ئەدلىيە ئىمتىھان تەسىراتىم
2008 – يىلى ، مەن دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تەكرار قىلىشقا باشلاپ ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىپ قاتناشتىم . گەرچە بۇ ئىمتىھاندىن بىر قېتىمدىلا ئۆتۈپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق ئىمتىھاننى بىرىپ بولۇپ ئۆتۈش – ئۆتمەسلىكىم ئېنىق بولمىغان مېنۇتلاردا دەككە – دۈككىدە يۈردۈم . ئاخىرى ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدىغان مېنۇتلارمۇ يىتىپ كىلىپ 405 نۇمۇرلۇق نەتىجە بىلەن ئىمتىھاندىن ئۇتۇقلۇق ئۆتتۈم . ماڭا ئوخشاش ئاللىبۇرۇن سوتچى بولۇپ بولغانلار ئۈچۈن بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش – ئۆتمەسلىك كەسپى جەھەتتە ئاز – تولا ياردىمى بولغاندىن باشقا ئاساسەن ئەھمىيىتى بولمايتى . بىراق مەن ئىنتايىن شاتلاندىم . نىمىلا دىگەن بىلەن بۇ مەن ئۈچۈن بىر قېتىملىق قىممەتلىك تەجىرىبە – ساۋاق پۇرسىتى بولغانىدى .
بەزى ۋاقىتلاردا بىراۋنىڭ تەجىرىبە – ساۋاقلىرى ، نەسىھەتلىرى باشقىلار ئۈچۈن ھەتتا ئابىدە خارەكتىرلىك رولىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن . دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا بىر قېتىم قاتناشقاندىلا ئاندىن بۇ ئىمتىھاندىن ھەقىقى تەسىراتقا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن . 2008 – يىلى بۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ قاتنىشىش ئارقىلىق مەندەبۇ ئىمتىھانمۇ باشقا ئىمتىھانلاردەكلا ئادەتتىكى ئىمتىھانكەن . بۇ ئىمتىھاندىنمۇ تىرىشسا ئۆتكىلى بولىدىكەن ، دىگەن قاراش شەكىللەندى . نەزىرىمدە ، 2008 – يىلى بۇ ئىمتىھاندا ئۇتۇق قازىنىشىمدا مەھكىمىمىز رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنى قوللىشى ، كۆڭۈل بۆلۈشى ئاساسلىق سەۋەب بولدى ، دەپ قارايمەن . بولۇپمۇ مەھكىمە باشلىقىمىزنىڭ ئۆزى بىز بىلەن بىللە بۇ ئىمتىھانغا قاتناشقانلىقى ماڭا بىر تەرەپتىن بىسىم ئىلىپ كەلگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى .
بۇ يەردە مەن دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش داۋامىدىكى تەجىرىبە – ساۋاقلىرىمنى بىر قۇر بايان قىلىش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىشنى لايىق تاپتىم :
1. دەرىسلىك ماتىرىياللارنى تاللاش جەھەتتە :
دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كۆرۈشكە تىگىشلىك ماتىرىياللار بىر قەدەر كۆپ . بولۇپمۇ بۇ ئىمتىھانغا تۇنجى قېتىم قاتناشقانلار ئۈچۈن ماتىرىياللار تۈرىنىڭ كۆپلىكىدە قايسىسىنى ئۆگىنىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بەلگىلەپ بەرگەن ئەدلىيە ئىمتىھان ماتىرىيالى (ئۈچ چوڭ كىتاب 三大本) ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم ، بىراق بۇ كىتابنىڭ نەزەرىيىۋىچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ، كۆرۈش داۋامىدا زىرىكىپ يىرىم يولدا بەل قويۇۋىتىدىغان ئەھۋال يۈز بىرىپ قالىدۇ . شۇڭا كۆپچىلىككە بۇ كىتابنىڭ ئوموميۈزلۈك كۆرمەي ، نەزەرىيىۋىچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك مەزمۇنلارنى سىنايدىغان قىسىمىنى تاللاپ كۆرۈپ چىقىش تەكلىپىنى بىرىمەن . دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھان ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باققانلار ياكى باشقا نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئىھتىمال بىلىشى مۇمكىن : قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيىسى ۋە قانۇنچىلىق تارىخى مەزكۇر (ئۈچ چوڭ كىتاب 三大本) تىكى زۆرۈر كۆرىدىغان مەزمۇنلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەزمۇنلار دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ 4 – يۈرۈش ئىمتىھان سوئالىدىكى سوئال مەزمۇنىغا تاقابىل تۇرۇشتا ياردىمى بولىدۇ . دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى ھەقىقى سوئاللىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ خۇلاسىلىگەن (ئاق تاشلىق كىتاب 白皮书) نى مەشق قىلىپ ئىشلەپ بىقىشقا بولىدۇ . بىراق يەنىلا ئوموميۈزلۈك ئىشلىمەسلىك كېرەك ، چۈنكى ئاق تاشلىق كىتابتىكى سوئاللارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ ، بۇ كىتاب بىر يۈرۈش 8 دانە كىتاب بولۇپ ، قېيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ، ئېھتىمال تولۇق ئىشلەپ بولۇشقا ۋاقىتىڭىز يار بەرمەسلىكى مۇمكىن . تۈمەن ئۇلۇس (万国) نىڭ لىكسىيىسى (بۇ بىر يۈرۈش 6 دانە كىتاب بولۇپ ، كەمىنە كۆپچىلىككە دەل مۇشۇ كىتابنى ئىككىلەنمەي تەۋسىيە قىلىمەن ) بىر قەدەر مۇۋاپىق تۈزۈپ چىقىلغان ماتىرىيال بولۇپ ، بولۇپمۇ پروفىسور لى جيەنۋىي (李建伟) تۈزۈپ چىققان ھەق تەلەپ قانۇنى ناملىق كىتاب تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن تۈزۈپ چىقىلغان ياخشى كىتاب دەپ قارايمەن . بۇ كىتابتىكى ئوخشىتىشلار يۇمۇرىستىك بولۇپ ، يېزىلاردىكى كۆپلىگەن ئەمەلى دىلو مىساللىرىنى ئىشلەتكەن . بولۇپمۇ بىزدەك يېزىلاردا تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققانلار ئۈچۈن بۇ كىتاب ئەستە تۇتۇشقا قولايلىقكەن . دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى سوئالىدا ھەق تەلەپ قانۇنى قىسمى بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ ، ئادەتتە 100 نۇمۇر ئەتراپىدا مەزمۇن ئىگەللىمەكتە . ھەق تەلەپ قانۇنى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا مەزكۇر ئىمتىھاندا ئىگەللىگەن قىسمى ئەڭ يۇقىرى دىيىشكە بولىدۇ . شۇڭا كۆپچىلىككە ھەق تەلەپ قانۇنى قىسمىنى نوقتىلىق تەكرارلاش ئوبىكىتى قىلىپ كۆرۈپ چىقىش تەكلىپىنى بىرىمەن . تۈمەن ئۇلۇس (万国) ھەق تەلەپ لىكسىيىسى ناملىق كىتابنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىنىڭ ياخشى بولۇشى مەزكۇر كىتابنىڭ ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ سېتىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب دەپ قارايمەن .
2. ئۆگىنىش ۋاقتى جەھەتتە :
دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا چوقۇم يىتەرلىك تەكرارلىق قىلىش ۋاقىت كاپالىتى بولۇشى كېرەك ، كىتاب كۆرمەي تەلەيگە بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كىتىش مۇتلەق مۇمكىن بولمايدىغان ئىش . سىزنىڭ نەزەرىيىۋى بىلىمىڭىز ھەر قانچە پۇختا بولغان تەقدىردىمۇ ، بۇ ئىمتىھاننىڭ چىتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولىدۇ (ئېھتىمال بۇ ئىمتىھاننىڭ چىتىلىش دائىرىسنىڭ بىر قەدەر كەڭ بولۇشى بۇ ئىمتىھاننىڭ جۇڭگودىكى 1 – قېيىن ئىمتىھان بولۇپ ئاتىلىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ) . سىزنىڭ ئەستە تۇتىۋىلىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇ ئىمتىھاندا بەلگىلىك پايدىسى بولۇشى مۇمكىن ، بىراق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىدا بۇلا كۇپايە قىلمايدۇ ، يەنىلا ھەر بىر مەزمۇننى چۈشىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك . ھەر كۈنلىكى نەچچە سائەتلىپ دەرس كۆرۈش مېنىڭچە بەك مۇھىم ئەمەس . مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىدا . كەيپىياتىڭىز ياخشى ۋاقتىدا كۆپرەك ماتېرىياللار كۆرۈڭ ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغان ۋاقىتلاردا ماتىرىيال كۆرمەڭ . ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا خىزمەتتىن ئايرىلىپ تۇرۇپ تەكرارلاشمۇ بىر قەدەر مۇھىم .
