مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1713|ئىنكاس: 14

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72545
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3754
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:59:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ۋە ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››


قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي





مۇھەممەتتۇرسۇن سىدىق



‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى ››-11-ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنىسكلوپىدىيە خاراكتېرىلىك تۈرك تىلى لۇغىتى بولۇپ، 11-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ئومۇمىي قامۇسى ھېساپلىنىدۇ.
‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دۇنياغا كەلگەن مىڭ يىلنىڭ مابەينىدە، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا بىردە ئاشكارا بولۇپ، بىردە يوشۇرۇلۇپ، ئالىملار تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىلمىي مەدھىيە، ئېتراپقا ئېرىشكەن، ئەتىۋارلاپ ساقلىنىشقا، قەدىرلەپ ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ كەلگەن. ‹‹ دىۋان ›› ئەسلى ئەرەپچە يېزىلغانلىقتىن دەسلەپتە باغداد، مىسىر قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ، مۇتالىئە قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ①، ئىلىم دۇنياسىغا تولۇق مەلۇم بولۇشى تېخى مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئىش.
ھىجىرىيىنىڭ 466 (مىلادىيە1073-1074)-يىلى باغدادتا يېزىلىپ قولدىن چىققان بۇ ئەسەر كېيىنكى دەۋرلەردە كۆپ قېتىم كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان بولسىمۇ، بىزگىچە بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت بىرلا نۇسخىسى يېتىپ كەلگەن.
مىلادىيە 1266-يىلى(‹‹دىۋان››يېزىلغان ۋاقىتتىن 192يىل كېيىن) ئىرانلىق مۇھەممەت بىننى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئوبۇلفەتھى تەرىپىدىن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئۆز قوليازمىسىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ نۇسخا 1910-يىللىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھرىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇنى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن نازپىبەينىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن بولغان بىر ئايال ساقلىغان ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىتابپۇرۇش ئارقىلىق 1914-يىلى دىيارى بەكرىلىك ئەلى ئەمىرگە ساتقان. تۈركىيىنىڭ كىلىس ۋىلايىتىدىن مۇئەللىم رىفئەت بىلگە بۇنى ئاڭلاپ، ئەلى ئەمىرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئەسەرنى 1915-، 1917-يىللىرى ئۈچ توم ھالدا مىخ مەتبەئەدە باستۇرغان.ئەنە شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەر پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولۇپ، تېزلىكتە ئالىملارنىڭ دىققىتىنىى قوزغىدى.
1930-، 1940-يىللاردا، مارتىن ھارتمان، بىروككېلمان قاتارلىق نېمىس ئالىملىرى، بېسىم ئاتالاي، دەھرى دىلچىن قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى تۈرك ئالىملىرى بۇ ئەسەرنى بەس-بەستە تەتقىق قىلىپ، ئىلمىي ماقالىلەر يېزىشتى، ئېندىكىس ئىشلىدى ھەم نېمىس، تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشتى.
بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، كۆپلىگەن ئەللەر ئالىملىرى ئوخشىمىغان ھالەتتە تەتقىق قىلىشىپ، ھېلىھەم تەتقىقاتىدىن قانائەتلەنمەي باش قاتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»يەنىلا ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ يېگانە نامايەندىسى ھالىتىدە چاقناپ تۇرماقتا.
