كاتتا مۇكاپات
ھايۋانات دۇنياسىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش توغۇرلۇق بەس مۇنازىرە قىزىپ كېتىپتۇ .
مۈشۈك ئېيىق دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئالدى بىلەن ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ كۆزۈمنىڭ ئەتىراپىدىكى قارا داغلارنى داۋالىتىمەن ، ئاندىن تازا كېلىشتۈرۈپ بىر پارچە سۈرەتكە چۈشىمەن .
تۆگە دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئالدى بىلەن دۈمبەمدىكى لوكامنى تۈزىتىمەن ، ئاندىن چۆل - جەزىرە ، قۇملۇقلارغا بىرقانچە جۈمەك ئورنىتىمەن .
ھەسەل ھەرىسى دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام تازا ھەشەمەتلىك داچىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ، ھازىر ئولتۇرىۋاتقان قىستاڭ ئوپچە ياتاقتىن كۆچۈپ كېتىمەن .
ياۋا تاغىل ئات دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام دەرھال بەدىنىمگە چەكتۈرىۋالغان گۈللەرنى ئۈچۈرگۈزىۋېتىمەن ،
شۇنداق قىلسام باشقىلار مېنى << لۈكچەك >> دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قالمايدۇ .
كىت دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئەڭ ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇقلايمەن ۋە ھەممىنىڭ دىقىتىنى تارتىدىغان زىلۋا مودىلغا ئايلىنىمەن .
ئېيىق دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا بېرىپ ئوخشۇتۇپ قورۇلغان << مايدا پىشۇرىلغان ئادەم تاپىنى >> دىن بىر كىشىلىك بۇيرۇتۇپ تازا مەززە قىلىپ يەپ ھۇزىرىنى سۈرىمەن .
شىر دەپتۇ ؛
_ كىشىلەر مېنى تولغىما ئۇسۇل ناخشا چولپىنىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايسەن دىيىشىدۇ ، ئەگەر مەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىگى ئۆتكۈزۈپ پىلاستىنكا چىقىرىمەن .
تاشپاقا دەپتۇ ؛
_ ئەگەر مەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام قېرىغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىمەن . 60 ياشتىن باشلاپ قېرىغاندا بېقىنىش سۇغۇرتىسى ئالغىلى تۇرسام ھەتتا مىڭ يىل ئېلىشىم مۈمكىن ، مانا بۇ تازا كۈڭۈلدىكىدەك ھىسابات بۇلىدۇ .
مەنبە ؛ 2010 - يىل 7 - سان << شىنجاڭ ياشلىرى >> ژۇرنىلى .