نېمىشقىمۇ تۇققانسىز مېنى
(ئۇچقۇنى)
جېنىم ئانا سورىۋالاي بىر ،
ئاق ھىدىنى پۇرىۋالاي بىر.
بېسىپ تۇتقان شۇ خۇمارىمنى،
قېنىپ-قېنىپ ئۇرىۋالاي بىر .
قىسىپ يىگەن دارىڭىزنى بىر،
سېتىپ بىسات بارىڭىزنى بىر.
مۇرادىغا يەتكۈزۈڭ ئانا،
يالغۇز يۈرەك پارىڭىزنى بىر.
توسماڭ ئانا ھەۋىسىمنى بىر،
كۆرمەڭ ھايۋان رەۋىشىمنى بىر.
ھايات زۇلمەت مىنۇت چەكمىسەم،
بوغار ئۇ ھەر نەپىسىمنى بىر.
ئاق كەلمىسە نېنىڭىزغا بىر،
سېتىپ ئېلىڭ قىنىڭىزغا بىر.
ئاچچىقىمدا مەن بىرىپ قالماي،
مۇش كۆتۈرۈپ يېنىڭىزغا بىر.
چىرماپ ئالدى ھۇجۇدۇمنى بىر،
سۈرەلمىدىم ھوزورۇمنى بىر.
يا بەرمەيسىز پىچاقنى ماڭا،
كىسەي دىسەم تومۇرۇمنى بىر.
كىشەن باردۇر پۇت-قولۇمدا بىر،
تىكەن ئۆسكەن ھەر يولۇمغا بىر.
نىمىشقىمۇ تۇققانسىز مىنى،
دۇچار قىلىپ دەرد زۇلۇمغا بىر .
مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012.1.7 ۋۇخەندە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 03:22 PM