ئەپسۇس، ئالىملارنىڭ نەزەرىدە ئەنە شۇنداق يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئەسەر بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر ئالىمى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇشىغا قارىماي، خەلىقىمىز بۇ ئەسەرنى تولىمۇ كېچىكىپ بىلدى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇلىشىغا دائىر بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بىر زامانلاردا، ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىپايان باغرىدا ئارغىماقلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن ئوت چاچرىتىپ، سەييارىلەردەك ئەركىن ۋە بىمالال ياشاپ ئۆتكەن، شۇنداقلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەدەنىيەت مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، تۈركۈم –تۈركۈم مەرىپەت يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتىپ، مەدەنىيەت ئاسمىنىنى بېزىگەن» خەلقىمىز «يىپەك يولىنىڭ چۆلدەرىشى بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلگەن ئەسەبىي ئىشانچىلىق، دىنىي خۇراپاتلىق، مۇتەئەسسىپ نادانلىق، دەم كوتا – قۇلچىلىق، تۈگىمەس ھەم ئەرزىمەس تەپرىقىچىلىك، شۇنداقلا زۇلۇم –زالالەت قۇيۇنلىرى ئىچىدە قارا تەقدىرنىڭ قۇچىقىغا يىقىلغان»② بولۇپ، مەنىۋى تۇرمۇش دېگەنلەردىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.
خەيرىيەت، «19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئەيتاۋۇر باشقا ئەللەردە ياڭرىغان مەرىپەت قوڭغۇرىقىنىڭ ساداسىدىنمۇ ياكى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ دەھشەتلىك خورەك ئاۋازىدىنمۇ بەزى ئەقىل –ھۇشى ۋە ئىمان – ئېتقادى سەزگۈر كىشىلەر بالدۇر ئويغىنىپ»③خەلقىمىزنىڭ دەردىگە داۋا ئىزدىدى. ئىلىم ئىزدەش ياكى سودا–تىجارەت قىلىش يولى بىلەن جاھان كۆرگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرى بۇ ئىزدىنىشنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى بولۇپ قالدى.
يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مەشھۇر دېمۇكىراتىك شائىرلىرىمىزدىن بىرى، تارىخچى ۋە نەشىرىياتچى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مانا مۇشۇ ئىزدىنىشكە يېقىندىن ھەمكار – مەدەتكار بولغان بىر ئەزىمەت ئىدى.
ھاياتىنى پۈتۈن ئۆمرى غەپلەتتە قالغان مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا مەرىپەت تارقىتىش، مىللىي مەدەنىيەت ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مىللىي نەشىرىياتچىلىق، مەدەنىي ئاقارتىشتەك مەنىۋى كۈرەشلەرگە ئاتاپ، شۇ كۈرەشلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ساپ مىللىي غۇرۇرى، پاك ئىمان–ئېتقادى بىلەن ياشىغانلىق «گۇناھى»ئۈچۈن ھۆكۈمران جاھالەت كۈچلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بۇ مەرىپەت –مەدەنىيەت جەڭچىسى 1876 – يىلى قەشقەر شەھرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە ئابدۇرېھىم بەگ ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر يەرلىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەدرىسلەردە ئوقۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئەرەب–پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. 1908–يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلغىلى بېرىپ، قايتىشىدا مىسىردىكى «جامىئۇل ئەزھەر دارىئۇلۇم»ىغا ئوقۇشقا كىرىپ مەخسۇس ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام قانۇنلىرىنى ئۆگەنگەن. ئوقۇشنى تۈگەنكەندىن كېيىن تۈركىيىگە كەلگەن. شۇ چاغلاردا تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھاتچىلىق (جەدىتچىلىك) ھەرىكىتى تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە يېڭى مۇھىتنى–جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئىجتىمائىي تەرەققىيات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. جاھان كۆرۈپ مەلۇم جەھەتلەردە يېڭىچە ئىدىيۋى تونۇشقا كېلىۋاتقان قۇتلۇق ھاجى بۇ يېڭىچە مەنزىرىنىڭ تەسىرىدە ئىستانبولدا قېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئالىي بىلىم يۇرتىغا كىرىپ ئوقۇغان. مۇشۇ جەرياندا تۈركىيىدە مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جاھالەتكە، قالاقلىققا، مۇتەئەسسىپلىككە قارشى يېڭىلاش (ئىسلاھات–جەدىتچىلىك)كۈرىشى قۇتلۇق ھاجىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ نامرات، قالاق ھالىتىنى–قۇللۇق تۇرمۇشىنى پەقەت ئىلىم–مەرىپەت ئارقىلىق خەلقنىڭ روھىي– مادارىنى قوزغاپ، يېڭىلىققا يېتەكلىگەندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ.
