە ،
دىللارنىڭ ھەسرەتتە قېلىشىمۇ سەن؟
مۇھەببەت سەن نىمە جاۋاپ بەرگىنە؟
پۇل پەرەس قىزلارنىڭ خۇيلىرىمۇ سەن؟
پەقەتلا پۇل ئۆچۈن نىكاھنى چاتقان،
تەكتى يات دىللارنىڭ سىھرىمۇسەن؟
مۇھەببەت سەن نىمە جاۋاپ بەرگىنە؟
پوشكالچى موللىنىڭ تۇمارىمۇ سەن؟
سۈڭگۈچنى ساقلاتقان قانچە يىگىتنىڭ،
يالغانچى جۇۋاننىڭ خۇمارىمۇ سەن؟
مۇھەببەت سەن زادى شۇنداقلا بولساڭ،
بولدى بەس يىراق تۇر سېنىڭسىز ئۆتەي.
باشقىچە مۇھەببەت بولسا ئەگەردە ،
ئېيتىڭلار دوستلۇرۇم مەن شۇنى كۈتەي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يىشيۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 07:28 PM