3. ئۆگىنىش ئۇسۇلى جەھەتتە :
ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ، ۋاقتىڭىزنى چوقۇم مەركەزلەشتۈرۈپ تەكرارلىشىڭىز مۇھىم . مېنىڭچە ئەدلىيە ئىمتىھانىغا 4 – ئايدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشنى باشلىسىڭىز ، ھەر كۈنلىكى 50 بەتلىك مەزمۇن كۆرۈپ بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسىڭىز (تۈمەن ئۇلۇس 万国لىكسىيىسى ناملىق كىتابتىن ) مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىڭىزدىن قەتئىنەزەر مۇشۇ بويىچە ئۆگىنىش قىلسىڭىز بولىدۇ . تەكرارلاش ئارىلىقىدىكى ۋاقتىڭىز ئۇزۇراپ كەتمىسۇن ، ئۇنداق بولغاندا تەكرارلار ئالدىدىكى مەزمۇنلارنى ئۇنتۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى تەكرارلاپ ئۆگىنىش قىلسىڭىز تەكرارلاشتىن بۇرۇنقى مەزمۇنلارنى ئۇنتۇلۇپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ . مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى كاللىڭىزدا سېستىمىلىق ھالدا ئۆزلەشتۈرىۋىلىشىڭىز كېرەك . بۇنداق سېستىمىلىق ئۆزلەشتۈرىۋالسىڭىز كېيىنچە ھەر قانداق ئەھۋالغا يولۇقسىڭىزمۇ ، شۇ مەزمۇن توغرىلىق ئۇقۇملار كاللىڭىزدا ئەكىس ئىتىدۇ . پروفىسور لى جيەنۋىي (李建伟) نىڭ ئىمتىھان تەييارلىق قىلغۇچىلارغا قارىتا ئۆگىنىش قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا خۇلاسىلىگەنلىرى ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ : ئىمتىھاندا سىنايدىغان %80 مەزمۇن ئۆگىنىشكە تىگىشلىك مەزمۇنلارنىڭ %20 دە بولىدۇ . مەسىلەن ، بىر نەپەر ئىمتىھان بەرگۈچى ئەدلىيە ئىمتىھانى تەلەپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى پەقەت ئىككى قېتىم كۆرۈپ چىقسا ، بۇ كۆرۈپ چىققان مەزمۇنلارنىڭ %50 نى ئىسىدە تۇتسا ، ئومومى نۇمۇر بولغان 600 نۇمۇردىن 300 نۇمۇرغا ئىرىشەلەيدۇ . يەنە بىر يول ، ئەگەر ئۇ %20 مەزمۇننى 10 قېتىم كۆرۈپ چىقالىسا بۇ مەزمۇنلاردىن %80 مەزمۇننى ئىگەللىيەلىسە ، ئومومى نۇمۇر 600 نۇمۇر بولغان بۇ ئىمتىھاندا %64 نۇمۇرغا ئېرىشەلەيدۇ . ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشتىكى مەخپىيەتلىك دەل مانا شۇ يەردە .
ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىڭىز ، سىز مەڭگۈ ‹ۋاڭ تيەن مىڭنىڭ بوۋىسى 50 يىل بۇرۇن كۆمۈپ قويغان تەڭگىلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى كىمگە تەئەللۇق ؟ A بىر تۇياق كالىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن تۇغۇلغان موزاينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى كىمگە تەئەللۇق ؟ ›ب قاتارلىق غەلىتە ھادىسىلەرگە قارىتا تەسىراتلارغا ئېرىشەلمەيسىز . ئاخىرىدا ،كىلەر يىللىق دۆلەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغانلارغا تولۇق ئۇتۇق تىلەيمەن .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 01:21 AM