ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر
ئۇ بولمىسا كۈلەلمەيمىز ئەركەكلەر ،
بەخت ئىچرە يۈرەلمەيمىز ئەركەكلەر ،
ھايات تەمى سۈرەلمەيمىز ئەركەكلەر ،
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
ياخشى ئايال ئائىلىنىڭ زىننىتى ،
ئەركەكلەرگە خۇدايىمنىڭ نىممىتى ،
ئاياللارسىز بولماس ھايات قىممىتى ،
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
زىبا ئايال بىز ئەرلەرنىڭ ئامىتى ،
ئەل ئالدىدا دۆلىتى ھەم سۆلىتى ،
ئۇ بولغاچقا ئاشۇر ئەرنىڭ ھۆرمىتى ،
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
بولىدۇ ئۇ گاھى تۇمۇزدا سايە ،
بولۇدۇ ئۇ ئىشەنچ، چىدام ھەم غايە ،
جىمى دەردكە بۇلۇر ھەتتا كۇپايە م
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
شادلىقى ئۇ ، مەڭگۈ بالا- چاقاڭنىڭ ،
پاكىزلىغى دائىم چىنە- قاچاڭنىڭ ،
رازىلىغى ئۇلۇغ ئاتا - ئاناڭنىڭ ،
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
ئەرنى تۇققان ئانىلارمۇ بىر ئايال ،
ئۆز-ئۆزۈڭگە قويۇپ باققىن بىر سۇئال ،
ئاياللارنىڭ ئىسمى نىمىشقا ئايال ،
ئاياللارنى ئايايلى بىز ئەركەكلەر .
ئاپتورى: مىليونىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 12:55 PM