ۋال كوچىسىنى ئىگلەش ھەركىتى جۇڭگۇنىڭ ئۆي بازىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىدۇ
21-ئەسىردە خەلق پۇلى كورسىنى ئۆستۈرۈشتىن خەلق پۇلى كورسى قانۇن لاھىيەسىگىچە بولغان جۇڭگۇ –ئامىركا ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئۇيۇن ئاخىرلىشىشى تەس بىر سەھىپە.
ھازىرقى جۇڭگۇ-ئامىركا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت خۇددى جۇڭگۇ تاۋار ئۆي سودىگەرلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ.ئالدىنقىسنىڭ كىيىنكىسىدىن ئۆمۈد قىلىدىغىنى ئۆتمۈشتىكىدەك دائىم ھالقىلىق پەيىتتە پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ سىرلىقلىشىۋاتقان ئويۇننى ئاياقلاشتۇرۇش.
كۆپ ساندىكى تاماشىبىنلارغا نىسبەتەن ۋال كوچىسىنى ئىگلەش ھەركىتى ئامىركىلىقلارنىڭ سەتچىلىكى ،قىزىق، ئامىركىلىقلارمۇ قالايمىقانچىلىق چىقىردىكەن دىسە.
ئەمەلىيەتتە ئامىركىلىقلار نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ئوباماغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ.
ۋاڭ جى ئادۋۇكاتنىڭ تونۇشىچە ؛ ئوباما ياكى كەلگۈسىدىكى ئوبامالار بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بولسۇن ئەڭ ئاخىردا نامايىشچىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ.بۇ ئامىركا ئىجتىمائى تۈزۈمىسىنىڭ بەلگىلىمىسى.
ئامىركىلىقلار ئىشقا ئورۇنلاشسا بۇ باشقا دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىق كۆرۈلۈشنىڭ ھەم ئامىركا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېشىندى مەھسۇلاتلىرىنى كىرەك قىلمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.ئەكىسچە قارىغاندائوباما بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل بولماي كىلىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ،شۇنداقلا مۇشۇ ھەركەتتىن پايدىلىنىپ تېخنىكا ئېكىسپورتىنى،سودا تېخنىكىسىنى توسىدۇ ۋە پېرۋۇت نىسبىتى جەھەتتە بورۇلۇش خاراكتىرلىك قارار چىقىرىدۇ.
يۇقىرى يېڭى تېخنىكا ئېكىسپورتى چەكلىمىسى ئامىركا دۆلەت ئىچىگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق بولۇپ ، ئامىركا سانائىتىنىڭ رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدۇ.يەنە شۇنداقلا خەلقئارالىق سانائەت كاپىتالىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى مەجبۇرلاشقا پايدىلىق.سودا تېخنىكىسى قورۇقچىلىقى ۋە پېرۋۇت نىسبىتى سىياسىتى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىز سانائىتىنى يىقىتىدۇ. بۇ بىر خەتەرلىك ئىستىراتىگىيلىك جەريان.جۇڭگۇ ھەم باشقا دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بۇ نۇقتىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ئەمما بۇ تارىخى باسقۇچتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
بىرنانكى تەمكىنلىكىنى بۇزماي ،ئۈن تىزسىز كۈتمەكتە. ئۇھەرقانچە داۋراڭ سالغان تەقدىردىمۇ جۇڭگۇنىڭ جۇ بانكا باشلىقىچىلىك غۇلغۇلا قوزغىيالمايدۇ.ئەمما ئۇ بىلىدۇكى ،جۇ شاۋ چۈەننىڭ " خەزىنە" سىنى تىرە-پىرەڭ قىلىش پەقەت ۋاقىت مەسلىسى خالاس.ياۋرۇ يەر بىلەن يەكسان بولغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ بىر نىشانى خەلق پۇلى.ياۋرۇ يىقىلغاندىن كېيىن ياۋرۇپا بېشىنى سېلىپ ياردەم سوراپ كەلگەن ۋاقىتتا خەلق پۇلىنى بىتچىت قىلىش ئوڭايلا ئىش بولىدۇ.ياۋرۇپا يىقىلىپ قالايمىقانلاشسا،ئاسىيامۇ يىقىلىپ قالايمىقانلاشسا ، يەر شارى سانائەت كاپىتالى قەيەردە خاتىرجەم ماكانلىشىدۇ، ئەلۋەتتە ئامىركا كەلگۈسى كاپىتالنىڭ جەننىتى بولىدۇ.
جۇڭگۇنىڭ تاۋار ئۆي سودىگەرلىرى ئۈمىدىنى ھۆكۈمەتكە يوللاپ،2009 –يىلىدىكىدەك مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى خام-خىيال قىلىدۇ.ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىمۇ شۇنداق مۆجىزىنىڭ بولىشىنى،يەرلەرنى يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقىرىپ نەتىجە قۇرۇلىشىنىڭ دەسمايىسىگە ئالماشتۇرۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. جۇڭگۇ ھۆكۈمېتىمۇ ئوبامانىڭ خەلق پۇلى پېرۋۇت نىسبىتى قانۇن لاھىيەسىنى رەت قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەبىئى ھەم ھەممەيلەنگە تونۇش،ھەتتاكى جۇڭگۇنىڭ تاۋار ئۆي سودىگەرلىرى " قەيسەر چوشقا " دىنمۇ ئۆتە قەيسەر چوشقا.
جۇڭگۇ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ياۋرۇ قانداق،مۇبادا ياۋرۇ بىخەتەر بولمىسا ، خەلق پۇلى قانداق بولىدۇ.
جۇڭگۇ ئۆي بازىرىنىڭ تەقدىرى خەلق پۇلىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
خەلق پۇلىنىڭ بىتچىت بولغانلىقى ئۆي بازىرىنىڭ بىتچىت بولغانلىقى.
سانائىتى خەلقئارالاشمىغان بىر دۆلەت پۇلنىڭ خەلقئارالق پۇل بولىشى مۈمكىن ئەمەس.ئىجتىمائى تۈزۈلمىسى خەلقئارالىق جەمئىيەت بىلەن ماسلىشالمىغان بىر دۆلەت پۇلنىڭ جەمئىيەتنى خەلقئارالىق پۇل مىخانىزىمى بىلەن تەمىنلىيەلىشى تەس. ئۆتكەن 10 يىلدا جۇڭگۇ قىلمىغان ۋە ئۆزگەرتمىگەن ئىش مۇشۇ ئىككى ئىشتۇر.
خەلقئارالاشتۇرۇش ئاساسى بولمىسا خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش يەنىلا چۈشتۇر.
بۇ بىر مەيدان قورقۇنۇچلۇق چۈشنىڭ بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمەن.
سۇمرۇغ تورىدىن كەمىنە تەرجىمە قىلدى.
مەنبە؛ http://blog.ifeng.com/article/14025774.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 04:57 PM