ئىستانبولدا ھەر قايسى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش جەريانىدا، تۈرك ئەللىرىنىڭ تارىخى، مەدەنيىتىگە دائىر بىلىملەرنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ھەر جەھەتتىن بىلىمىنى مۇستەھكەملەيدۇ.1917–يىللىرى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن قۇتلۇق ھاجى ۋەتەن، مىللەتنى جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇپ، مەلۇم نىيەت– مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈش بىلەن بىللە، شۇ يىللىرى تۈركىيىدە بېسىلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مىللەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى دەپ قاراپ بىرگە ئالغاچ كېلىدۇ.
قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر بايلار ۋە زىيالىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەر جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 1918–يىلى مىخ مەتبەئەدە «ئاڭ گېزىتى»نى نەشىر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېمۇكىراتىك ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىدۇ.مىللىي ئويغىنىش، جاھالەتكە قارشى تۇرۇش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش بۇ گېزىت ياڭراتقان جاراڭلىق سادا بولغانلىقتىن بىر مەزگىل چىقىپلا، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پېچەتلىنىپ، توختىتىپ قويۇلىدۇ.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى «ئاڭ» گېزىتىنىڭ پېچەتلىنىشى بىلەن تەڭلا، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، قەشقەردىكى مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ياردىمىدە موللا نازىم، نورۇز يۈسۈپى قاتارلىق شائىرلار بىلەن بىرلىشىپ، مللىي ئويغىنىش، ئىلىم– مەرىپەت ئۆگىنىش مەزمۇن قىلىنغان جەڭگىۋار شېئىرلىرىنى توپلام قىلىپ، «ئويغان ۋە ئىنقىلاب ئەشئارلىرى»، «ئاسارەت ۋە زالالەتكە ئوت ياق» دېگەن ناملار بىلەن 1920– ۋە 1924– يىللىرى مىخ مەتبەدە باستۇرۇپ تارقىتىدۇ.④
خەلققە مىللىي مەدەنىيەتنى تونۇتۇش، ئەجدادلار روھىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي روھنى ئويغىتىش، ئەزىز ۋەتەننىڭ، ئانا ماكاننىڭ قەدىر– قىممىتىنى تونۇتۇش– قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىچە پائاليىتىدۇر.
قۇتلۇق ھاجى شەۋقى ۋەتەن– مىللەتنىڭ قەددىنى كۆتىرىش يولىدىكى بۇ پائاليەتلىرىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»ۋە مەھمۇد قەشقىرى توغرۇلۇق خەلقىمىزگە تۇنجى مەلۇمات بەرگەن ئىلىم ئىگىسى بولۇپ قالىدۇ.
ھازىرغىچە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشتە بولغان تەتقىقاتچىلار بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ 1940– يىللاردىن كېيىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، 30– يىللاردىلا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىپ كەلدى.⑤
دەرۋەقە، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار يېتەرلىك بولمىسىمۇ، لېكىن قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بەزى ئەسەرلىرىدىن ۋە مەھمۇد قەشقىرى مازىرى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەردىن بۇ ھەقتە خېلى ئىشەنچلىك تونۇشقا ئاساس تاپالايمىز.
مەلۇمكى، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باشقا ئىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماستىن، ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى پۇختا بىلىشىنىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىشلەردە بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيىدىن قايتىشىدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى بىرگە ئېلىپ كېلىشىمۇ مەقسەتسىز ئەمەس ئىدى. ئۇ يەنە 1936– يىلى قەشقەر شەرئى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى، داڭلىق ئالىم موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان مەھمۇد قەشقىرى مازىرىغا كىتاب ۋەخپە قىلغانلىق ھەققىدىكى تارىخىي ھۆججەتنى تېپىپ ساقلىغان.⑥قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «قەشقەر» ناملىق غەزىلى خەلقىمىزگە مەھمۇد قەشقىرى ۋە

