ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىدىكى بىر سەمەرە « قايناتما»
ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ پارلاق مەدەنىيتىنىڭ بىرى بولغان نان مەدەنىيتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا 3000 يىلدىن كۆپرەك ھەمرا بۇلۇپ كەلدى. يىللار ئەسىرلەر ئۈتۈپ نۇرغۇن نەرسىلەر ئاستا – ئاستا ئىستىمالىمىزدىن قېلىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ناندىن ئىبارەت بۇ خىل ئىسىل تائام ئىستىمالدىن قالماي بەلكى كۈندىن كۈندىگە تەرەققىي قىلىپ تۈرلىرى كۆپىيىپ ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئۇيغۇرلار مەيلى قانداق زامان ياكى ماكاندا بولسۇن ناندىن ئايرىلالمايدۇ .
نان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر قاتلىمىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان خۇرۇجنىڭ ئىشاش بولماسلىقىغا قاراپ تۈرلىرى تەرەققىي قىلغان ، تۈرلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە بىز «قايناتما » بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز .
قايناتما دېسە ھازىرقى نۇرغۇن بالىلار ۋە اشلار چۈشىنىپ كەتمەيدۇ . بۇخىل نان ئۇيغۇرلارنىڭ جاھالىيەت دەۋرىدە ( ئاپپاق خۇجا دەۋرىدە ) كۆپرەك ئىستىمەل قىلىنغان بوپلسا كېرەك چۈنكى بۇ نامراتلارنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپرەك سالماقنى ئىگىلەيدىغان نان تۈرى.
قايناتمىنىڭ تۈرى ئىككى خىل بۇلۇپ ، بىرى قايناتما يەنە بىرى بوغجىما دىيلىدۇ. بۇنىڭ پۇشۇرۇلۇش جەريانى .
ئاۋال ئۇچاقنى قىزتىۋالىمىز بۇ ئاساسەن ئۇچاققا يېقىپ پۇشۇرىلىدۇ . چۈنكى بۇ نان سۇۋۇپ قالسا يىيىشلىك بولمايدۇ. ئاندىن يۇمشاق تارتىلغان قۇناقنىڭ ئۇنىنى ( سۇ تۈگمىنىدە تارتىلغان ئۇن بولسا تېخىمۇ ياخشى ) تاسقاپ ئۇنى داسقا ياكى تاڭلىگە ئېلىپ ، پوروقلاپ قايناۋاتقان قايناق سۇدا قۇشۇق بىلەن يۇغۇرىمىز. ئادەتتىكى خېمىردىن سەل بوشراق بولىدۇ. يۇغۇرۇپ تاييارلانغان خېمىزنى زۇلا قىلىپ بۇغداي ئۇنىدا قۇغۇنلاپ ئۇچاققا ياقىمىز . بۇ نان پىشقاندىن كىيىن بىرخىل ئوتتۇرسى يۇمشاق سىرتى سەل قېتىشقان ھالدا بۇلۇپ قىزىق چاي بىلەن يېسىڭىز شۇنداق يىيىشلىك ياخشى تائام .
يەنە بىر تۈرى بوغجىما نان . بۇ نانمۇ ئوخشاشلا قايناتمىنىڭ بىر تۈرى بۇلۇپ، تەرتىپ ئاساسەن ئوخشاش ئوخشىمايدىغان يرى بۇ خىل ناننىڭ سىرتىغا بۇغداي ئۇنىدا جىلىت ئېچىلىدۇ ، جىلىتنىڭ ئىچىگە يۇقارقىدەك قىزىق سۇدا يۇغرۇلغان خېمىرنى ئالىمىز بۇنىڭ ئۇتتۇرسىغا پىياز بىلەن چۈچۈتۇلگەن ياغنى ئالىمىز، گۆش بىلەن قىيما قىلىپ ئالسىمۇ بولىدۇ . ( سامسىنىڭ ئوتتۇرسىغا سالغاندەك) ئۇنىڭدىن كىيىن قۇناق ئۇنىنى بۈرۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان جىلىتنى بۈرۇپ ھازىرقى گۆش ناندەك قىلىپ ياقىمىز . بۇ خىل نان پىشقاندىن كىيىن ئىچىدىكى ياغ قىزىپ سىرتىغا تېپىپ، ساپ-سېرىق بۇلۇپ ئۇچاقتىن چىقىدۇ. بۇخىل ناننىڭ پۇرىقىمۇ شۇنداق مىزلىك ھەم بەك يىيىشلىك بۇلۇپ، بۇرۇنلاردا تۇرمۇش ياخشى بولمىغان نامراتلارنىڭ ئالى تامىقى ھېسابلقىناتتى مېھمان چاقىرغان ۋاقىتلاردىمۇ ئىسىل تائام سۈپىتىدە مېچھمانغا تاييارلىناتتى . بۇناننى ئۇچاقتىن قۇمۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ئوتتۇرسىنى قۇشۇق بىلەن يەپ سىرتقى قىسمىنى قىزىق چايغا چىلاپ يېسىڭىز شۇنداق يىيىشلىك بۇلۇپ خۇددى ئاق پىتىر ياكى قاتلىمىغا ئوخشايدۇ.
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى.
ئەسەر ھۇقۇقى پەقەت چارتېكىنگىلا خاس خالىغانچە كۈچۈرمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 03:07 PM