«تۈركىي تىللار دىۋانى»ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ئەسەردۇر:

كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،
ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.
خەلق ئۈچۈن قۇربان بولۇپ، دۈشمەن بىلەن قىلغان كۈرەش،
ئول شەھىدۇ قەھرىمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر.
نۇر چېچىپ «قۇتادغۇبىلىك» خەلقنى قىلغان بەختىيار،
خاس يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر.
يادىكار ئەيلەپ جەھانغا يازدى «دىۋانى لۇغەت»،
مەھمۇدىل قەشقىرى كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر.
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چېچىپ،
بۇ شەھەردە كۆپلىگەن خەلق ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر.


      مانا بۇ يالقۇنلۇق مىسرالار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن، مىللىتىمىز تارىخى ھەققىدىكى نىسبەتەن كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مۇشۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق مىللىتىمىزگە ئۆز تارىخىنى تونۇتۇپ، مىللەتنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنيىتىنى، باتۇر، پاراسەتلىك، كۆرەشچان ئوغلانلىرىنىڭ، ئالىملىرىنىڭ پائاليەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، مىللەتنى ئەجدادلار ئىزىدىن مېڭىپ، ئىلىم– مەرىپەت بىلەن قۇراللىنىپ، قۇللۇق– مەھكۇملۇق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ،قەد كۆتۈرۈش يولىغا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش مەقسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەن.⑦ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرى تۈرك (ئۇيغۇر)تىلىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئىجتىھات قىلغانلىقىنى، توسالغۇلار ئالدىدا قانچىلىك جاسارەت كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن قۇتلۇق ھاجى شەۋقى مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ، ئەسەرنى ھەرتەرەپلىمە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەرجىمىنى ئىمكانقەدەر پىششىق قولدىن چىقىرىشقا تىرىشقان. ئۆگىنىش جەريانىدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەرەب–پارس تىللىرى بىلەن تەڭ بەيگىگە چۈشكەن تۈرك (ئۇيغۇر) تىلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ يۇقىرى، مەزمۇنغا باي تىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئىچ– ئىچىدىن سۆيۈنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق زىيالىيلار يېتەكىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىل جەھەتتىنمۇ يېڭىلىققا يۈزلىنىپ، مىللىي تىلنى ساپلاشتۇرۇش (تىلىمىزدىكى ئەرەب- پارس تىلى ئارىلاشمىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا مىللىي تىلىمىزدىكى خاس سۆزلۈكلەرنى سەپلەش)، ئورتاق ئەدەبىي تىل بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە «ئانا تىل نەزمىسى» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، خەلقىمىزگە ئانا تىلنىڭ قەدىر– قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقان:


ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر!


تولۇق ۋە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بۇ شېئىر ھەققىقەتەنمۇ ئىسمى–جىسمىغا لايىق «ئانا تىل نەزمىسى»دۇر.
1933-، 1934– يىللىرى يەنە ئارقا–ئارقىدىن «ئەركىن ھايات»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرىنى چىقىرىپ تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ مىللەت، ۋەتەننى زۇلۇم ئىلكىدىن ئازاد قىلىش يولىدىكى ئۇلۇغۋار ئىستەكلىرىنى تەشۋىق قىلغان قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بۇ گېزىتلەردە يەنە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەر، ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلىدۇ. مەشھۇر تارىخىي ئەسىرى «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر»نى يازىدۇ.
خەلقنى قۇللۇق ئىسكەنجىسىدە تۇتۇپ، يىلىكىنى شۇراپ، ئۆزىنى سەمرىتىپ كەلگەن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىرى، خەلقنى ئويغىتىش يولىدا پائاليەت ئېلىپ بارغان ئوغلانلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە تۇتقۇن قىلىدۇ. شۇ قاتاردا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىمۇ قامايدۇ.ئاخىر 1937–يىلى 5–ئايدا پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.تارىخ، مەدەنىيەتكە دائىر مىللىي مىراسلىرىمىزنىمۇ يىلتىزىمىزنى قىرقىشنىڭ بىر يولى سۈپىتىدە يوقىتىشقا يۈزلەنگەن جاللات ھۆكۈمەت سانسىزلىغان قەدىمكى كىتاب جاۋاھىرلىرىمىزنى يىغىپ كۆيدۈرىدۇ.قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ توپلىغان كىتاب–ماتېرىياللىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرىمۇ شۇ چاغدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئازغىنە ئەسەرلىرى ئەينى يىللاردا چەتئەل گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ۋە بەزى پىشقەدەملىرىمىزنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىدىن ئىبارەت.
يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مىللەت، ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئېزىلگەن مىللەتنىڭ شانۇ شەۋكەتلىك تارىخىي مىراسلىرىنى ھەققىي قەدىرلەش، توپلاش، تونۇتۇشنىڭ ئۆچمەس نامايەندىسى سۈپىتىدە پائاليەت قىلغان مەرھۇم قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى زۇلمەتلىك زاماننىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلى ئاخىرلىشالمىغاننىڭ ئۈستىگە ئىز– دېرەكسىز يوقتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پاكىتلىق قاراشلار قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت مىللەتنىڭ بىباھا ئەڭگۈشتىرىگە خېلى بۇرۇندىنلا چوڭقۇر ئىپتىخار ۋە ئىخلاستا بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئىزدىنىش يولىدا كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىنى موقىملاشتۇرىشىمىزغا ئىمكان بېرىدۇ.
ھازىر قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابى ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلانماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن قەشقەر رايونىنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخى بىرقەدەر مۇپەسسەل يۇرۇتۇلغان بۇ كىتابنى ھازىرچە كۆرۈپ پايدىلىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمىسەكمۇ، بۇ ئەسەردە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە مەھمۇد قەشقىرى ھەققىدە خېلى تەپسىلىي بايانلار يوق دەپ ئېيتالمايمىز.
شۇڭا، بىز 20–ئەسىرنىڭ 30–يىللىرىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن ئىبارەت بۇ مىللەت سۆيەر ئوغلانىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى تۇنجى بولۇپ خەلقىمىزگە تونۇشتۇرغان ۋە تەرجىمە قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تارىخىمىز سەھىپىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە، ئەجدادلار تارىخىنى بىلىش، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان بىباھا مىراسلىرىمىزنى قەدىرلەش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمەلىي پائاليەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشىمىز لازىم.

ئىزاھاتلار:
①«تۈركىي تىللار دىۋانى» 1 – توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981 – يىل نەشىرى، كىرىش سۆز 42 -، 43 – بەت.
②③ م. سىيىت، ي. رۇزى: «مەمتېلى ئەپەندى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997 – يىل نەشىرى، سۆز بېشى 2-، 3 – بەت.
④ ن.زامان: «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ»، «تارىم» ژۇرنىلى 1986– يىل 11– سان 112– بەت.
⑤ غ. سەدىۋاققاسوپ: «‹تۈركىي تىللار دىۋانى›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ھەققىدە»، «بۇلاق»1997-يىل 1 – سان 118– بەت.
⑥ مەزكۇر ھۆججەتنى يېقىنقى يىللارغىچە ساقلاپ، مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنىڭ ئېنىقلىنىشنغا زور تۆھپە قوشقان پېشقەدەم تارىخچى ئۆلىما، قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئوغلى مەرھۇم ئىمىر ھۈسىيىن قازى ئاخۇنۇم بۇ ھۆججەتنىڭ ئاتىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن قالغانلىقىنى ئېيىتقان. «مەھمۇد قەشقىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1965 – يىل نەشىرى، 97 – بەت.
⑦ ئەدەبىياتشۇناس ھاجى ئەھمەد كۆل تېكىن ئۆزىنىڭ «دېڭىز ئۈنچىلىرى» دېگەن كىتابىدا قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى مەمتېلى ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. «دېڭىز ئۈنچىلىرى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى، 1983 – يىل نەشىرى، 195 – بەت.

( ئەسكەرتىش: بۇ ھەقتە پاكىتلار يىتەرلىك ئەمەس شۇڭا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىينىڭ «تارىخى شەھەر، ۋاقىئاتى قەشقەر» ناملىق تارىخ كىتابىنى نەشىرگە تەييارلاپ كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم بىر ئىشتۇر.)

مەنبە: ‹‹بولاق››2001-يىللىق1-سانىدىن
شەۋقىي مۇنبىرىدىن زۇمرەت يوللامنىسى
ئەمسلى مەنبە:http://www.shewqiy.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

شەۋقىي مۇنبىرى سىزنى قارشى ئالىدۇ! http://www.shewqiy.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9843 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 12:17:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا،قۇتلۇق شەۋقىنىڭ ئوغلى ،قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى ئىمىر ھۈسەيىن قازى  ھاجىنىڭ تەرجىمالىنى،يېنىدا ساقلاپ يۈرگەن،مەھمۇد قەشقىرى مازىرىنى بېكىتىشتە بىرىنجى قول پاكىت بولغان ۋەخپىنامە‹‹مەسنەۋى شېرىف››نى بىر ئەۋەتىپ،كۆرسەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن!
مەن ئاشۇ ۋەخپىنامىنى بۇرۇن بىر ژۇرنالدا كۆرگەن،لېكىن،ھازىر تاپالمىدىم.مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 04:18 PM  


زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3548
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19121
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8358 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 01:01:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن بۇ . مەن بۇرۇن بىر توردا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نەسەبىنىڭ قۇتلۇق ھاجى شەۋقىگە كېلىپ توختىغانلىقىنى ئۇقۇغان ئىدىم . بۇرۇنقى شەبنەم مۇنبىرىمىكىن ئىسىمدە قالماپتۇ كۆرىپ ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار كۆپچىلىك تەڭ بەھرىلەنسۇن!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qartekin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 01:01 PM
ياخشى تىمىكەن بۇ . مەن بۇرۇن بىر توردا مەھمۇد قەشقىرىنى ...

ئۇلارنى بىر ئەۋلات دىمەكچىمۇ!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ھايات ھىيلىگە تولغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69176
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4384
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئىلگىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى  توغرىسىدا  ئاڭلىغان بولساممۇ  يۈزەكىرەك بولغان ئىكەن،  ھازىر خېلى يامان ئەمەس چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم.

تىنىچلىق بىلەن  قولغا كەلتۇرەلمىگەن نەرسىنى مۇشىت بىلەن قولغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 02:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يورۇق كۆرگەن قەلىمىدە «ئەركىن ھايات»گېزىتىى،
ۋەتاەنپەرۋەر ئىگىلمەس روھ سىڭگەن ھەر بىر قۇرىغا.
«ئويغاندى» دەپ يازغان شىئېرى مارشى بولۇپ ئەل يۇرتنىڭ،
زالالەتنى قوغلاپ ماڭغان  ئاخرەتكە - ئورىغا.

                                     ---- ئەركىن ئابدۇقادىر

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11325
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 03:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ئەجرىڭىزگە بىلمەيدىغان يەنە بىر تارىخى شەخىس توغرىسىدا
چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم . بۇنىڭدىن  كىيىنمۇ ئىزدىنىپ مۇشۇنداق ئاتا-بوۋىللىرىمىز
،تارىخىمىز توغرىسىدا ياخشى بولغان تىمىلارنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !!!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 04:02:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 919
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 04:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم.

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72582
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-7 04:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qartekin يوللىغان ۋاقتى  2012-1-7 01:01 PM
ياخشى تىمىكەن بۇ . مەن بۇرۇن بىر توردا مەھمۇد قەشقىرىنى ...
ياخشى تىمىكەن بۇ . مەن بۇرۇن بىر توردا مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نەسەبىنىڭ قۇتلۇق ھاجى شەۋقىگە كېلىپ توختىغانلىقىنى ئۇقۇغان ئىدىم . بۇرۇنقى شەبنەم مۇنبىرىمىكىن ئىسىمدە قالماپتۇ كۆرىپ ساقلاپ قويغانلار بولسا يوللاپ قويساڭلار كۆپچىلىك تەڭ بەھرىلەنسۇن!~


   سىز ئىزدىگەن مەزمۇن يەنە بۇ تېما ئەسلى مەنبەسىدە بار  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   chopan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-7 05:01 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش